مۇسۇلمانلار
قۇرئاندا ئىبلىس 1

قۇرئاندا ئىبلىس

قۇرئاندا ئىبلىس

1 – سەجدە ئەمرى

وَإِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ . فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ 

«رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار» – (15-سۈرە ھىجىر، 28 ~ 29 – ئايەت).

إِذۡ قَالَ رَبُّكَ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ إِنِّي خَٰلِقُۢ بَشَرٗا مِّن طِينٖ . فَإِذَا سَوَّيۡتُهُۥ وَنَفَخۡتُ فِيهِ مِن رُّوحِي فَقَعُواْ لَهُۥ سَٰجِدِينَ . فَسَجَدَ ٱلۡمَلَٰٓئِكَةُ كُلُّهُمۡ أَجۡمَعُونَ . إِلَّآ إِبۡلِيسَ ٱسۡتَكۡبَرَ وَكَانَ مِنَ ٱلۡكَٰفِرِينَ .

«ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. مەن ئۇنىڭ شەكلىنى تاماملاپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار».  شۇنىڭ بىلەن پەرىشتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى. ئىبلىس سەجدە قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كافىرلاردىن بولدى» -(38-سۈرە ساد، 71 ~ 74 – ئايەتلەر).

2 – ئىبلىسنىڭ جاۋابى

قَالَ مَا مَنَعَكَ أَلَّا تَسۡجُدَ إِذۡ أَمَرۡتُكَۖ قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ 

« ئاللاھ: «ساڭا نېمە توسالغۇ بولدى، ساڭا ئەمر قىلغان چېغىمدا نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى»-(7-سۈرە ئەئراف، 12- ئايەت).

قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا لَكَ أَلَّا تَكُونَ مَعَ ٱلسَّٰجِدِينَ.  قَالَ لَمۡ أَكُن لِّأَسۡجُدَ لِبَشَرٍ خَلَقۡتَهُۥ مِن صَلۡصَٰلٖ مِّنۡ حَمَإٖ مَّسۡنُونٖ

«ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا مەن ھەرگىزمۇ سەجدە قىلمايمەن» دېدى» – (15-سۈرە ھىجىر، 32 ~ 33- ئايەتلەر).

قَالَ يَٰٓإِبۡلِيسُ مَا مَنَعَكَ أَن تَسۡجُدَ لِمَا خَلَقۡتُ بِيَدَيَّۖ أَسۡتَكۡبَرۡتَ أَمۡ كُنتَ مِنَ ٱلۡعَالِينَ. قَالَ أَنَا۠ خَيۡرٞ مِّنۡهُ خَلَقۡتَنِي مِن نَّارٖ وَخَلَقۡتَهُۥ مِن طِينٖ. قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ . قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ وَإِنَّ عَلَيۡكَ لَعۡنَتِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ.

 «ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان نەرسىگە سەجدە قىلىشتىن سېنى نېمە توستى؟ تەكەببۇرلۇق قىلدىڭمۇ ياكى ئۆزىنى چوڭ تۇتقۇچىلاردىن بولدۇڭمۇ؟» دېدى. ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ياخشى. مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى.   ئاللاھ ئىبلىسقا مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! بۇندىن ئېتىبارەن قوغلاندىڭ! ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنىتىم ياغىدۇ» – (38-سۈرە ساد، 75 ~ 78- ئايەتلەر).

3 – ئىبلىسقا بېرىلگەن جازا

قَالَ فَٱهۡبِطۡ مِنۡهَا فَمَا يَكُونُ لَكَ أَن تَتَكَبَّرَ فِيهَا فَٱخۡرُجۡ إِنَّكَ مِنَ ٱلصَّٰغِرِينَ 

«ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى» -(7-سۈرە ئەئراف، 13- ئايەت).

قَالَ فَٱخۡرُجۡ مِنۡهَا فَإِنَّكَ رَجِيمٞ. وَإِنَّ عَلَيۡكَ ٱللَّعۡنَةَ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلدِّينِ.

« ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! سەن قوغلاندىڭ! ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ» – (15-سۈرە ھىجىر، 34 ~ 35- ئايەتلەر).

4 – ئىبلىسنىڭ ئىمانى

ئا – ئاللاھتىن ۋە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقىدۇ:

وَإِذۡ زَيَّنَ لَهُمُ ٱلشَّيۡطَٰنُ أَعۡمَٰلَهُمۡ وَقَالَ لَا غَالِبَ لَكُمُ ٱلۡيَوۡمَ مِنَ ٱلنَّاسِ وَإِنِّي جَارٞ لَّكُمۡۖ فَلَمَّا تَرَآءَتِ ٱلۡفِئَتَانِ نَكَصَ عَلَىٰ عَقِبَيۡهِ وَقَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكُمۡ إِنِّيٓ أَرَىٰ مَا لَا تَرَوۡنَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَۚ وَٱللَّهُ شَدِيدُ ٱلۡعِقَابِ 

«ئۆز ۋاقتىدا شەيتان ئۇلارغا ئەمەللىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىپ: «بۈگۈن ئىنسانلاردىن سىلەرنى يېڭىدىغان ھېچكىم يوقتۇر. مەن سىلەرنىڭ ياردەمچىڭلارمەن» دېگەن ئىدى. لېكىن شەيتان ئىككى قوشۇن بىر-بىرىنى كۆرۈشكەندە ئارقىسىغا چېكىندى ۋە: «شۈبھىسىزكى، مەن سىلەردىن ئادا-جۇدامەن، شۈبھىسىزكى، مەن سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ جازالىشى قاتتىقتۇر» دېدى» – (8-سۈرە ئەنفال، 48- ئايەت).

كَمَثَلِ ٱلشَّيۡطَٰنِ إِذۡ قَالَ لِلۡإِنسَٰنِ ٱكۡفُرۡ فَلَمَّا كَفَرَ قَالَ إِنِّي بَرِيٓءٞ مِّنكَ إِنِّيٓ أَخَافُ ٱللَّهَ رَبَّ ٱلۡعَٰلَمِينَ 

«مۇنافىقلارنىڭ ئەھۋالى شەيتاننىڭ ئەھۋالىغا ئوخشاشتۇر. شەيتان ئۆز ۋاقتىدا ئىنسانغا: «كافىر بولغىن» دېگەن ئىدى. ئىنسان كافىر بولغاندا: «مەن سەن بىلەن ئادا-جۇدامەن، چۈنكى مەن ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھتىن قورقىمەن» دېدى» – (59-سۈرە ھەشر، 16- ئايەت).

ب – ئاخىرەت ۋە قايتا تىرىلىشنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ:

قَالَ أَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ 

«ئىبلىس: «ماڭا ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر مۆھلەت بەرگىن» دېدى» – (7-سۈرە ئەئراف، 14- ئايەت).

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ 

«ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى» – (15-سۈرە ھىجىر، 36- ئايەت).

قَالَ رَبِّ فَأَنظِرۡنِيٓ إِلَىٰ يَوۡمِ يُبۡعَثُونَ 

«ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى» – (38-سۈرە ساد، 79- ئايەت).

پ – ئاللاھنىڭ توغرا يولىنى بىلىدۇ:

قَالَ فَبِعِزَّتِكَ لَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ إِلَّا عِبَادَكَ مِنۡهُمُ ٱلۡمُخۡلَصِينَ 

«ئىبلىس مۇنداق دېدى: «سېنىڭ ئىززىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن. لېكىن ئۇلاردىن ئىخلاسمەن بەندىلىرىڭنى ئازدۇرالمايمەن» – (38-سۈرە ساد، 82 ~ 83- ئايەتلەر).

قَالَ فَبِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأَقۡعُدَنَّ لَهُمۡ صِرَٰطَكَ ٱلۡمُسۡتَقِيمَ . ثُمَّ لَأٓتِيَنَّهُم مِّنۢ بَيۡنِ أَيۡدِيهِمۡ وَمِنۡ خَلۡفِهِمۡ وَعَنۡ أَيۡمَٰنِهِمۡ وَعَن شَمَآئِلِهِمۡۖ وَلَا تَجِدُ أَكۡثَرَهُمۡ شَٰكِرِينَ 

«ئىبلىس ئېيتتى: «قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، سەن مېنى ئازدۇرغان سەۋەبتىن مەن ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن.ئاندىن كېيىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكرى قىلمايدۇ» – (7-سۈرە ئەئراف، 16 ~ 17 – ئايەتلەر).

قَالَ رَبِّ بِمَآ أَغۡوَيۡتَنِي لَأُزَيِّنَنَّ لَهُمۡ فِي ٱلۡأَرۡضِ وَلَأُغۡوِيَنَّهُمۡ أَجۡمَعِينَ 

« ئىبلىس مۇنداق دېدى: «رەببىم! قەسەم قىلىپ ئېيتىمەنكى، مېنى ئازدۇرغانلىقىڭ ئۈچۈن زېمىندا ئۇلارغا گۇناھلارنى چىرايلىق كۆرسىتىپ ھەممىسىنى ئازدۇرىمەن» – (15-سۈرە ھىجىر، 39- ئايەت).

قَالَ أَرَءَيۡتَكَ هَٰذَا ٱلَّذِي كَرَّمۡتَ عَلَيَّ لَئِنۡ أَخَّرۡتَنِ إِلَىٰ يَوۡمِ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَأَحۡتَنِكَنَّ ذُرِّيَّتَهُۥٓ إِلَّا قَلِيلٗا 

« ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «سېنىڭ مەندىن ئۈستۈن قىلغىنىڭ بۇمۇ؟ بۇنىڭ نېمىسىنى دەپ مەندىن ئۈستۈن قىلدىڭ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەت كۈنىگە قەدەر مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، بۇنىڭ بالىلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسىنى بۇرنىدىن يېتىلەيمەن» – (17-سۈرە ئىسرا، 62- ئايەت).

 5 – ئىبلىسنىڭ قەسىمى

فَوَسۡوَسَ لَهُمَا ٱلشَّيۡطَٰنُ لِيُبۡدِيَ لَهُمَا مَا وُۥرِيَ عَنۡهُمَا مِن سَوۡءَٰتِهِمَا وَقَالَ مَا نَهَىٰكُمَا رَبُّكُمَا عَنۡ هَٰذِهِ ٱلشَّجَرَةِ إِلَّآ أَن تَكُونَا مَلَكَيۡنِ أَوۡ تَكُونَا مِنَ ٱلۡخَٰلِدِينَ. وَقَاسَمَهُمَآ إِنِّي لَكُمَا لَمِنَ ٱلنَّٰصِحِينَ 

«ئاندىن شەيتان ئۇ ئىككىسىگە ۋەسۋەسە قىلدى، مەقسىتى ئۇلارنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئۇلارغا ئاشكارىلاش ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «رەببىڭلار ئىككىڭلارغا بۇ دەرەخنى پەقەت ئىككى پەرىشتە بولۇپ كەتمەسلىكىڭلار ياكى مەڭگۈ ياشىغۇچىلاردىن بولۇپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈنلا چەكلىدى».‏  ھەمدە ئۇلارغا: «مەن ئىككىڭلارغا ھەقىقەتەن كۆيۈنگۈچىلەردىنمەن» دەپ قەسەم ئىچىپ بەردى» – (7-سۈرە ئەئراف، 20 ~ 21 – ئايەتلەر).

تەييارلىغۇچى: پروفىسسور ئابدۇلئەزىز بايىندىر

 

 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر