مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىنسان ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى ئايرىلىش 1

قۇرئاندا ئىنسان \ ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى \ ئايرىلىش

6 –     ئايرىلىش

1)     يامانلارغا ئايرىلىش ئەمرى

ھەر ئىنسانغا دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان پۈتكۈل ئەمەللىرى يېزىلغان بىر كىتاب بېرىلگەن، ھەر ئىنسان ئۆز كىتابىنى ئوقۇغان ۋە كىتابىغا قارىتا خالىغىنىنى ئېيتقاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا يامانلارغا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱمۡتَٰزُواْ ٱلۡيَوۡمَ أَيُّهَا ٱلۡمُجۡرِمُونَ  ٥٩ أَلَمۡ أَعۡهَدۡ إِلَيۡكُمۡ يَٰبَنِيٓ ءَادَمَ أَن لَّا تَعۡبُدُواْ ٱلشَّيۡطَٰنَۖ إِنَّهُۥ لَكُمۡ عَدُوّٞ مُّبِينٞ  ٦٠ وَأَنِ ٱعۡبُدُونِيۚ هَٰذَا صِرَٰطٞ مُّسۡتَقِيمٞ  ٦١ وَلَقَدۡ أَضَلَّ مِنكُمۡ جِبِلّٗا كَثِيرًاۖ أَفَلَمۡ تَكُونُواْ تَعۡقِلُونَ  ٦٢ هَٰذِهِۦ جَهَنَّمُ ٱلَّتِي كُنتُمۡ تُوعَدُونَ  ٦٣ ٱصۡلَوۡهَا ٱلۡيَوۡمَ بِمَا كُنتُمۡ تَكۡفُرُونَ  ٦٤﴾

«ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن ئايرىلىڭلار. مەن سىلەردىن: ‹ئى ئادەم ئەۋلادى! شەيتانغا ئىبادەت قىلماڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر› دەپ ئەھدە ئالمىدىممۇ؟ سىلەرگە: ‹ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. مانا بۇ توغرا يولدۇر› دېمىدىممۇ؟ شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن خەلقلەرنى ئازدۇردى. ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمىدىڭلارمۇ؟ ئەنە شۇ، سىلەر ئاگاھلاندۇرۇلغان جەھەننەم!  بۈگۈن ئۇنىڭغا كىرىپ كۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەر تۇزكورلۇق قىلدىڭلار»[1].

2)     ياخشىلارغا ئايرىلىش ئەمرى

ئاللاھ تائالا ئۇ ئەسنادا ھەر ياخشى كىشىگە ئالاھىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيَّتُهَا ٱلنَّفۡسُ ٱلۡمُطۡمَئِنَّةُ  ٢٧ ٱرۡجِعِيٓ إِلَىٰ رَبِّكِ رَاضِيَةٗ مَّرۡضِيَّةٗ  ٢٨ فَٱدۡخُلِي فِي عِبَٰدِي  ٢٩ وَٱدۡخُلِي جَنَّتِي  ٣٠﴾

«ئى ئارام تاپقۇچى نەفس![2] رازى بولغان ۋە رازى بولۇنغان[3] ھالدا رەببىڭنىڭ ھۇزۇرىغا قايتقىن، بەندىلىرىمگە قوشۇلغىن ۋە جەننىتىمگە كىرگىن»[4].

شۇنىڭ بىلەن نەبىلەر،  راستچىللار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىر – بىرىگە قوشۇلىدۇ، ئاندىن ھەممە بىرلىكتە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ:

﴿وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ فَأُوْلَٰٓئِكَ مَعَ ٱلَّذِينَ أَنۡعَمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِم مِّنَ ٱلنَّبِيِّينَ وَٱلصِّدِّيقِينَ وَٱلشُّهَدَآءِ وَٱلصَّٰلِحِينَۚ وَحَسُنَ أُوْلَٰٓئِكَ رَفِيقٗا  ٦٩﴾

«ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار ئاللاھ ئىنئام قىلغان نەبىيلەر، سىددىقلار، شېھىتلەر ۋە ياخشىلار بىلەن بىللە بولىدۇ. ئۇلار نېمىدېگەن ياخشى ھەمراھلاردۇر!»[5].

3)     ياخشىلار بىلەن يامانلارنىڭ ئايرىلىشى

ياخشىلار ئالدىلىرىدا ۋە ئوڭ تەرەپلىرىدە نۇر بولغان ھالدا يامانلاردىن ئايرىلغان ئەسنادا ئۇلارغا مۇنداق دېيىلىدۇ:

﴿بُشۡرَىٰكُمُ ٱلۡيَوۡمَ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ  ١٢﴾

«بۈگۈن سىلەرگە خۇش خەۋەر: سىلەر ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىپ مەڭگۈ ياشايسىلەر. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر»[6].‏

يامانلارنىڭ ئىچىدىكى مۇناپىقلار ئۇلارغا: «بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى» دەيدۇ. مۇناپىقلارغا: «ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار» دېيىلىدۇ. «شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سېپىل سوقۇلىدۇ، سېپىلنىڭ دەرۋازىسى بار، ئىچىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بار»[7].‏

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَوۡمَ يَقُولُ ٱلۡمُنَٰفِقُونَ وَٱلۡمُنَٰفِقَٰتُ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ ٱنظُرُونَا نَقۡتَبِسۡ مِن نُّورِكُمۡ قِيلَ ٱرۡجِعُواْ وَرَآءَكُمۡ فَٱلۡتَمِسُواْ نُورٗاۖ فَضُرِبَ بَيۡنَهُم بِسُورٖ لَّهُۥ بَابُۢ بَاطِنُهُۥ فِيهِ ٱلرَّحۡمَةُ وَظَٰهِرُهُۥ مِن قِبَلِهِ ٱلۡعَذَابُ  ١٣﴾

«ئۇ كۈنى مۇنافىق ئەر ۋە مۇنافىق ئاياللار مۇئمىنلارغا: ‹بىزگە قاراڭلار، نۇرۇڭلاردىن ئېلىۋالايلى› دەيدۇ. ئۇلارغا: ‹ئارقاڭلارغا قايتىپ نۇر ئىزدەڭلار› دېيىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا دەرۋازىسى بولغان بىر سېپىل سوقۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە رەھمەت، تېشىدا ئازاب بار»[8].‏

شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنغان سوئال – جاۋابلار بولىدۇ:

﴿يُنَادُونَهُمۡ أَلَمۡ نَكُن مَّعَكُمۡۖ قَالُواْ بَلَىٰ وَلَٰكِنَّكُمۡ فَتَنتُمۡ أَنفُسَكُمۡ وَتَرَبَّصۡتُمۡ وَٱرۡتَبۡتُمۡ وَغَرَّتۡكُمُ ٱلۡأَمَانِيُّ حَتَّىٰ جَآءَ أَمۡرُ ٱللَّهِ وَغَرَّكُم بِٱللَّهِ ٱلۡغَرُورُ  ١٤ فَٱلۡيَوۡمَ لَا يُؤۡخَذُ مِنكُمۡ فِدۡيَةٞ وَلَا مِنَ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْۚ مَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُۖ هِيَ مَوۡلَىٰكُمۡۖ وَبِئۡسَ ٱلۡمَصِيرُ  ١٥﴾

«مۇنافىقلار مۇئمىنلارغا: ‹بىز سىلەر بىلەن بىللە ئەمەسمىدۇق؟‹ دەپ نىدا قىلىدۇ. مۇئمىنلار ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ: شۇنداق، بىللە ئىدىڭلار، لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارغا يامانلىق قىلدىڭلار، بىزنىڭ مۇسىبەتكە يولۇقۇشىمىزنى كۈتتۈڭلار، شۈبھىلەندىڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەمرى كەلگەنگە قەدەر قۇرۇق خىياللار ئالدىدى ۋە ئالدامچى سىلەرنى ئاللاھ بىلەن ئالدىدى.‏ بۈگۈن سىلەردىنمۇ، كافىرلاردىنمۇ فىدىيە ئېلىنمايدۇ. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان جايىڭلار دوزاختۇر. ئۇ سىلەرگە لايىقتۇر ۋە نېمىدېگەن يامان جايدۇر!»[9].‏

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 91 – 95.

[1] 36 – سۈرە ياسىن، 59 ~ 64 – ئايەتلەر.

[2] بۇ يەردىكى ئارام تاپقۇچى نەپس، رەئد سۈرىسىنىڭ 28 – ئايىتىگە ئاساسەن ئاللاھنىڭ زىكرى بىلەن ئارام تاپقۇچى كىشى دېگەن بولىدۇ.

[3]  يەنى سەن ئاللاھتىن رازى بولغان ۋە ئاللاھ سەندىن رازى بولغان ھالدا دېگەن بولىدۇ.

[4] 89 – سۈرە فەجر، 27 ~ 30 – ئايەتلەر.

[5] 4 – سۈرە نىسا، 69 – ئايەت.

[6] 57 – سۈرە ھەدىد، 12 – ئايەت.

[7] 57 – سۈرە ھەدىد، 13 – ئايەت.

[8] 57 – سۈرە ھەدىد، 13 – ئايەت.

[9] 57 – سۈرە ھەدىد، 14 – ۋە 15 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر