مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىنسان ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى 1

قۇرئاندا ئىنسان \ ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى

9 – ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى

دۇنياغا كەلگەن ھەر ئىنسان ئۆلىدۇ، ئاخىرەتتە قايتا تىرىلدۈرۈلىدۇ، بىر يەرگە جەم قىلىنىدۇ ۋە ھېساب ئېلىنىدۇ. ئىنسان بۇ باسقۇچلاردا يا «ياخشى» ياكى «يامان» دەپ ئايرىلىدۇ. دەرۋەقە، پۈتۈن ئىنسانلار ئۆلۈم ئەسناسىدا «ئۆزىگە زۇلۇم قىلىۋاتقان ھالەتتىكىلەر، پاك ھالەتتىكىلەر»[1]، مەھشەرگە ئېلىپ مېڭىلغاندا «كۆزلىرى كور ھالەتتە، گۇناھ يۈكلىرىنى يۈدۈپ ماڭىدىغانلار، كۆزلىرى كۆرىدىغان ۋە دۈمبىسىدە گۇناھ يۈكى يوق ھالەتتە ماڭىدىغانلار»[2]، مەھشەر مەيدانىدا «يۈزى ئاقىرىدىغانلار، يۈزى قارىيىدىغانلار»[3]، «كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلىدىغانلار، كىتابى ئارقا تەرىپىدىن سول قولىغا بېرىلىدىغانلار»[4] بولۇپ ئىككى پىرقىگە ئايرىلىدۇ، شۇنداقلا ياخشىلار پىرقىسى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، يامانلار پىرقىسى دوزاخقا تاشلىنىدۇ[5]. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا بۇ باسقۇچلارنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1.      ئۆلۈش (مەۋت)

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿كُلُّ نَفۡسٖ ذَآئِقَةُ ٱلۡمَوۡتِۗ وَإِنَّمَا تُوَفَّوۡنَ أُجُورَكُمۡ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۖ فَمَن زُحۡزِحَ عَنِ ٱلنَّارِ وَأُدۡخِلَ ٱلۡجَنَّةَ فَقَدۡ فَازَۗ وَمَا ٱلۡحَيَوٰةُ ٱلدُّنۡيَآ إِلَّا مَتَٰعُ ٱلۡغُرُورِ  ١٨٥﴾

«ھەر نەفس ئۆلۈمنى تېتىغۇچىدۇر. شۈبھىسىزكى، قىيامەت كۈنى سىلەرگە ئەجرىڭلار تولۇق بېرىلىدۇ. ئۇ كۈنى دوزاختىن يىراق قىلىنىپ جەننەتكە كىرگۈزۈلگەن كىشى ھەقىقەتەن نىجاتلىققا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ دۇنيا ھاياتى ئالدىغۇچى مەنپەئەتتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر»[6].

1)     بىر – بىرلەپ ئۆلۈش

ئاللاھ تائالا ئاسمان – زېمىن ۋە ئۇلاردىكى مەخلۇقاتلارنى، ئەجەللىرىنى بەلگىلەپ ياراتقان. شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيادا ئەجىلى توشقان ھايۋانلار ئۆلۈپ يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىسى تۇغۇلۇپ تۇرىدۇ، ئەجىلى توشقان ئۆسۈملۈكلەر يوق بولۇپ يەنە بىر تەرەپتىن يېڭىسى ياشىرىپ تۇرىدۇ. بۇ ئىش ئاسمان – زېمىننىڭ ئەجىلى توشقۇچە بۇ شەكىلدە داۋاملىشىدۇ[7]. جۈملىدىن ئىنسانمۇ شۇنداق بولىدۇ[8].

ئىنسان بەدەن، جان ۋە روھنىڭ بىرىكمىسىدىن ھاسىل بولغان مەخلۇقتۇر[9]. ئىنسان ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن چاغدا ئۇنىڭ بەدىنىدىن ئايرىلغان نەرسە روھتۇر. ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى جانلىق (ھايات) بولىدۇ، ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى جانسىز (ئۆلۈك) بولىدۇ. ئىنساننىڭ ئۇخلىغان ۋە ئۆلگەن تەرىپى بەدىنىدۇر. روھ ھەم ئۇخلىمايدۇ، ھەم ئۆلمەيدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِي يَتَوَفَّىٰكُم بِٱلَّيۡلِ وَيَعۡلَمُ مَا جَرَحۡتُم بِٱلنَّهَارِ ثُمَّ يَبۡعَثُكُمۡ فِيهِ لِيُقۡضَىٰٓ أَجَلٞ مُّسَمّٗىۖ ثُمَّ إِلَيۡهِ مَرۡجِعُكُمۡ ثُمَّ يُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ٦٠﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، كېچىسى روھىڭلارنى ئېلىپ سىلەرنى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن ئەجەلنىڭ توشۇشى ئۈچۈن كۈندۈزدە روھىڭلارنى ئەۋەتىپ سىلەرنى ئويغىتىدۇ. ئاندىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ»[10].

﴿ٱللَّهُ يَتَوَفَّى ٱلۡأَنفُسَ حِينَ مَوۡتِهَا وَٱلَّتِي لَمۡ تَمُتۡ فِي مَنَامِهَاۖ فَيُمۡسِكُ ٱلَّتِي قَضَىٰ عَلَيۡهَا ٱلۡمَوۡتَ وَيُرۡسِلُ ٱلۡأُخۡرَىٰٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ مُّسَمًّىۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَأٓيَٰتٖ لِّقَوۡمٖ يَتَفَكَّرُونَ  ٤٢﴾

«ئاللاھ ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۆلگەن چېغىدا، ئۆلمىگەنلەرنىڭ روھلىرىنى ئۇخلىغان چېغىدا ئالىدۇ. ئاندىن ئۆلۈمىگە ھۆكۈم قىلغان روھلارنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە باشقىلارنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدا تەپەككۇر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەر بار»[11].

دېمەك، ئۇخلىغان ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى ئويغانغاندا بىرلىشىدۇ. ئۆلگەن ئىنساننىڭ بەدىنى بىلەن روھى بولسا ئاخىرەتتە بەدەن قايتا تىرىلدۈرۈلۈپ جانلانغاندا بىرلىشىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەت تەكىتلەيدۇ:

﴿وَإِذَا ٱلنُّفُوسُ زُوِّجَتۡ  ٧﴾

«روھلار بىلەن بەدەنلەر بىر – بىرىگە قوشۇلغان چاغدا»[12].

 يۇقىرىدىكى ئايەتلەر دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقانغا قەدەر ئىنسانلارنىڭ بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئىنساننىڭ ئۆلگەن ۋە ئۇخلىغان تەرىپىنىڭ بەدىنى، ئۆلگەن ۋە ئۇخلىغان چېغىدا ئايرىلغان تەرىپىنىڭ روھى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

‏ئۆلگەن ئىنساننىڭ روھىنى مۇئەككەل پەرىشتە ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ[13]. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿قُلۡ يَتَوَفَّىٰكُم مَّلَكُ ٱلۡمَوۡتِ ٱلَّذِي وُكِّلَ بِكُمۡ ثُمَّ إِلَىٰ رَبِّكُمۡ تُرۡجَعُونَ  ١١﴾

«ئېيتقىنكى: سىلەرنى، سىلەرگە مۇئەككەل قىلىنغان ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋاپات قىلدۇرىدۇ، ئاندىن رەببىڭلارنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىسىلەر»[14].‏

﴿ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ ظَالِمِيٓ أَنفُسِهِمۡۖ فَأَلۡقَوُاْ ٱلسَّلَمَ مَا كُنَّا نَعۡمَلُ مِن سُوٓءِۢۚ بَلَىٰٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمُۢ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ٢٨﴾

«ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلىۋاتقاندا پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان كىشىلەردۇر. ئۇ چاغدا ئۇلار: ‹بىز ھېچ يامانلىق قىلمىغان ئىدۇق‹ دەپ تەسلىم بولىدۇ. ئۇلارغا: ‹ئۇنداق ئەمەس، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى ئوبدان بىلىدۇ› دېيىلىدۇ»[15].

﴿ٱلَّذِينَ تَتَوَفَّىٰهُمُ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ طَيِّبِينَ يَقُولُونَ سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمُ ٱدۡخُلُواْ ٱلۡجَنَّةَ بِمَا كُنتُمۡ تَعۡمَلُونَ  ٣٢﴾

«ئۇلار پاك تۇرغان چاغدا پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان كىشىلەردۇر. پەرىشتىلەر ئۇلارغا: ‹سالام سىلەرگە! جەننەتكە كىرىڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار!› دەيدۇ»[16].

يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتتە ۋاپات قىلدۇرۇشقا مۇئەككەل بىر پەرىشتە زىكىر قىلىنىدۇ. كېيىنكى ئىككى ئايەتتە بولسا ۋاپات قىلدۇرىغان پەرىشتىلەر كۆپلۈك شەكىلدە زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ ۋاپات قىلدۇرۇشقا بىر پەرىشنىڭ مەسئۇل قىلىندىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدا ياردەمچىلىرىنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

(1)    روھنىڭ ئاقىۋىتى

ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى روھنى ئېلىپ ئاللاھ تائالاغا تاپشۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇنى ئۆزى خالىغان جايغا قويىدۇ[17].

روھلار قىيامەتكە قەدەر ئاللاھ تائالا بەلگىلەپ قويغان يەردە تۇرىدۇ. بۇ يەردە مۇئمىنلارنىڭ روھلىرى ھۇزۇر – ھالاۋەت كۆرىدۇ. كاپىرلارنىڭ روھلىرى بولسا ئازاب – ئوقۇبەت چېكىدۇ. روھلار كىمنىڭ روھى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈمدىن كېيىنلا پۇشايمان قىلىشقا ۋە دۇنياغا قايتىپ ئوبدان تەييارلىق قىلىشنى ئارزۇ قىلىشقا باشلايدۇ.

①      يامانلارنىڭ روھى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَ أَحَدَهُمُ ٱلۡمَوۡتُ قَالَ رَبِّ ٱرۡجِعُونِ  ٩٩ لَعَلِّيٓ أَعۡمَلُ صَٰلِحٗا فِيمَا تَرَكۡتُۚ كَلَّآۚ إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَآئِلُهَاۖ وَمِن وَرَآئِهِم بَرۡزَخٌ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ  ١٠٠﴾

«ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: ‹رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا.‏ ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن‹. ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپتۇر. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا، ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر توسۇق بار»[18].‏

بۇ ئايەت يامانلارنىڭ، ئۆلگەن چاغلىرىنىڭ ئۆزىدىلا ئاقىۋىتىنىڭ نېمە بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

﴿وَمَنۡ أَظۡلَمُ مِمَّنِ ٱفۡتَرَىٰ عَلَى ٱللَّهِ كَذِبًا أَوۡ قَالَ أُوحِيَ إِلَيَّ وَلَمۡ يُوحَ إِلَيۡهِ شَيۡءٞ وَمَن قَالَ سَأُنزِلُ مِثۡلَ مَآ أَنزَلَ ٱللَّهُۗ وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذِ ٱلظَّٰلِمُونَ فِي غَمَرَٰتِ ٱلۡمَوۡتِ وَٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ بَاسِطُوٓاْ أَيۡدِيهِمۡ أَخۡرِجُوٓاْ أَنفُسَكُمُۖ ٱلۡيَوۡمَ تُجۡزَوۡنَ عَذَابَ ٱلۡهُونِ بِمَا كُنتُمۡ تَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ غَيۡرَ ٱلۡحَقِّ وَكُنتُمۡ عَنۡ ءَايَٰتِهِۦ تَسۡتَكۡبِرُونَ  ٩٣﴾

«ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق: ‹ماڭا ۋەھىي قىلىندى› دېگەن ۋە: ‹مەنمۇ ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنىڭ ئوخشىشىنى نازىل قىلالايمەن‹ دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئى مۇھەممەد! بۇ زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا بىر كۆرسەڭ!.. ئۇ چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا قوللىرىنى سوزۇپ: ‹قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار‹ دەيدۇ[19].‏

﴿وَلَوۡ تَرَىٰٓ إِذۡ يَتَوَفَّى ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ يَضۡرِبُونَ وُجُوهَهُمۡ وَأَدۡبَٰرَهُمۡ وَذُوقُواْ عَذَابَ ٱلۡحَرِيقِ  ٥٠﴾

«سەن ئۇ كافىرلارنىڭ پەرىشتىلەر ۋاپات قىلدۇرغان چاغدىكى ئەھۋالىنى بىر كۆرگەن بولساڭ! ئۇ ئەسنادا پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرىدۇ ۋە مۇنداق دەيدۇ: «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار»[20].

بىرىنچى ئايەتتىكى «قېنى روھلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر. چۈنكى سىلەر ئاللاھقا نالايىق سۆزلەرنى قىلاتتىڭلار ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمەيتتىڭلار» دېگەن ئىپادە، ئىككىنچى ئايەتتىكى «كۆيدۈرگۈچى ئازابنى تېتىڭلار» دېگەن ئىپادە، ئۆلۈم پەرىشتىلىرى يامانلارغا، ئۇلارنىڭ روھلىرىنى ئالغان چاغدا ئېيتىدىغان سۆزدۇر.

②      ياخشىلارنىڭ روھى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَنفِقُواْ مِن مَّا رَزَقۡنَٰكُم مِّن قَبۡلِ أَن يَأۡتِيَ أَحَدَكُمُ ٱلۡمَوۡتُ فَيَقُولَ رَبِّ لَوۡلَآ أَخَّرۡتَنِيٓ إِلَىٰٓ أَجَلٖ قَرِيبٖ فَأَصَّدَّقَ وَأَكُن مِّنَ ٱلصَّٰلِحِينَ  ١٠﴾

«بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ: ‹رەببىم! مېنى نېمىشقا ئازغىنە ۋاقىت كېچىكتۈرمىدىڭ، سەدىقە قىلار ئىدىم، ياخشىلاردىن بولار ئىدىم› دېيىشتىن ئىلگىرى، بىز سىلەرگە بەرگەن رىزىقتىن چىقىم قىلىڭلار»[21].

بۇ ئايەت ياخشىلارنىڭ ئۆلگەن چېغىنىڭ ئۆزىدە كەتكۈزۈپ قويغان يەرلىرىنى تونۇپ يېتىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

﴿وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ قُتِلُواْ فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ أَمۡوَٰتَۢاۚ بَلۡ أَحۡيَآءٌ عِندَ رَبِّهِمۡ يُرۡزَقُونَ  ١٦٩ فَرِحِينَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ وَيَسۡتَبۡشِرُونَ بِٱلَّذِينَ لَمۡ يَلۡحَقُواْ بِهِم مِّنۡ خَلۡفِهِمۡ أَلَّا خَوۡفٌ عَلَيۡهِمۡ وَلَا هُمۡ يَحۡزَنُونَ  ١٧٠ يَسۡتَبۡشِرُونَ بِنِعۡمَةٖ مِّنَ ٱللَّهِ وَفَضۡلٖ وَأَنَّ ٱللَّهَ لَا يُضِيعُ أَجۡرَ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ  ١٧١﴾

«ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنى ئۆلۈك دەپ ئويلىمىغىن! بەلكى ئۇلار رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا تىرىكتۇر، بېرىلگەن رىزىقتىن بەھرىمەن بولماقتىدۇر،‏ ئاللاھ ئاتا قىلغان نېمەتلەر بىلەن خۇرسەن بولماقتىدۇر. ئۇلار، ئۆزلىرىگە ئارقىلىرىدىن يېتىشمىگەنلەرگە: ‹سىلەرگە ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ھەمدە قايغۇرمايسىلەر› دەپ خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.‏ ئۇلار ئاللاھنىڭ نېمىتى، پەزلى ۋە ئاللاھنىڭ مۇئمىنلارنىڭ ئەجرىنى زايە قىلىۋەتمەيدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ»[22].‏

بۇ ئايەتلەر «ئاللاھ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەر»نىڭ تېخى قىيامەت قايىم بولماستىن نېمەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى، بۇنى دۇنيادا قالغان قېرىنداشلىرىغا خەۋەر قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىدۇ.

(2)    ‏بەدەننىڭ ئاقىۋىتى‏

بەدەنگە كەلسەك،  ئۇ زېمىنغا دەپنە قىلىنىدۇ (كۆمۈلىدۇ). ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى ئىنسانىيەتكە دەسلەپتە بىر قاغا ئەۋەتىپ ئۆگەتكەن. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿فَبَعَثَ ٱللَّهُ غُرَابٗا يَبۡحَثُ فِي ٱلۡأَرۡضِ لِيُرِيَهُۥ كَيۡفَ يُوَٰرِي سَوۡءَةَ أَخِيهِۚ قَالَ يَٰوَيۡلَتَىٰٓ أَعَجَزۡتُ أَنۡ أَكُونَ مِثۡلَ هَٰذَا ٱلۡغُرَابِ فَأُوَٰرِيَ سَوۡءَةَ أَخِيۖ فَأَصۡبَحَ مِنَ ٱلنَّٰدِمِينَ  ٣١﴾

«ئۇ ئەسنادا ئاللاھ بىر قاغا ئەۋەتتى، قاغا يەرنى چوقۇيتتى. بۇ ئۇنىڭغا قېرىندىشىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆمۈشنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىدى. ئۇ: ‹ۋاي ئىسىت! مۇشۇ قاغىچىلىك بولۇپ، قېرىندىشىمنىڭ جەسىتىنى كۆمەلمەپتىمەن!› دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۇشايمان قىلغۇچىلاردىن بولۇپ قالدى»[23].‏

تۆۋەندىكى ئايەتلەرمۇ جەسەتنىڭ زېمىنغا دەپنە قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ:

﴿مِنۡهَا خَلَقۡنَٰكُمۡ وَفِيهَا نُعِيدُكُمۡ وَمِنۡهَا نُخۡرِجُكُمۡ تَارَةً أُخۡرَىٰ  ٥٥﴾

«بىز سىلەرنى زېمىندىن ياراتتۇق، سىلەرنى زېمىننىڭ ئىچىگە قايتۇرىمىز، سىلەرنى يەنە بىر قېتىم زېمىندىن چىقىرىمىز»[24]. ‏

﴿أَلَمۡ نَجۡعَلِ ٱلۡأَرۡضَ كِفَاتًا  ٢٥ أَحۡيَآءٗ وَأَمۡوَٰتٗا  ٢٦﴾

«بىز زېمىننى، تىرىكلەرنى ۋە ئۆلۈكلەرنى قوينىغا ئالىدىغان قىلمىدۇقمۇ؟»[25]،

﴿ثُمَّ أَمَاتَهُۥ فَأَقۡبَرَهُۥ  ٢١﴾

«ئاندىن ئۇنى ئەلۋەتتە ئۆلتۈرۈپ قەبرىگە قويىدۇ»[26].

جەسەت ئەگەر مۇسۇلماننىڭ جەسىتى بولسا، مېيىت ئۈچۈن دۇئا ماھىيىتىدە بىر تۈرلۈك ناماز ئوقۇلۇپ، ئاندىن زېمىنغا دەپنە قىلىنىدۇ[27].

2)     ئومۇميۈزلۈك ئۆلۈش

ئىنساننىڭ بىر تەرەپتىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆلۈپ تۇرۇشى بۇ دۇنيانىڭ ئەجىلى توشقانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. تاكى قىيامەتنىڭ باشلىنىشى بولغان «سۇر چېلىنىش» ئەمەلىيلەشكەندە، ھايات بولغان ئىنسانلار قورقۇنچتىن[28] تۇرغان يەرلىرىدە ئۆلىدۇ[29].

2.      قايتا تىرىلىش (بەئس)

ئاندىن ئاللاھ تائالا خالىغان مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم «سۇر چېلىنىش» ئەمەلىيلىشىدۇ[30]. بۇ چاغدا ئىنسانلارنىڭ جەسەتلىرى جانلىنىدۇ[31]، روھلىرى بىلەن بىرلىشىپ تىرىلىدۇ[32]، ئورنىدىن تۇرىدۇ[33] ۋە يامانلار تېڭىرقىغانلىقتىن باشتا ئۆزلىرىنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقىنى ئويلايدۇ، ئاندىن ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالُواْ يَٰوَيۡلَنَا مَنۢ بَعَثَنَا مِن مَّرۡقَدِنَاۜۗ هَٰذَا مَا وَعَدَ ٱلرَّحۡمَٰنُ وَصَدَقَ ٱلۡمُرۡسَلُونَ ٥٢﴾

«ئۇلار: ‹ۋايجان، بىزنى ئۇخلاۋاتقان يېرىمىزدىن كىم قوزغىدى؟ بۇ رەھمان بېشىمىزغا كېلىشىنى سۆزلىگەن نەرسىدۇر. دېمەك، ئەلچىلەر توغرا سۆزلىگەن ئىكەن› دەيدۇ»»[34].

3.      مەھشەرگە ئېلىپ مېڭىلىش

بۇ ئەسنادا ھەر ئىنساننىڭ يېنىغا ئىككى پەرىشتە ھازىر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى ھەيدەپ ماڭغۇچى، يەنە بىرى گۇۋاھچىدۇر[35]. ئاندىن «ھەر كىشى ئۆز ئىمامى بىلەن مەھشەرگاھقا كەلتۈرۈلسۇن» دەپ نىدا قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَوۡمَ نَدۡعُواْ كُلَّ أُنَاسِۢ بِإِمَٰمِهِمۡۖ فَمَنۡ أُوتِيَ كِتَٰبَهُۥ بِيَمِينِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ يَقۡرَءُونَ كِتَٰبَهُمۡ وَلَا يُظۡلَمُونَ فَتِيلٗا  ٧١﴾

«كۈن كېلىدۇ، بىز ھەر گۇرۇھنى ئۆز يولباشچىسى بىلەن چاقىرىمىز. كىتابى ئوڭ قولىغا بېرىلگەنلەر كىتابلىرىنى ئوقۇيدۇ ۋە قىلچە زۇلۇمغا ئۇچرىمايدۇ»[36].

﴿يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِ فَتَأۡتُونَ أَفۡوَاجٗا  ١٨﴾

«ئۇ كۈنى سۇر چېلىنىدۇ. سىلەر توپ – توپ بولۇپ كېلىسىلەر»[37].

شۇنىڭ بىلەن يامانلار قەبرىلىرىدىن خۇددى چېچىلىپ كەتكەن چېكەتكىلەردەك چىقىدۇ. ئاندىن گۇرۇھلارغا ئايرىلىدۇ ۋە مەھشەر مەيدانىغا ئىتتىك ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئۇلار كۆزلىرى كۆپكۆك، كور ۋە چەكچىيىپ كەتكەن ھالەتتە ھەمدە گۇناھلىرىنى دۈمبىسىدە يۈدىگەن ھالەتتە يۈزلىرى بىلەن تېز ماڭىدۇ، مېڭىۋېتىپ «بۇ قىيىن كۈندۇر» دەيدۇ ۋە دۇنيادا قانچىلىك تۇرغانلىقى ھەققىدە ئۆزئارا پىچىرلىشىدۇ. ئۇلار ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇپ يەتكەندە ئۆزلىرىنى دۇنيادا يېرىم كۈن تۇرغاندەك[38]، مەھشەرگە يىغىلغاندا بولسا كۈندۈزدىن ئازغىنە ۋاقىت تۇرغاندەك[39] ھېس قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿فَتَوَلَّ عَنۡهُمۡۘ يَوۡمَ يَدۡعُ ٱلدَّاعِ إِلَىٰ شَيۡءٖ نُّكُرٍ  ٦ خُشَّعًا أَبۡصَٰرُهُمۡ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ كَأَنَّهُمۡ جَرَادٞ مُّنتَشِرٞ  ٧ مُّهۡطِعِينَ إِلَى ٱلدَّاعِۖ يَقُولُ ٱلۡكَٰفِرُونَ هَٰذَا يَوۡمٌ عَسِرٞ  ٨﴾

«ئى مۇھەممەد! ئۇ ھالدا ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن. كۈن كېلىدۇ، ئۇ كۈنى چاقىرغۇچى ناتۇنۇش بىر نەرسىگە چاقىرىدۇ. ئۇلار كۆزلىرى خۇنۇكلەشكەن ۋە يەرگە تىكىلىپ قالغان ھالەتتە قەبرىلىرىدىن چىقىدۇ، ئۇلار خۇددى ھەر تەرەپكە يېيىلغۇچى چېكەتكىگە ئوخشايدۇ. ئۇلار چاقىرغۇچى تەرەپكە بويۇنلىرىنى سوزغان ۋە كۆزلىرىنى بىر نۇقتىغا تىككەن ھالدا يۈگۈرىدۇ. كافىرلار: ‹بۇ قىيىن كۈندۇر‹ دەيدۇ‏»[40].

﴿يَوۡمَ يُنفَخُ فِي ٱلصُّورِۚ وَنَحۡشُرُ ٱلۡمُجۡرِمِينَ يَوۡمَئِذٖ زُرۡقٗا  ١٠٢ يَتَخَٰفَتُونَ بَيۡنَهُمۡ إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا عَشۡرٗا  ١٠٣ نَّحۡنُ أَعۡلَمُ بِمَا يَقُولُونَ إِذۡ يَقُولُ أَمۡثَلُهُمۡ طَرِيقَةً إِن لَّبِثۡتُمۡ إِلَّا يَوۡمٗا  ١٠٤﴾ ‏

«سۇر چىلىنغان كۈنى بىز گۇناھكارلارنى كۆزلىرى كۆپكۆك ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز.‏ ئۇلار ئۆزئارا: ‹دۇنيادا پەقەت ئون كۈنلا تۇردۇڭلار‹ دەپ كۇسۇلدىشىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ بىر – بىرىگە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. شۇ چاغدا ئۇلارنىڭ ئەڭ توغرا مۆلچەرلىيەلىگىنى: ‹ياق، سىلەر پەقەت بىر كۈنلا تۇردۇڭلار‹ دەيدۇ»[41].

﴿وَمَنۡ أَعۡرَضَ عَن ذِكۡرِي فَإِنَّ لَهُۥ مَعِيشَةٗ ضَنكٗا وَنَحۡشُرُهُۥ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ أَعۡمَىٰ  ١٢٤ قَالَ رَبِّ لِمَ حَشَرۡتَنِيٓ أَعۡمَىٰ وَقَدۡ كُنتُ بَصِيرٗا  ١٢٥ قَالَ كَذَٰلِكَ أَتَتۡكَ ءَايَٰتُنَا فَنَسِيتَهَاۖ وَكَذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمَ تُنسَىٰ  ١٢٦﴾

«كىمكى مېنىڭ كىتابىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن[42]، بىز ئۇنى قىيىنچىلىق ئىچىدە ياشىتىمىز ۋە قىيامەت كۈنى كور ھالەتتە ھەشىر قىلىمىز.‏ ئۇ: ‹رەببىم! مېنى نېمىشقا كور ھالەتتە ھەشىر قىلدىڭ؟ ھالبۇكى، مەن كۆرىدىغان بىرى ئىدىم› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا: ‹شۇنداق ئىدىڭ، لېكىن ساڭا ئايەتلىرىمىز كەلدى، سەن ئۇلارنى ئۇنتۇدۇڭ، سەنمۇ بۈگۈن ئەنە شۇنداق ئۇنتۇلىسەن‹ دەيدۇ»[43].‏‏

﴿قَدۡ خَسِرَ ٱلَّذِينَ كَذَّبُواْ بِلِقَآءِ ٱللَّهِۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءَتۡهُمُ ٱلسَّاعَةُ بَغۡتَةٗ قَالُواْ يَٰحَسۡرَتَنَا عَلَىٰ مَا فَرَّطۡنَا فِيهَا وَهُمۡ يَحۡمِلُونَ أَوۡزَارَهُمۡ عَلَىٰ ظُهُورِهِمۡۚ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ  ٣١﴾

«ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى يالغان دېگەنلەر چوقۇم زىيان تارتىدۇ. ئاخىرى ئۇلار ئۆزلىرىگە قىيامەت تۇيۇقسىزلا كەلگەندە گۇناھلىرىنى يۈدۈپ تۇرۇپ: ‹ۋاي ئىسىت! ئۇ دۇنيادا كەمچىلىك ئۆتكۈزۈپتىمىز› دەيدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلار يۈدۈۋالغان نەرسە نېمىدېگەن يامان!»[44].‏

﴿لِيَحۡمِلُوٓاْ أَوۡزَارَهُمۡ كَامِلَةٗ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ وَمِنۡ أَوۡزَارِ ٱلَّذِينَ يُضِلُّونَهُم بِغَيۡرِ عِلۡمٍۗ أَلَا سَآءَ مَا يَزِرُونَ  ٢٥﴾

«شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىيامەت كۈنى ھەم ئۆز گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈدىدۇ ھەمدە ئۆزلىرى تەرىپىدىن ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ئازدۇرۇلغان كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىدىنمۇ يۈدىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى، ئۇلارنىڭ يۈدۈۋالغان يۈكلىرى نېمىدېگەن يامان!»[45].

﴿وَلَيَحۡمِلُنَّ أَثۡقَالَهُمۡ وَأَثۡقَالٗا مَّعَ أَثۡقَالِهِمۡۖ وَلَيُسْـَٔلُنَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ عَمَّا كَانُواْ يَفۡتَرُونَ  ١٣﴾

«ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرىنى، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر يۈكلىرى بىلەن بىرلىكتە باشقا نۇرغۇن ئېغىر يۈكلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئويدۇرغان بوھتانلىرى توغرۇلۇق قىيامەت كۈنى سوراققا تارتىلىدۇ»[46].‏

﴿يَوۡمَئِذٖ يَتَّبِعُونَ ٱلدَّاعِيَ لَا عِوَجَ لَهُۥۖ وَخَشَعَتِ ٱلۡأَصۡوَاتُ لِلرَّحۡمَٰنِ فَلَا تَسۡمَعُ إِلَّا هَمۡسٗا  ١٠٨﴾ ‏

«ئۇ كۈنى ئىنسانلار چاقىرغۇچىغا ئەگىشىدۇ. ھېچكىم قىڭغىر كەتمەيدۇ. رەھماننىڭ ھەيۋىتى ئالدىدا ئاۋازلار بېسىقىپ كېتىدۇ. ناھايىتى پەس ئاۋازلاردىن باشقا ھېچ نەرسە ئاڭلىيالمايسەن»[47].‏

﴿وَنُفِخَ فِي ٱلصُّورِ فَإِذَا هُم مِّنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ إِلَىٰ رَبِّهِمۡ يَنسِلُونَ  ٥١﴾

«سۇر ئەلۋەتتە چېلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلار دەرھال قەبىرلىرىدىن چىقىپ رەببى تەرەپكە يۈگۈرىدۇ»[48].‏

﴿يَوۡمَ يَخۡرُجُونَ مِنَ ٱلۡأَجۡدَاثِ سِرَاعٗا كَأَنَّهُمۡ إِلَىٰ نُصُبٖ يُوفِضُونَ ٤٣ خَٰشِعَةً أَبۡصَٰرُهُمۡ تَرۡهَقُهُمۡ ذِلَّةٞۚ ذَٰلِكَ ٱلۡيَوۡمُ ٱلَّذِي كَانُواْ يُوعَدُونَ  ٤٤﴾

«ئۇ كۈنى ئۇلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ، گويا تىكلەنگەن نىشانغا قاراپ مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى يەرگە تىكىلىپ قالىدۇ، ئۇلارنى خارلىق باسىدۇ. ئەنە شۇ ئۇلار ئاگاھلاندۇرۇلغان كۈندۇر»[49].

﴿وَلَا تَحۡسَبَنَّ ٱللَّهَ غَٰفِلًا عَمَّا يَعۡمَلُ ٱلظَّٰلِمُونَۚ إِنَّمَا يُؤَخِّرُهُمۡ لِيَوۡمٖ تَشۡخَصُ فِيهِ ٱلۡأَبۡصَٰرُ  ٤٢ مُهۡطِعِينَ مُقۡنِعِي رُءُوسِهِمۡ لَا يَرۡتَدُّ إِلَيۡهِمۡ طَرۡفُهُمۡۖ وَأَفۡئِدَتُهُمۡ هَوَآءٞ  ٤٣﴾

«ئى مۇھەممەد! زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى خەۋەرسىز دەپ ئويلىمىغىن! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى كۆزلەر چەكچىيىپ كېتىدىغان كۈنگە كىچىكتۈرىدۇ.‏ ئۇ كۈنى ئۇلار باشلىرى تىك، كۆزلىرى ئوچۇق، قەلبلىرى بوش ھالدا يۈگۈرۈشىدۇ»[50].

4.      يىغىلىش‏ (ھەشر)

ئىنسانلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ، گويا تىكلەنگەن نىشانغا قاراپ مۇسابىقىلەشكەندەك يۈگۈرۈپ[51]، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلىدۇ. باشتا دېيىلگەندەك، ھەر ئىنساننىڭ يېنىدا بىرى ھەيدەپ ماڭغۇچى، يەنە بىرى گۇۋاھچى بولۇپ ئىككى پەرىشتە بولىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَوۡمَ تُبَدَّلُ ٱلۡأَرۡضُ غَيۡرَ ٱلۡأَرۡضِ وَٱلسَّمَٰوَٰتُۖ وَبَرَزُواْ لِلَّهِ ٱلۡوَٰحِدِ ٱلۡقَهَّارِ ٤٨﴾

«كۈن كېلىدۇ، زېمىن باشقا زېمىنغا، ئاسمانلارمۇ باشقا ئاسمانلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ ۋە پۈتكۈل ئىنسانلار چەكسىز قۇدرەتلىك، يالغۇز بىر ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىدۇ»[52].‏

﴿يَوۡمَ تَشَقَّقُ ٱلۡأَرۡضُ عَنۡهُمۡ سِرَاعٗاۚ ذَٰلِكَ حَشۡرٌ عَلَيۡنَا يَسِيرٞ  ٤٤﴾

«ئۇ كۈنى يەر يېرىلىدۇ، ئىنسانلار قەبىرلىرىدىن چىقىپ مەھشەرگاھقا يۈگۈرىشىدۇ. ئۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى ئاسان توپلاشتۇر»[53].‏

﴿إِنَّ ٱلۡأَوَّلِينَ وَٱلۡأٓخِرِينَ  ٤٩ لَمَجۡمُوعُونَ إِلَىٰ مِيقَٰتِ يَوۡمٖ مَّعۡلُومٖ  ٥٠﴾

«ئېيتقىنكى: ئاۋۋالقىلار ۋە ئاخىرقىلار، مەلۇم كۈننىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدا چوقۇم توپلىنىدۇ»[54].‏

ئاندىن يامانلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ھەر يامان كىشىگە مۇنداق دېيىلىدۇ:

﴿لَّقَدۡ كُنتَ فِي غَفۡلَةٖ مِّنۡ هَٰذَا فَكَشَفۡنَا عَنكَ غِطَآءَكَ فَبَصَرُكَ ٱلۡيَوۡمَ حَدِيدٞ ٢٢﴾

«سەن بۇنىڭدىن غاپىل ئىدىڭ، ھازىر بىز سېنىڭ پەردەڭنى ئېچىۋەتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن كۆزۈڭ بەك ئۆتكۈردۇر»[55].‏

ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا سەپ ھالىتىدە تۇرغۇزۇلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئايەت تۆۋەندىكىچە:  

﴿يَوۡمَ يَقُومُ ٱلنَّاسُ لِرَبِّ ٱلۡعَٰلَمِينَ  ٦﴾

«ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆرە تۇرىدۇ»[56].

﴿وَعُرِضُواْ عَلَىٰ رَبِّكَ صَفّٗا لَّقَدۡ جِئۡتُمُونَا كَمَا خَلَقۡنَٰكُمۡ أَوَّلَ مَرَّةِۢۚ بَلۡ زَعَمۡتُمۡ أَلَّن نَّجۡعَلَ لَكُم مَّوۡعِدٗا  ٤٨﴾

«ئۇلار سەپ ھالىتىدە رەببىڭگە توغرىلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ھۇزۇرىمىزغا بىز سىلەرنى دەسلەپتە ياراتقان ۋاقىتتىكىدەك كەلدىڭلار. بەلكى بىزنىڭ سىلەر ئۈچۈن ۋەدىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقىت بېكىتمەيدىغانلىقىمىزنى ئويلىغان ئىدىڭلار»[57].‏

يەنى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا كىتاب نازىل قىلىش ئارقىلىق ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش، مەھشەرگاھقا يىغىلىش ۋە ھېساب بېرىش قاتارلىق ئىشلارنى ۋەدە قىلغان، شۇنداقلا ئۇ ۋەدىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلىگەن. ئۇلار دۇنيادا ئاللاھ تائالا بىز ئۈچۈن ئۇ ۋاقىتنى بەلگىلىمەيدۇ دەپ ئويلىغان. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئويلىغان بۇ ئويلىرىنى، قىيامەت كۈنى سەپ – سەپ بولۇپ تۇرغان چاغلىرىدا يۈزلىرىگە ئەنە شۇنداق سالىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 63 – 78.

[1] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 28 – ۋە 32 – ئايەت.

[2] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 31 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 25 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 124 ~ 126 – ئايەتلەر. ئاللاھ تائالا ياخشىلارنى قىيامەت كۈنىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىغانلىقى ئۈچۈن (قاراڭ: 76 – سۈرە ئىنسان، 11 – ئايەت)، ياخشىلار، بۇ ئايەتلەردە يامانلارنىڭ دۇچار بولىدىغانلىقى بايان قىلىنغان يامانلىقلارغا دۇچار بولمايدۇ. جۈملىدىن كور ھالەتتە ھەشىر قىلىنمايدۇ، گۇناھلىرىنى يۈدۈپ ماڭمايدۇ.

[3] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 106 – ئايەت؛ 80 – سۈرە ئەبەسە، 38 ~ 42 – ئايەتلەر

[4] قاراڭ: 69 – سۈرە ھاققە، 9 ~ 29 – ئايەتلەر؛ 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 7 ~ 11 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ: 42 – سۈرە شۇرا، 7 – ئايەت.

[6] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 185 – ئايەت. 

[7] قاراڭ: 30 – سۈرە رۇم، 8 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 29 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 5 – ئايەت؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 3 – ئايەت.

[8] 6 – سۈرە ئەنئام، 2 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 185 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 78 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 57 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 60 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 32 – سۈرە سەجدە، 8 – ۋە 9 – ئايەت.

[10] 6 – سۈرە ئەنئام، 60 – ئايەت.

[11] 39 – سۈرە زۇمەر، 42 – ئايەت.

[12] 81 – سۈرە، تەكۋىر، 7 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 97 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 93 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 37 – ئايەت؛ 8 – سۈرە ئەنفال، 50 – ئايەت.

[14] 32 – سۈرە سەجدە، 11 – ئايەت.

[15] 16 – سۈرە نەھل، 28 – ئايەت.

[16] 16 – سۈرە نەھل، 32 – ئايەت.

[17] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 42 – ئايەت.

[18] 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 99 – ۋە 100 – ئايەتلەر.

[19] 6 – سۈرە ئەنئام، 93 – ئايەت.

[20] 8 – سۈرە ئەنفال، 50 – ئايەت.

[21] 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 10 – ئايەت.

[22] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 169 ~ 171 – ئايەتلەر.

[23]  5 – سۈرە مائىدە 31 – ئايەت.

[24] 20 – سۈرە تاھا، 55 – ئايەت.

[25] 77 – سۈرە مۇرسەلات، 25 – ۋە 26 – ئايەتلەر.

[26] 80 – سۈرە ئەبەسە، 21 – ئايەت.

[27]  9 – سۈرە تەۋبىنىڭ 80 – ۋە 84 – ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

[28] قاراڭ: 22 – سۈرە ھەج، 1 – ۋە 2 – ئايەتلەر؛ 101 – سۈرە قارىئە، 4 – ئايەت.

[29] قاراڭ: 27 – سۈرە نەمل، 87 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 49 – ۋە 50 – ئايەتلەر؛  39 – سۈرە زۇمەر، 68 – ئايەت؛ 52 – سۈرە تۇر، 45 – ئايەت.

[30] قاراڭ: 36 – سۈرە ياسىن، 51 – ئايەت؛ 79 – سۈرە نازىئات، 7 – ئايەت.

[31] قاراڭ: 20 – سۈرە تاھا، 102 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيائـ، 104 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 16 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 51 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن 7 – ئايەت؛ 78 – سۈرە نەبەئـ، 18 – ئايەت.

[32] قاراڭ: 81 – سۈرە تەكۋىر، 7 – ئايەت.

[33] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 68 – ئايەت.

[34] 36 – سۈرە ياسىن، 52 – ئايەت.

[35] قاراڭ: 50 – سۈرە قاف، 21 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن، 32 – ۋە 53 – ئايەتلەر.

[36] 17 – سۈرە ئىسرا، 71 – ئايەت.

[37] 78 – سۈرە نەبەئـ، 18 – ئايەت.

[38] قاراڭ: 79 – سۈرە نازىئات، 46 – ئايەت.

[39] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 45 – ئايەت.

[40] 54 – سۈرە قەمەر، 6 ~ 8 – ئايەتلەر.

[41] 20 – سۈرە تاھا، 102 ~ 104 – ئايەتلەر.

[42]  بۇ يەردە «زىكىر» كەلىمىسى كىتاب دەپ تەرجىمە قىلىندى، چۈنكى بۇ ئىپادىنىڭ كەينىدىكى 126 – ۋە 127 – ئايەتلەردىكى «ئايەتلەر» بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمدە ئېنىق ئىسىم بولۇپ ياكى ئاللاھ تائالانى ئىپادىلەيدىغان بىرەر كەلىمىگە مۇزاف (ئېنىقلانغۇچى) بولۇپ كەلگەن «زىكىر»، «ئاللاھنىڭ كىتابى» دېگەن بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر: 15 – سۈرە ھىجىر، 6 – ۋە 9 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 44 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 28 – ۋە 101 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 110 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 18 – ۋە 29 – ئايەتلەر؛ 36 – سۈرە ياسىن، 11 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 8 – ئايەت؛ 41 – سۈرە فۇسسىلەت، 41 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 36 – ئايەت. 53 – سۈرە نەجم، 29 – ئايەت؛  54 – سۈرە قەمەر، 25 – ئايەت؛ 68 – سۈرە قەلەم، 51 – ئايەت.

[43] 20 – سۈرە تاھا، 124 ~ 126 – ئايەتلەر.

[44] 6 – سۈرە ئەنئام، 31 – ئايەت.

[45] 16 – سۈرە نەھل، 25 – ئايەت.

[46] 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 13 – ئايەت.

[47] 20 – سۈرە تاھا، 108 – ئايەت.

[48] 36 – سۈرە ياسىن، 51 – ئايەت.

[49] 70 – سۈرە مەئارىج، 43 – ۋە 44 – ئايەتلەر.

[50] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 42 – ۋە 43 – ئايەتلەر.

[51] قاراڭ: 70 – سۈرە مەئارىج، 43 – ئايەت.

[52] 14 – سۈرە ئىبراھىم، 48 – ئايەت.

[53] 50 – سۈرە قاف، 44 – ئايەت.

[54] 56 – سۈرە ۋاقىئە، 49 – ۋە 50 – ئايەتلەر.

[55] 50 – سۈرە قاف، 22 – ئايەت.

[56] 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 6 – ئايەت.

[57] 18 – سۈرە كەھف، 48 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر