مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىنسان ئىنساننىڭ ھۆرمىتى 1

قۇرئاندا ئىنسان \ ئىنساننىڭ ھۆرمىتى

5 –  ئىنساننىڭ ھۆرمىتى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَقَدۡ كَرَّمۡنَا بَنِيٓ ءَادَمَ وَحَمَلۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡبَرِّ وَٱلۡبَحۡرِ وَرَزَقۡنَٰهُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ وَفَضَّلۡنَٰهُمۡ عَلَىٰ كَثِيرٖ مِّمَّنۡ خَلَقۡنَا تَفۡضِيلٗا  ٧٠﴾

«شۈبھىسىزكى، بىز ئادەم ئەۋلادىنى ھۆرمەتلىك قىلدۇق. ئۇلارنى قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا توشۇدۇق. ئۇلارغا پاك رىزىقلارنى بەردۇق. ئۇلارنى نۇرغۇن مەخلۇقاتىمىزدىن ئۈستۈن قىلدۇق»[1].‏

ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئىنسانغا قىلىنغان بۇ ھۆرمەت، مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرنىڭ دالالىتى بىلەن ماددىي ۋە مەنىۋى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

1)     ماددىي ھۆرمەت

ئاللاھ تائالانىڭ كائىناتتىكى جانلىق ۋە جانسىز بارلىق مەخلۇقاتنى ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىشى ۋە خىزمىتىگە سۇنۇشى، ئۇنىڭغا قىلغان ماددىي ھۆرمىتىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا ثُمَّ ٱسۡتَوَىٰٓ إِلَى ٱلسَّمَآءِ فَسَوَّىٰهُنَّ سَبۡعَ سَمَٰوَٰتٖۚ وَهُوَ بِكُلِّ شَيۡءٍ عَلِيمٞ  ٢٩﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئاندىن ئاسمانلارغا يۈزلىنىپ ئۇلارنى يەتتە ئاسمان قىلىپ تەكشىلىدى. ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر»[2]. ‏

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَأَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗ فَأَخۡرَجَ بِهِۦ مِنَ ٱلثَّمَرَٰتِ رِزۡقٗا لَّكُمۡۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡفُلۡكَ لِتَجۡرِيَ فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡأَنۡهَٰرَ  ٣٢ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ دَآئِبَيۡنِۖ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ  ٣٣ وَءَاتَىٰكُم مِّن كُلِّ مَا سَأَلۡتُمُوهُۚ وَإِن تَعُدُّواْ نِعۡمَتَ ٱللَّهِ لَا تُحۡصُوهَآۗ
إِنَّ ٱلۡإِنسَٰنَ لَظَلُومٞ كَفَّارٞ  ٣٤﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن سۇ چۈشۈرۈپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ سۇ ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بىلەن دېڭىزدا ئۈزۈشى ئۈچۈن كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى،‏ مۇنتىزىم ئايلىنىپ تۇرىدىغان قۇياشنى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، كېچە بىلەن كۈندۈزنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»[3].

﴿وَٱلۡأَنۡعَٰمَ خَلَقَهَاۖ لَكُمۡ فِيهَا دِفۡءٞ وَمَنَٰفِعُ وَمِنۡهَا تَأۡكُلُونَ  ٥ وَلَكُمۡ فِيهَا جَمَالٌ حِينَ تُرِيحُونَ وَحِينَ تَسۡرَحُونَ  ٦ وَتَحۡمِلُ أَثۡقَالَكُمۡ إِلَىٰ بَلَدٖ لَّمۡ تَكُونُواْ بَٰلِغِيهِ إِلَّا بِشِقِّ ٱلۡأَنفُسِۚ إِنَّ رَبَّكُمۡ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ  ٧ وَٱلۡخَيۡلَ وَٱلۡبِغَالَ وَٱلۡحَمِيرَ لِتَرۡكَبُوهَا وَزِينَةٗۚ وَيَخۡلُقُ مَا لَا تَعۡلَمُونَ  ٨ وَعَلَى ٱللَّهِ قَصۡدُ ٱلسَّبِيلِ وَمِنۡهَا جَآئِرٞۚ وَلَوۡ شَآءَ لَهَدَىٰكُمۡ أَجۡمَعِينَ  ٩ هُوَ ٱلَّذِيٓ أَنزَلَ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مَآءٗۖ لَّكُم مِّنۡهُ شَرَابٞ وَمِنۡهُ شَجَرٞ فِيهِ تُسِيمُونَ  ١٠ يُنۢبِتُ لَكُم بِهِ ٱلزَّرۡعَ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلنَّخِيلَ وَٱلۡأَعۡنَٰبَ وَمِن كُلِّ ٱلثَّمَرَٰتِۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ١١ وَسَخَّرَ لَكُمُ ٱلَّيۡلَ وَٱلنَّهَارَ وَٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَۖ وَٱلنُّجُومُ مُسَخَّرَٰتُۢ بِأَمۡرِهِۦٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ  ١٢ وَمَا ذَرَأَ لَكُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ مُخۡتَلِفًا أَلۡوَٰنُهُۥٓۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَةٗ لِّقَوۡمٖ يَذَّكَّرُونَ  ١٣ وَهُوَ ٱلَّذِي سَخَّرَ ٱلۡبَحۡرَ لِتَأۡكُلُواْ مِنۡهُ لَحۡمٗا طَرِيّٗا وَتَسۡتَخۡرِجُواْ مِنۡهُ حِلۡيَةٗ تَلۡبَسُونَهَاۖ وَتَرَى ٱلۡفُلۡكَ مَوَاخِرَ فِيهِ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٤ وَأَلۡقَىٰ فِي ٱلۡأَرۡضِ رَوَٰسِيَ أَن تَمِيدَ بِكُمۡ وَأَنۡهَٰرٗا وَسُبُلٗا لَّعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ  ١٥﴾

«ئاللاھ تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىمۇ ياراتتى. ئۇلاردا سىلەر ئۈچۈن ئىسسىتقۇچى نەرسىلەر ۋە باشقا مەنپەئەتلەر بار. ئۇلارنىڭ گۆشلىرىنى يەيسىلەر. ئۇلارنى كەچتە ئوتلاقتىن ئېلىپ كەلگەن ۋە ئەتىگەندە ئوتلاققا ئېلىپ بارغان چاغلىرىڭلاردا زوق ئالىسىلەر. ئۇلار سىلەر جاپا – مۇشەققەتسىز بارالمايدىغان يىراق جايلارغا يۈكلىرىڭلارنى توشۇيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭلار ھەقىقەتەن شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ ئاتلارنى، قېچىرلارنى، ئېشەكلەرنى سىلەر ئۈچۈن ئۇلاغ ھەمدە زىننەت قىلىپ ياراتتى. ئاللاھ يەنە سىلەر بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى يارىتىدۇ. ئاللاھ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن بەزىلەر ئۇ يولدىن ئېزىپ كېتىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئىدى، ھەممىڭلارنى توغرا يولنىڭ ئۈستىدە قىلاتتى. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسماندىن سىلەرگە سۇ چۈشۈرۈپ بەردى. سىلەر ئۇنىڭدىن ئىچىسىلەر، ماللىرىڭلارنى ئوتلىغىلى قويۇۋېتىدىغان ئوتلاقلىرىڭلارمۇ ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ يەنە ئۇ سۇ بىلەن سىلەر ئۈچۈن ئېكىنلەر، زەيتۇنلار، خورمىلار، ئۈزۈملەر ۋە خىلمۇخىل مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرمەكتە. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار[4]. ئاللاھ كېچە بىلەن كۈندۈزنى، قۇياش بىلەن ئاينى سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. يۇلتۇزلارمۇ ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا بويسۇندۇرۇلماقتا. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئەقلىنى ئىشلىتىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار. شۇنىڭدەك، ئاللاھ زېمىندا ياراتقان رەڭگارەڭ نەرسىلەرمۇ سىلەرگە خىزمەت قىلماقتا. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا ئويلىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەت بار. ئاللاھ شۇنداق زاتكى، دېڭىزنىمۇ سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلارغا سېلىپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۇنىڭدىن يېڭى گۆش يېيىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى چىقىرىشىڭلار ئۈچۈن – سەن ئۇنىڭدا سۇنى يېرىپ كېتىۋاتقان كېمىلەرنى كۆرىسەن – ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى تەۋرىتىۋەتمىسۇن دەپ زېمىندا مۇستەھكەم تاغلارنى قويدى، يولۇڭلارنى تاپالىشىڭلار ئۈچۈن ئۆستەڭلەر ۋە يوللارنى پەيدا قىلدى»[5].‏

﴿وَٱلۡبُدۡنَ جَعَلۡنَٰهَا لَكُم مِّن شَعَٰٓئِرِ ٱللَّهِ لَكُمۡ فِيهَا خَيۡرٞۖ فَٱذۡكُرُواْ ٱسۡمَ ٱللَّهِ عَلَيۡهَا صَوَآفَّۖ فَإِذَا وَجَبَتۡ جُنُوبُهَا فَكُلُواْ مِنۡهَا وَأَطۡعِمُواْ ٱلۡقَانِعَ وَٱلۡمُعۡتَرَّۚ كَذَٰلِكَ سَخَّرۡنَٰهَا لَكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ٣٦﴾

«بىز سىلەرگە قۇربانلىق قىلىدىغان گەۋدىلىك ھايۋانلىرىڭلارنى ئاللاھنىڭ نىشانلىرىدىن قىلىپ بەردۇق. سىلەر ئۈچۈن ئۇ ھايۋانلاردا ياخشىلىق بار. ئۇ ھايۋانلارنى قاتار تۇرغۇزۇپ قۇربانلىق قىلىشقا تەييار ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا بىسمىللاھ دەپ بوغۇزلاڭلار. ئۇلارنىڭ يانلىرى يەرگە چۈشۈپ جېنى چىققاندا ئۇلاردىن يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە ئېھتىياجىنى بىلدۈرگەن موھتاجلارغا يېگۈزۈڭلار. بىز ئۇ ھايۋانلارنى سىلەرگە ئەنە شۇنداق بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شۈكۈر قىلغايسىلەر»[6].‏

﴿أَلَمۡ تَرَ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَٱلۡفُلۡكَ تَجۡرِي فِي ٱلۡبَحۡرِ بِأَمۡرِهِۦ وَيُمۡسِكُ ٱلسَّمَآءَ أَن تَقَعَ عَلَى ٱلۡأَرۡضِ إِلَّا بِإِذۡنِهِۦٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بِٱلنَّاسِ لَرَءُوفٞ رَّحِيمٞ  ٦٥﴾

«كۆرمىدىڭمۇ؟ ئاللاھ زېمىندىكى نەرسىلەرنى ۋە بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەتلىرى بويىچە دېڭىزدا ئۈزۈۋاتقان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ ئاسماننى رۇخسىتى بولماستىن زېمىننىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كېتىشتىن ساقلاۋاتىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا شەپقەتلىكتۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[7].‏

﴿أَلَمۡ تَرَوۡاْ أَنَّ ٱللَّهَ سَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ وَأَسۡبَغَ عَلَيۡكُمۡ نِعَمَهُۥ ظَٰهِرَةٗ وَبَاطِنَةٗۗ وَمِنَ ٱلنَّاسِ مَن يُجَٰدِلُ فِي ٱللَّهِ بِغَيۡرِ عِلۡمٖ وَلَا هُدٗى وَلَا كِتَٰبٖ مُّنِيرٖ  ٢٠﴾

«كۆرمىدىڭلارمۇكى، ئاللاھ سىلەرگە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نېمەتلىرىنى كۆپ ئاتا قىلدى. ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ھېچبىر ئىلىمگە، ھېچبىر ھىدايەتكە ۋە ھېچبىر نۇرلۇق كىتابقا ئاساسلانماستىن ئاللاھ توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىدۇ»[8].‏

﴿ٱللَّهُ ٱلَّذِي سَخَّرَ لَكُمُ ٱلۡبَحۡرَ لِتَجۡرِيَ ٱلۡفُلۡكُ فِيهِ بِأَمۡرِهِۦ وَلِتَبۡتَغُواْ مِن فَضۡلِهِۦ وَلَعَلَّكُمۡ تَشۡكُرُونَ  ١٢ وَسَخَّرَ لَكُم مَّا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِ جَمِيعٗا مِّنۡهُۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ١٣﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، سىلەرگە دېڭىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. ئاللاھ بۇنى، ئۆزى بېكىتىپ قويغان قانۇنىيەت بويىچە دېڭىزدا كېمىلەرنىڭ ئۈزۈشى ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىشىڭلار ئۈچۈن ۋە شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن قىلدى. ئاللاھ يەنە ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تەرىپىدىن ئىنئام سۈپىتىدە سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئايەتلەر بار»[9].‏

2)     مەنىۋى ھۆرمەت

ئاللاھ تائالا ئىنسانىيەت تارىخى بويىچە ھەر قەۋمگە ئۆز ئىچىدىن ئەلچى (رەسۇل) ئەۋەتكەن، ئۇلارغا كىتاب نازىل قىلغان. ئۆزىنىڭ بەندىسى مۇھەممەد[10] ئەلەيھىسسالامنى بولسا، مەككە خەلقىدىن تاللاپ ئۇنى ئاخىرقى نەبىيسى قىلغان[11]، شۇنداقلا قىيامەتكە قەدەر پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن[12]. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانغا قىلغان مەنىۋى ھۆرمىتىدۇر.

مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿كَانَ ٱلنَّاسُ أُمَّةٗ وَٰحِدَةٗ فَبَعَثَ ٱللَّهُ ٱلنَّبِيِّينَ مُبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ وَأَنزَلَ مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ بِٱلۡحَقِّ لِيَحۡكُمَ بَيۡنَ ٱلنَّاسِ فِيمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِۚ وَمَا ٱخۡتَلَفَ فِيهِ إِلَّا ٱلَّذِينَ أُوتُوهُ مِنۢ بَعۡدِ مَا جَآءَتۡهُمُ ٱلۡبَيِّنَٰتُ بَغۡيَۢا بَيۡنَهُمۡۖ فَهَدَى ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِمَا ٱخۡتَلَفُواْ فِيهِ مِنَ ٱلۡحَقِّ بِإِذۡنِهِۦۗ وَٱللَّهُ يَهۡدِي مَن يَشَآءُ إِلَىٰ صِرَٰطٖ مُّسۡتَقِيمٍ  ٢١٣﴾

«ئىنسانلار بىر ئۇممەت ئىدى. ئاندىن ئاللاھ خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى نەبىيلەرنى ئەۋەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ھەقنى كۆرسىتىدىغان كىتابنى، ئىنسانلار ئۆزئارا ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقارسۇن دەپ نازىل قىلدى. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئۆز ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن كىتاب توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشتى. ئاندىن ئاللاھ ئۆزىنىڭ بىلدۈرۈشى ئارقىلىق، ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان ھەقنى مۇئمىنلارغا كۆرسەتتى. ئاللاھ خالىغان كىشىنى توغرا يولغا باشلايدۇ»[13]. ‏

﴿إِنَّآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَيۡكَ كَمَآ أَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰ نُوحٖ وَٱلنَّبِيِّ‍ۧنَ مِنۢ بَعۡدِهِۦۚ وَأَوۡحَيۡنَآ إِلَىٰٓ إِبۡرَٰهِيمَ وَإِسۡمَٰعِيلَ وَإِسۡحَٰقَ وَيَعۡقُوبَ وَٱلۡأَسۡبَاطِ وَعِيسَىٰ وَأَيُّوبَ وَيُونُسَ وَهَٰرُونَ وَسُلَيۡمَٰنَۚ وَءَاتَيۡنَا دَاوُۥدَ زَبُورٗا  ١٦٣ وَرُسُلٗا قَدۡ قَصَصۡنَٰهُمۡ عَلَيۡكَ مِن قَبۡلُ وَرُسُلٗا لَّمۡ نَقۡصُصۡهُمۡ عَلَيۡكَۚ وَكَلَّمَ ٱللَّهُ مُوسَىٰ تَكۡلِيمٗا  ١٦٤ رُّسُلٗا مُّبَشِّرِينَ وَمُنذِرِينَ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَى ٱللَّهِ حُجَّةُۢ بَعۡدَ ٱلرُّسُلِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمٗا  ١٦٥﴾

«ئى مۇھەممەد! شۈبھىسىزكى، بىز نۇھقا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەبىيلەرگە ۋەھىي قىلغاندەك ساڭا ۋەھىي قىلدۇق. بىز ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب، ئۇنىڭ نەۋرىلىرى، ئىيسا، ئەييۇب، يۇنۇس، ھارۇن ۋە سۇلەيمانلارغىمۇ ۋەھىي قىلغان ئىدۇق. بىز  داۋۇدقا زەبۇر بەرگەن ئىدۇق. بىز بۇنىڭدىن ئىلگىرى قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلغان ئەلچىلەرنى ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز قىسسەلىرىنى ساڭا بايان قىلمىغان ئەلچىلەرنىمۇ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئاللاھ مۇساغا گەپ قىلدى. بىز ئۇلارنى خۇش خەۋەر بەرگۈچىلەر ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچىلار قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. بىز بۇنى ئىنسانلارنىڭ ئۇ ئەلچىلەردىن كېيىن ئاللاھقا قارشى ھېچ باھانىسى بولمىسۇن دەپ قىلدۇق. ئاللاھ ئەزىزدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[14].

﴿لَقَدۡ أَرۡسَلۡنَا رُسُلَنَا بِٱلۡبَيِّنَٰتِ وَأَنزَلۡنَا مَعَهُمُ ٱلۡكِتَٰبَ وَٱلۡمِيزَانَ لِيَقُومَ ٱلنَّاسُ بِٱلۡقِسۡطِۖ وَأَنزَلۡنَا ٱلۡحَدِيدَ فِيهِ بَأۡسٞ شَدِيدٞ وَمَنَٰفِعُ لِلنَّاسِ وَلِيَعۡلَمَ ٱللَّهُ مَن يَنصُرُهُۥ وَرُسُلَهُۥ بِٱلۡغَيۡبِۚ إِنَّ ٱللَّهَ قَوِيٌّ عَزِيزٞ  ٢٥﴾

«بىز ئەلچىلىرىمىزنى روشەن دەلىللەر بىلەن ئەۋەتتۇق، ئىنسانلار ئادالەتنى بەرپا قىلسۇن دەپ ئۇ ئەلچىلەرگە كىتابنى ۋە مىزاننى نازىل قىلدۇق. بىز تۆمۈرنىمۇ نازىل قىلدۇق، ئۇنىڭدا شىددەتلىك كۈچ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن مەنپەئەتلەر بار. بۇ ئاللاھنىڭ، ئۆزىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۆزىگە ۋە ئەلچىلىرىگە ياردەم بېرىدىغانلارنى بىلىشى ئۈچۈندۇر. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ كۈچلۈكتۇر، ئەزىزدۇر»[15].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلرَّسُولُ بِٱلۡحَقِّ مِن رَّبِّكُمۡ ف فَ‍َٔامِنُواْ خَيۡرٗا لَّكُمۡۚ وَإِن تَكۡفُرُواْ فَإِنَّ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۚ وَكَانَ ٱللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمٗا  ١٧٠﴾

«ئى ئىنسانلار! بۇ رەسۇل سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەقنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنداقتا ئىمان ئېيتىڭلار، سىلەر ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كافىر بولساڭلار، بىلىڭلاركى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[16].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُم بُرۡهَٰنٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَأَنزَلۡنَآ إِلَيۡكُمۡ نُورٗا مُّبِينٗا  ١٧٤﴾

«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن كەسكىن دەلىل كەلدى. بىز سىلەرگە پارلاق نۇر نازىل قىلدۇق»[17].

﴿قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنِّي رَسُولُ ٱللَّهِ إِلَيۡكُمۡ جَمِيعًا ٱلَّذِي لَهُۥ مُلۡكُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۖ لَآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَ يُحۡيِۦ وَيُمِيتُۖ فَ‍َٔامِنُواْ بِٱللَّهِ وَرَسُولِهِ ٱلنَّبِيِّ ٱلۡأُمِّيِّ ٱلَّذِي يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَكَلِمَٰتِهِۦ وَٱتَّبِعُوهُ لَعَلَّكُمۡ تَهۡتَدُونَ  ١٥٨﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىسىمەن. ئۇ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. ئۇ ھالدا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ نەبىي ۋە ئۇممىي بولغان، ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىدىغان ئەلچىسىگە ئىشىنىڭلار ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار،  ھىدايەت تاپالايسىلەر»[18].‏

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَتۡكُم مَّوۡعِظَةٞ مِّن رَّبِّكُمۡ وَشِفَآءٞ لِّمَا فِي ٱلصُّدُورِ وَهُدٗى وَرَحۡمَةٞ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ  ٥٧﴾

«ئى ئىنسانلار! سىلەرگە رەببىڭلاردىن نەسىھەت، دىللاردىكى دەردلەرگە شىپا، مۇئمىنلارغا ھىدايەت ۋە رەھمەت كەلدى»[19].‏

﴿قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ قَدۡ جَآءَكُمُ ٱلۡحَقُّ مِن رَّبِّكُمۡۖ فَمَنِ ٱهۡتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهۡتَدِي لِنَفۡسِهِۦۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيۡهَاۖ وَمَآ أَنَا۠ عَلَيۡكُم بِوَكِيلٖ  ١٠٨﴾

«ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى سىلەرگە رەببىڭلاردىن ھەق كەلدى. كىم ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىم ئېزىپ كېتىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا ۋەكىل ئەمەسمەن»[20].‏

﴿قُلۡ يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّاسُ إِنَّمَآ أَنَا۠ لَكُمۡ نَذِيرٞ مُّبِينٞ  ٤٩﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ئى ئىنسانلار! مەن سىلەر ئۈچۈن پەقەت ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»[21].‏

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 39 – 48.

[1] 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت.

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت.

[3] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەتلەر.

[4]  يەنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىل بار.

[5] 16 – سۈرە نەھل، 5 ~  15 – ئايەتلەر.

[6] 22 – سۈرە ھەج ، 36 – ئايەت.

[7] 22 – سۈرە ھەج ، 65 – ئايەت.

[8] 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ئايەت.

[9] 45 – سۈرە جاسىيە، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[10] ئاللاھ تائالا بىرقانچە ئايەتتە قۇرئاننى بەندىسىگە نازىل قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ (قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 23 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 1 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 10 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 9 – ئايەت). بىرقانچە ئايەتتە بولسا ئۇ بەندىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ (قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 144 – ئايەت؛ 33 – سۈرە ئەھزاب 40 – ئايەت؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 2 – ئايەت؛ 48 – سۈرە فەتھ، 29 – ئايەت).

[11] قاراڭ: 33 – سۈرە ئەھزاب، 40 – ئايەت.

[12] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 19 – ، 90 – ۋە 92 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت؛ 12 – سۈرە يۇسۇف، 104 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 107 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ،  28 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 87 – ئايەت؛ 62 – سۈرە جۇمۇئە، 2 – ئايەت؛ 68 – سۈرە قەلەم، 52 – ئايەت؛ 81 – سۈرە تەكۋىر، 27 – ئايەت.

[13] 2 – سۈرە بەقەرە ، 213 – ئايەت.

[14] 4 – سۈرە نىسا ، 163 ~ 165 – ئايەتلەر.

[15] 57 – سۈرە ھەدىد ، 25 – ئايەت.

[16] 4 – سۈرە نىسا ، 170 – ئايەت.

[17] 4 – سۈرە نىسا ، 174 – ئايەت.

[18] 7 – سۈرە ئەئراف، 158 – ئايەت.

[19] 10 – سۈرە يۇنۇس، 57 – ئايەت.

[20] 10 – سۈرە يۇنۇس، 108 – ئايەت.

[21] 22 – سۈرە ھەج ، 49 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر