مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى جەننەت ھاياتى 1

قۇرئاندا ئىنساننىڭ ئاقىۋىتى \ جەننەت ھاياتى

9 –      جەننەت ھاياتى

قۇرئان كەرىمدە جەننەت – ياخشىلارنىڭ مەڭگۈ بەخت – سائادەتكە ئېرىشىدىغان يېرى ئىكەنلىكى، جەننەتنىڭ ئىسىملىرى، ئالاھىدىلىكلىرى، نازۇنېمەتلىرى ۋە جەننەتكە كىرىدىغانلارنىڭ كىملىكى قاتارلىقلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ نۇرى ئاستىدا ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1)     جەننەتنىڭ ئىسىملىرى

  • فىردەۋس[3]،
  • مەئۋا[4]،
  • ئەدن[5]،
  • دارۇسسەلام[6]،
  • جەننەتۇل خۇلد[7]،
  • دارۇلمۇقامە[8]،
  • جەننەتۇننەئىيم/جەنناتۇننەئىيم[9]،
  • مەقامى ئەمىن[10]،
  • جەننەتى ئالىيە[11].

2)     جەننەتنىڭ ئالاھىدىلىكى

(1)    كەڭلىكى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَسَارِعُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا ٱلسَّمَٰوَٰتُ وَٱلۡأَرۡضُ أُعِدَّتۡ لِلۡمُتَّقِينَ  ١٣٣﴾

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارغا ۋە زېمىنغا تەڭ كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئالدىراڭلار! ئۇ جەننەت تەقۋادارلار ئۈچۈن تەييارلانغان»[12].‏

﴿سَابِقُوٓاْ إِلَىٰ مَغۡفِرَةٖ مِّن رَّبِّكُمۡ وَجَنَّةٍ عَرۡضُهَا كَعَرۡضِ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أُعِدَّتۡ لِلَّذِينَ ءَامَنُواْ بِٱللَّهِ وَرُسُلِهِۦۚ ذَٰلِكَ فَضۡلُ ٱللَّهِ يُؤۡتِيهِ مَن يَشَآءُۚ وَٱللَّهُ ذُو ٱلۡفَضۡلِ ٱلۡعَظِيمِ  ٢١﴾

«رەببىڭلارنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشىش، كەڭلىكى ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ كەڭلىكىدەك كېلىدىغان جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن بەسلىشىڭلار. ئۇ جەننەت ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەنگەنلەر ئۈچۈن تەييارلانغان. بۇ ئاللاھنىڭ پەزلىدۇر، ئاللاھ ئۇنى خالىغان كىشىگە بېرىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزلنىڭ ئىگىسىدۇر»[13].‏

(2)    سارايلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ لَنُبَوِّئَنَّهُم مِّنَ ٱلۡجَنَّةِ غُرَفٗا تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ نِعۡمَ أَجۡرُ ٱلۡعَٰمِلِينَ  ٥٨﴾

«بىز ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. ئۇ سارايلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا مەڭگۈ قالىدۇ. ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتى نېمىدېگەن ياخشى!‏»[14].

﴿أُوْلَٰٓئِكَ يُجۡزَوۡنَ ٱلۡغُرۡفَةَ بِمَا صَبَرُواْ وَيُلَقَّوۡنَ فِيهَا تَحِيَّةٗ وَسَلَٰمًا  ٧٥﴾

«ئەنە شۇلار سەۋر قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئالىي سارايلىرى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئۇلار ئۇ سارايلاردا تەبرىك ۋە سالام بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ»[15].

﴿وَمَآ أَمۡوَٰلُكُمۡ وَلَآ أَوۡلَٰدُكُم بِٱلَّتِي تُقَرِّبُكُمۡ عِندَنَا زُلۡفَىٰٓ إِلَّا مَنۡ ءَامَنَ وَعَمِلَ صَٰلِحٗا فَأُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ جَزَآءُ ٱلضِّعۡفِ بِمَا عَمِلُواْ وَهُمۡ فِي ٱلۡغُرُفَٰتِ ءَامِنُونَ ٣٧﴾

‏«سىلەرنى بىزگە ماللىرىڭلارمۇ، بالىلىرىڭلارمۇ يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغان كىشى مۇستەسنا. ئەنە شۇلارغا ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ. ئۇلار ئالىي سارايلاردا خاتىرجەملىك ئىچىدە بولىدۇ»[16].‏

﴿لَٰكِنِ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ لَهُمۡ غُرَفٞ مِّن فَوۡقِهَا غُرَفٞ مَّبۡنِيَّةٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ لَا يُخۡلِفُ ٱللَّهُ ٱلۡمِيعَادَ  ٢٠﴾

«رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلارغا كەلسەك، ئۇلارغا قەۋەتلەپ سېلىنغان ۋە ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان ئالىي سارايلار بار. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى. ئاللاھ ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ»[17].‏

(3)    دەرۋازىلىرى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿هَٰذَا ذِكۡرٞۚ وَإِنَّ لِلۡمُتَّقِينَ لَحُسۡنَ مَئَابٖ  ٤٩ جَنَّٰتِ عَدۡنٖ مُّفَتَّحَةٗ لَّهُمُ ٱلۡأَبۡوَٰبُ  ٥٠﴾

«بۇ زىكىردۇر. شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار:‏ ئىشىكلىرى ئۇلار ئۈچۈن ئىچىلىدىغان ئەدن جەننەتلىرى»[18].‏

﴿وَسِيقَ ٱلَّذِينَ ٱتَّقَوۡاْ رَبَّهُمۡ إِلَى ٱلۡجَنَّةِ زُمَرًاۖ حَتَّىٰٓ إِذَا جَآءُوهَا وَفُتِحَتۡ أَبۡوَٰبُهَا وَقَالَ لَهُمۡ خَزَنَتُهَا سَلَٰمٌ عَلَيۡكُمۡ طِبۡتُمۡ فَٱدۡخُلُوهَا خَٰلِدِينَ  ٧٣﴾

«رەببىگە تەقۋادارلىق قىلغانلار گۇرۇھ – گۇرۇھ ھالەتتە جەننەتكە ئېلىپ مېڭىلىدۇ. ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتنىڭ دەرۋازىۋەنلىرى ئۇلارغا: ‹سالام سىلەرگە! خۇش كەلدىڭلار! قېنى جەننەتكە مەرھەمەت! بۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر!› دەيدۇ»[19].‏

3)     جەننەتنىڭ نېمەتلىرى

(1)    ماددىي نېمەتلەر
①      يېمەكلىكلەر

گۆش ۋە مېۋىلەر[20].

②      ئىچىملىكلەر
  • بۇزۇلمىغان سۇ، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈت، لەززەت بېغىشلايدىغان مەي ۋە سۈزۈلدۈرۈلگەن ھەسەل[21]،
  • كافۇر ئارىلاشتۇرۇلغان ئىچىملىك[22]،
  • زەنجەبىل ئارىلاشتۇرۇلغان سەلسەبىل بۇلىقىنىڭ ئىچىملىكى[23]،
  • بىر خىل پاك ئىچىملىك[24]،
  • ئاخىرى ئىپار بولغان ساپ بىر خىل ئىچىملىك[25].
③      كىيىملەر ۋە زىننەت بۇيۇملىرى

نېپىز ۋە قېلىن تاۋار – دۇردۇنلاردىن تىكىلگەن يېشىل كىيىملەر، ئالتۇن ۋە مەرۋايىتتىن ئىشلەنگەن بىلەزۈكلەر[26]

(2)    مەنىۋى نېمەتلەر
①      ئائىلىسى بىلەن بىر يەردە جەم بولۇش

جەننەتكە كىرگەن ئەر – خوتۇنلارنىڭ ئەر – خوتۇنلۇقى داۋاملىشىدۇ. بويتاقلار ئۆيلەپ قويۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەننەتكە كىرگەنلەر ئەر – خوتۇن، ئاتا – ئانا ۋە بالىلار ھەممە جەم بولىدۇ[27].

②      گۈزەل مۇھىت

جەننەتكە كىرگەنلەر، تاۋار ئەستەرلىك تۆشەكلەر سېلىنغان تەختلەردە، يۆلەنچۈكلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ. سايىلارنىڭ ئاستىدا بولىدۇ. ئاپتاپمۇ كۆرمەيدۇ، سوغۇقمۇ كۆرمەيدۇ؛ كۆڭۈللەر تارتىدىغان، كۆزلەر بەھرىلىنىدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشىدۇ[28].

③      ئىززەت – ئىكرام

جەننەتكە كىرگەنلەر ئەڭ ئالىي دەرىجىدە كۈتۈلىدۇ، ھەر تۈرلۈك ئىززەت – ئىكرامغا ئېرىشىدۇ. مەسىلەن: ئۇلارغا چېچىلغان مەرۋايىتتەك بالا خىزمەتكارلار، شەھلا كۆزلۈك ۋە ئاق تەنلىك قىزلار ئالتۇن لېگەنلەردە يېمەكلىكلەر ۋە قەدەھلەردە ئىچىملىكلەر ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ[29].

④      كۆڭۈللەرنىڭ خۇشاللىقا چۆمۈشى

جەننەت ئەھلىنىڭ يۈزلىرى نۇرلۇق، كۆڭۈللىرى ھۇزۇرلۇق بولىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئاداۋەتلەرنى چىقىرىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەقىقىي دوستلۇق ئەمەلىيلىشىدۇ[30].

⑤      ھەقىقىي خاتىرجەملىك

جەننەت ئەھلى ئۆلۈپ كېتىش، قېرىپ قېلىش ۋە يۇقىرىدىكى ماددىي  – مەنىۋى نېمەتلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى قاتارلىقلاردىن قورقمايدۇ، ئەندىشە قىلمايدۇ ۋە غەم قىلمايدۇ. چۈنكى جەننەتنىڭ نېمەتلىرى دائىمىي ۋە ئەبەدىيدۇر[31].

⑥      ئاللاھنىڭ رازى بولۇشى

جەننەت ئەھلى جەننەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ. بۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ بۈيۈك نېمەت ھېسابلىنىدۇ[32].

4)     جەننەت ئەھلىنىڭ سۈپەتلىرى

(1)    مۇئمىنلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلۡمُؤۡمِنِينَ وَٱلۡمُؤۡمِنَٰتِ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَا وَمَسَٰكِنَ طَيِّبَةٗ فِي جَنَّٰتِ عَدۡنٖۚ وَرِضۡوَٰنٞ مِّنَ ٱللَّهِ أَكۡبَرُۚ ذَٰلِكَ هُوَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ  ٧٢﴾

«ئاللاھ مۇئمىن ئەرلەرگە ۋە مۇئمىن ئاياللارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى ۋەدە قىلدى. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەدن جەننەتلىرىدىكى ئېسىل سارايلارنىمۇ ۋەدە قىلدى. ئاللاھنىڭ رازىلىقى ھەممىدىن بۈيۈكتۇر. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر»[33].‏

(2)    تەقۋادارلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلۡمُتَّقِينَ فِي جَنَّٰتٖ وَعُيُونٍ  ٤٥﴾

«شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە بۇلاقلارنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ»[34].‏

(3)    ئىخلاسمەن بەندىلەر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِلَّا عِبَادَ ٱللَّهِ ٱلۡمُخۡلَصِينَ  ٤٠ أُوْلَٰٓئِكَ لَهُمۡ رِزۡقٞ مَّعۡلُومٞ  ٤١ فَوَٰكِهُ وَهُم مُّكۡرَمُونَ  ٤٢ فِي جَنَّٰتِ ٱلنَّعِيمِ  ٤٣ عَلَىٰ سُرُرٖ مُّتَقَٰبِلِينَ  ٤٤﴾

«ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلارغا مەلۇم رىزىق بار، مېۋىلەر بار. ئۇلار ئىكرامغا ئېرىشىدۇ، نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ، تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بىر – بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ»[35].

(4)    راستچىللار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿قَالَ ٱللَّهُ هَٰذَا يَوۡمُ يَنفَعُ ٱلصَّٰدِقِينَ صِدۡقُهُمۡۚ لَهُمۡ جَنَّٰتٞ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ  ١١٩﴾

«ئاللاھ ئېيتىدۇ: بۇ راستچىللارغا راستچىللىقى پايدا يەتكۈزىدىغان كۈندۇر. ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلار ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ، ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر»[36].‏

(5)    ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا ئىتائەت قىلغانلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿تِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يُطِعِ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَاۚ وَذَٰلِكَ ٱلۡفَوۡزُ ٱلۡعَظِيمُ  ١٣﴾

«بۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەتتۇر»[37].

(6)    ياخشى ئىش قىلغانلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لِّلَّذِينَ أَحۡسَنُواْ ٱلۡحُسۡنَىٰ وَزِيَادَةٞۖ وَلَا يَرۡهَقُ وُجُوهَهُمۡ قَتَرٞ وَلَا ذِلَّةٌۚ أُوْلَٰٓئِكَ أَصۡحَٰبُ ٱلۡجَنَّةِۖ هُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ  ٢٦﴾

«ياخشى ئىش قىلغانلارغا ئەڭ ياخشىسى ۋە زىيادىسى بار. ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى قارىلىق ۋە خارلىق قاپلىمايدۇ. ئەنە شۇلار جەننەت ئەھلىدۇر، جەننەتتە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»[38].‏

(7)    ياخشىلار

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّ ٱلۡأَبۡرَارَ لَفِي نَعِيمٖ  ١٣ ﴾

«شۈبھىسىزكى، ياخشىلار نەئىمدە بولىدۇ[39]»[40].

(8)    ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئىش قىلغان كىشىلەر

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَبَشِّرِ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أَنَّ لَهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُۖ كُلَّمَا رُزِقُواْ مِنۡهَا مِن ثَمَرَةٖ رِّزۡقٗا قَالُواْ هَٰذَا ٱلَّذِي رُزِقۡنَا مِن قَبۡلُۖ وَأُتُواْ بِهِۦ مُتَشَٰبِهٗاۖ وَلَهُمۡ فِيهَآ أَزۡوَٰجٞ مُّطَهَّرَةٞۖ وَهُمۡ فِيهَا خَٰلِدُونَ  ٢٥﴾

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا خۇش خەۋەر بەرگىن: ئۇلار ئۈچۈن ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەر بار. ئۇلارغا قاچانىكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ مېۋىلىرىدىن بىرەر رىزىق بېرىلسە، ئۇلار: ‹بۇ ئىلگىرىمۇ بىزگە بېرىلگەن رىزىق› دەيدۇ. – ئۇلارغا ئوخشىشىدىغان رىزىقلار بېرىلىدۇ – ئۇلار ئۈچۈن ئۇ جەننەتلەردە پاك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن جۈپلەر بار ۋە ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ قالغۇچىلاردۇر»[41].

5)     جەننەت ئەھلىنىڭ جەننەتتە قېلىش مۇددىتى

جەننەت ئەھلى جەننەتتە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ، شۇنداقلا راھەت – پاراغەت ئىچىدە ياشايدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ سَنُدۡخِلُهُمۡ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ وَعۡدَ ٱللَّهِ حَقّٗاۚ وَمَنۡ أَصۡدَقُ مِنَ ٱللَّهِ قِيلٗا  ١٢٢﴾

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، بىز ئۇلارنى يېقىندا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار ئۇنىڭدا مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. بۇنى ئاللاھ ۋەدە قىلدى، بۇ ۋەدە چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟»[42].

﴿… وَمَن يُؤۡمِنۢ بِٱللَّهِ وَيَعۡمَلۡ صَٰلِحٗا يُدۡخِلۡهُ جَنَّٰتٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ قَدۡ أَحۡسَنَ ٱللَّهُ لَهُۥ رِزۡقًا  ١١﴾

«… كىم ئاللاھقا ئىمان ئېيتسا ۋە ياخشى ئىش قىلسا، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا ئەلۋەتتە ياخشى رىزىق ئاتا قىلىدۇ»[43].‏

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ وَعَمِلُواْ ٱلصَّٰلِحَٰتِ أُوْلَٰٓئِكَ هُمۡ خَيۡرُ ٱلۡبَرِيَّةِ  ٧ جَزَآؤُهُمۡ عِندَ رَبِّهِمۡ جَنَّٰتُ عَدۡنٖ تَجۡرِي مِن تَحۡتِهَا ٱلۡأَنۡهَٰرُ خَٰلِدِينَ فِيهَآ أَبَدٗاۖ رَّضِيَ ٱللَّهُ عَنۡهُمۡ وَرَضُواْ عَنۡهُۚ ذَٰلِكَ لِمَنۡ خَشِيَ رَبَّهُۥ  ٨﴾

«ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلار مەخلۇقاتنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. بۇلارنىڭ، رەببىنىڭ ھۇزۇرىدىكى مۇكاپاتى ئەدن جەننەتلىرىدۇر. ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدۇ. بۇلار ئۇ جەننەتلەردە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالغۇچىلاردۇر. ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولىدۇ. ئۇلار ئاللاھتىن رازى بولىدۇ. مانا بۇ، رەببىدىن ئەيمەنگەن كىشى ئۈچۈندۇر»[44].

[1]  پەرىشتىلەر، بەندىلەرنىڭ ھېساب – كىتابى ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھقا شۈكۈر قىلىپ، «سۇبھانەللاھ، ئەلھەمدۇ لىللاھ» دەيدۇ.

[2] 39 – سۈرە زۇمەر، 75 – ئايەت

[3] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 107 – ئايەت؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 11 – ئايەت.

[4] قاراڭ: 32 – سۈرە سەجدە، 19 – ئايەت؛ 53 – سۈرە نەجم، 15 – ئايەت.

[5] قاراڭ: 9 – سۈرە تەۋبە، 72 – ئايەت؛ 13 – سۈرە رەئد، 23 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 31 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 31 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 61 – ئايەت؛  20 – سۈرە تاھا، 76 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 33 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 50 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 8 – ئايەت؛ 61 – سۈرە سەف، 12 – ئايەت؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 8 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 127 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 25 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 25 – سۈرە فۇرقان، 15 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 35 – سۈرە فاتىر، 35 – ئايەت.

[9] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 65 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 9 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 56 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 85 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 8 – ئايەت؛ 37 – سۈرە ساففات، 43 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 12 – ئايەت؛ 68 – سۈرە قەلەم، 34 – ئايەت.

[10] قاراڭ: 44 – سۈرە دۇخان، 51 – ئايەت.

[11] قاراڭ: 69 – سۈرە ھاققە، 22 – ئايەت؛ 88 – سۈرە غاشىيە، 10 – ئايەت.

[12] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 133 – ئايەت.

[13] 57 – سۈرە ھەدىد، 21 – ئايەت.

[14] 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 58 – ئايەت.

[15] 25 – سۈرە فۇرقان، 75 – ئايەت.

[16] 34 – سۈرە سەبەئـ، 37 – ئايەت.

[17] 39 – سۈرە زۇمەر، 20 – ئايەت.

[18] سۈرە ساد، 49 – ۋە 50 – ئايەت.

[19] 39 – سۈرە زۇمەر، 73 – ئايەت.

[20] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 25 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 73 – ئايەت، 52 – سۈرە تۇر، 22 – ئايەت؛ 69 – سۈرە ھاققە، 23 – ئايەت؛ 77 – سۈرە مۇرسەلات، 42 – ئايەت؛ 55 – سۈرە رەھمان، 54 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 20 – ، 21 – ۋە 27 ~ 34 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 14 – ئايەت.

[21] 47 – سۈرە مۇھەممەد، 15 – ئايەت.

[22] قاراڭ: 76 – سۈرە ئىنسان، 5 – ئايەت.

[23] قاراڭ: 76 – سۈرە ئىنسان، 17 – ۋە 18 – ئايەتلەر.

[24] قاراڭ: 76 – سۈرە ئىنسان، 21 – ئايەت.

[25] قاراڭ: 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 25 – ۋە 26 – ئايەتلەر.

[26] قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 31 – ئايەت؛ 22 – سۈرە ھەج، 23 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 33 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 12 – ۋە 21 – ئايەتلەر.

[27] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 25 – ئايەت؛ 3 – سۈرە ئال ئىمران، 15 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 57 – ئايەت؛ 36 – سۈرە ياسىن 55 – ۋە 56 – ئايەتلەر؛ 40 – سۈرە غافىر، 8 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 70 – ئايەت.

[28] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 47 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف 31 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 71 – ئايەت؛ 52 – سۈرە تۇر، 20 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 13 – ئايەت؛ 77 – سۈرە مۇرسەلات، 41 – ئايەت؛ 83 – سۈرە مۇتەففىفىن، 23 ~ 25 – ئايەتلەر؛ 55 – سۈرە رەھمان، 54 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 15 – ۋە 16 – ئايەتلەر؛ 88 – سۈرە غاشىيە، 13 – ئايەت.

[29] قاراڭ: 37 – سۈرە ساففات، 45 – ۋە 47 – ئايەتلەر؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 71 – ئايەت؛ 56 – سۈرە ۋاقىئە، 17 ~ 24 – ئايەتلەر؛ 76 – سۈرە ئىنسان، 15 – ۋە 19 – ئايەتلەر.

[30] قاراڭ: 15 – سۈرە ھىجر، 47 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 17 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 34 – ئايەت؛ 76 – سۈرە ئىنسان 11 – ئايەت.

[31] مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردىكى «ئەھلى جەننەت جەننەتتە مەڭگۈ ۋە ئەبەدىي قالىدۇ» (4 – سۈرە نىسا، 57 – ۋە 122 – ئايەتلەر؛ 5 – سۈرە مائىدە، 119 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 22 – ۋە 100 – ئايەتلەر؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 9 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 11 – ئايەت؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 8 – ئايەت)، «مۇقىم نېمەتلەر» (9 – سۈرە تەۋبە، 21 – ئايەت)، «ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان مۇكاپات» (11 – سۈرە ھۇد، 108 – ئايەت)، «يېمەكلىكى دائىم» (13 – سۈرە رەئد، 35 – ئايەت)، «ئۇلارغا پۈتمەس – تۈگىمەس مۇكاپات» (41 – سۈرە فۇسسىلەت، 8 – ئايەت؛ 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 25 – ئايەت؛ 95 – سۈرە تىن، 6 – ئايەت) ۋە «ئىكرامغا ئېرىشكۈچىدۇر» (37 – سۈرە ساففات، 42 – ئايەت؛ 70 – سۈرە مەئارىج، 35 – ئايەت)، قاتارلىق ئىپادىلەر بۇنى كۆرسىتىدۇ.

[32] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 15 – ئايەت؛ 5 – سۈرە مائىدە، 119 – ئايەت؛ 9 – سۈرە تەۋبە، 72 – ئايەت؛ 58 – سۈرە مۇجادەلە، 22 – ئايەت؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 8 – ئايەت.

[33] 9 – سۈرە تەۋبە، 72 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 48 – سۈرە فەتىھ، 5 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 12 – ئايەت.

[34] 15 – سۈرە ھىجر، 45 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 15 – ۋە 198 – ئايەتلەر؛ 13 – سۈرە رەئد، 35 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 63 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 90 – ئايەت؛ 38 – سۈرە ساد، 49 – ۋە 50 – ئايەتلەر؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 73 – ئايەت؛ 44 – سۈرە دۇخان، 51 – ۋە 52 – ئايەتلەر؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 15 – ئايەت؛ 50 – سۈرە قاف، 31 – ئايەت؛ 51 – سۈرە زارىيات، 15 – ئايەت؛ 52 – سۈرە تۇر، 17 – ئايەت؛ 54 – سۈرە قەمەر، 54 – ئايەت؛ 68 – سۈرە قەلەم، 34 – ئايەت.

[35] 37 – سۈرە ساففات، 40 ~ 44 ئايەتلەر.

[36] 5 – سۈرە مائىدە، 119 – ئايەت.

[37] 4 – سۈرە نىسا، 13 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەت: 48 – سۈرە فەتىھ، 17 – ئايەت.

[38] 10 – سۈرە يۇنۇس، 26 – ئايەت.

[39] ‎‏ يەنى نەئىم جەننەتلىرىدە بولىدۇ، نېمەتلەرگە ئېرىشىدۇ.

[40] 82 – سۈرە ئىنفىتار، 13 – ئايەت.

[41] 2 – سۈرە بەقەرە، 25 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 2 – سۈرە بەقەرە، 82 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 57 – ، 122 – ۋە 124 – ئايەتلەر؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 42 – ئايەت؛ 10 – سۈرە يۇنۇس، 9 – ئايەت؛ 11 – سۈرە ھۇد، 23 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 23 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 31 – ۋە 107 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 75 – ۋە 76 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 14 – ، 23 – ۋە 56 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 58 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 8 – ئايەت؛ 32 – سۈرە سەجدە، 19 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 40 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 22 – ئايەت؛ 47 – سۈرە مۇھەممەد، 12 – ئايەت؛ 64 – سۈرە تەغابۇن، 9 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 11 – ئايەت؛ 85 – سۈرە بۇرۇج، 11 – ئايەت؛ 98 – بەييىنە، 7 – ۋە 8 – ئايەتلەر.

[42] 4 – سۈرە نىسا، 122 – ئايەت.

[43] 65 – سۈرە تالاق، 11 – ئايەت.

[44] 98 – سۈرە بەييىنە، 7 – ۋە 8 – ئايەتلەر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر