مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىمان ئاساسلىرى قانچە ۋە قايسىلار؟ 1

قۇرئاندا ئىمان ئاساسلىرى قانچە ۋە قايسىلار؟

قۇرئاندا ئىمان ئاساسلىرى قايسىلار؟

قولىمىزدىكى ئىككى مۇقاۋا ئارىسىغا ئېلىنغان قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىمان تېمىسىدۇر. ئۇلارغا ئىمان ئېيتىش مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ئىسلامدا ھۆكۈملەر ئىمانى / ئېتىقادى ھۆكۈملەر ۋە ئەمەلى ھۆكۈملەر دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلىدۇ.

ئىمانى ھۆكۈملەر، قەلبنىڭ ئىشىنىشى ۋە تەستىقلىشى پەرز بولغان ھۆكۈملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلى ھۆكۈملەر بولسا، ناماز، روزا، ھەجلەرگە ئوخشاش بەدەن بىلەن ئىجرا قىلىش پەرز بولغان ھۆكۈملەرنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمانى ھۆكۈملەر دىننىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇنىڭغا ئىمان ئېيتمىغان، چىن قەلبىدىن تەستىقلىمىغان كىشى مۇسۇلمان ھېسابلانمايدۇ. ئەمەلى ھۆكۈملەر، ئىمانى ھۆكۈملەردىن كېيىن كېلىدۇ. ئۇنداقتا دىنىمىزنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى بولغان قۇرئاندا ئىمانى ھۆكۈملەر قانچە ۋە قايسىلار؟

قۇرئاندا ئىمان ئاساسلىرى بەش بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1- ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرۈش

2 – پەرىشتىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

3- كىتابلارغا ئىمان كەلتۈرۈش

4 – ئەلچىلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش

5 – ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرۈش

مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مۇنداق:

﴿لَّيْسَ الْبِرَّ أَن تُوَلُّوا وُجُوهَكُمْ قِبَلَ الْمَشْرِقِ وَالْمَغْرِبِ وَلَكِنَّ الْبِرَّ مَنْ آمَنَ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ وَالْمَلَائِكَةِ وَالْكِتَابِ وَالنَّبِيِّينَ …١٧٧﴾

«مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلار ياخشى ئىش ئەمەس. لېكىن ياخشى ئىش ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان…‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت).    

﴿آمَنَ الرَّسُولُ بِمَا أُنزِلَ إِلَيْهِ مِن رَّبِّهِ وَالْمُؤْمِنُونَ كُلٌّ آمَنَ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ …٢٨٥﴾

«ئاللاھنىڭ بۇ ئەلچىسى رەببى تەرىپىدىن ئۆزىگە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ئىشەندى. مۇئمىنلارمۇ قۇرئانغا ئىشەندى. ھەممىسى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ئىشەندى …‏» – (2 – سۈرە بەقەرە، 285 – ئايەت). 

﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا آمِنُوا بِاللَّهِ وَرَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي نَزَّلَ عَلَى رَسُولِهِ وَالْكِتَابِ الَّذِي أَنزَلَ مِن قَبْلُ وَمَن يَكْفُرْ بِاللَّهِ وَمَلَائِكَتِهِ وَكُتُبِهِ وَرُسُلِهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا بَعِيدًا١٣٦﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە ئاللاھ ئەلچىسىگە نازىل قىلغان كىتابقا ۋە ئاللاھ ئىلگىرى نازىل قىلغان كىتابلارغا ئىشىنىڭلار. كىمكى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە كافىر بولىدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ» – (4 – سۈرە نىسا، 136 – ئايەت). 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر