مۇسۇلمانلار

قىيامەت سۈرىسى

سۈرە قىيامەت
(تەرجىمىسى)
ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
1- ئۇنداق ئەمەس، قىيامەت كۈنى بىلەن قەسەمكى،
2- ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس[1]، ئۆزىگە مالامەت قىلغۇچى نەپىس بىلەن قەسەمكى،
3- ئىنسان بىزنى، سۆڭەكلىرىمنى جەمئى قىلالمايدۇ، دەپ ئويلامدۇ؟
4- ئەلۋەتتە جەمئى قىلىمىز، بىز ئۇنىڭ بارماق ئۇچىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قادىرمىز.
5- بەلكى ئىنسان كەلگۈسى ھاياتىدا گۇناھ قىلىشنى ئىرادە قىلىدۇ.
6- ئۇ: «قىيامەت كۈنى قاچان بولىدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
7- كۆز قاماشقان،
8- ئاي تۇتۇلغان،
9- كۈن بىلەن ئاي جەمئى قىلىنغان چاغدا،
10- ئىنسان ئەنە شۇ كۈندە: «قاچىدىغان جاي قەيەردە؟» دەيدۇ.
11- ياق، ھېچ پاناھگاھ يوق!
12- ئۇ كۈنى قارارگاھ رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
13- ئۇ كۈنى ئىنسانغا قىلغان ۋە قالدۇرغان نەرسىلىرى ئېيتىپ بېرىلىدۇ[2].
14- بەلكى ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى كۆرگۈچىدۇر[3]،
15- ئۆزرىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان تەقدىردىمۇ[4].
16- ئى مۇھەممەد! قۇرئاننى ئېسىڭگە ئېلىۋېلىشقا ئالدىراپ، تىلىڭنى ئۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرما[5].
17- چۈنكى ئۇنى توپلاش[6] ۋە ئوقۇپ بېرىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
18- شۇڭا بىز ئۇنى ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئوقۇلۇشىغا ئەگەش.
19- ئاندىن كېيىن ئۇنى بايان قىلىشمۇ بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىزدۇر.
20- ياق، بەلكى سىلەر تېز ئۆتۈپ كەتكۈچىنى[7] ياخشى كۆرىسىلەر.
21- ئاخىرەتنى قويۇپ قويىسىلەر.
22- ئۇ كۈنى بىر قىسىم يۈزلەر نۇرلىنىدۇ،
23- رەببىگە قارايدۇ.
24- ئۇ كۈنى يەنە بىر قىسىم يۈزلەر تۈرۈلىدۇ.
25- ئۆزلىرىنىڭ، ئومۇرتقىلىرىنى سۇندۇرۇۋاتىدىغان بىر ئىشقا دۇچار قىلىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ.
26- ياق[8]، جان ئوقۇرەك سۆڭەكلىرىگە يەتكەن،
27- «كىم ئىلاج قىلالايدۇ؟» دېيىلگەن،
28- سەكراتتىكى ئادەم بۇنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىش ئىكەنلىكىنى بىلگەن
29- ۋە پاچاق پاچاققا كىرىشكەن چاغدا،
30- ئەنە شۇ كۈنى ھەيدەپ بېرىلىدىغان جاي رەببىڭنىڭ دەرگاھىدۇر.
31- ئۇ[9]، تەستىقلىمىدى[10] ۋە ناماز ئوقۇمىدى،
32- لېكىن يالغان دېدى ۋە يۈز ئۆرۈدى،
33- ئاندىن كېيىن كېرىلگەن ھالدا يېقىن – يورۇقلىرىنىڭ يېنىغا باردى.
34- ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر!
35- شۇنداق، ساڭا ئازاب بەكمۇ لايىقتۇر، بەكمۇ لايىقتۇر.
36- ئىنسان ئۆزىنىڭ بىكار قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟
37- ئۇ، رەھىملەرگە تۆكۈلگەن مەنىي بىلەن ئۇرۇقلانغان بىر تۇخۇم ئەمەسمىدى؟
38- ئاندىن كېيىن ئۇ يېپىشقاق قان بولدى، ئاندىن ئاللاھ ياراتتى ۋە شەكىل بەردى،
39- ئاندىن ئاللاھ ئۇنىڭدىن بىر جۈپنى-ئەركەك بىلەن چىشىنى- ياراتتى.
40- ئەنە شۇ ئىشلارنى قىلغان ئاللاھ، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشكە قادىر ئەمەسمۇ؟
————————————-
[1]– بۇ ئىككى يەردىكى «ئۇنداق ئەمەس» نىڭ مەناسى ئەھۋال مۇشرىكلار دېگەندەك ئەمەس، دېمەكتۇر.

 [2]– ئىنسانغا بۇ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان ئىشلىرى ۋە ئارقىسىدا قويۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بېرىلىدۇ.

 [3]– گەرچە ئىنسانغا بۇ دۇنيادىكى چېغىدا قىلغان ئىشلىرىنى ۋە ئارقىسىدا قويۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنى باشقا بىرى ئېيتىپ بەرمىسىمۇ، ئۇنىڭ تىل، قول، پۇت، قۇلاق، كۆز ۋە تېرىلىرى ئۇنىڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشى بىلەن، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە ئارقىسىدا نېمىلەرنى قالدۇرۇپ ئاخىرەتكە كەتكەنلىكىنى، يەنى ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى ناھىيىتى ئېنىق كۆرىدۇ. نۇر سۈرىسىنىڭ 24- ئايىتى، ياسىن سۈرىسىنىڭ 65- ئايىتى ۋە فۇسسىلەت سۈرىسىنىڭ 20- ئايىتى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

 [4]– يەنى ئىنسان ھەر قانچە ئۆزرە ئېيتقان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ.

[5]– يەنى جىبرىئىل ساڭا ئوقۇپ بېرىۋاتقاندا، سەن ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوقۇمىغىن. ئۇنىڭ ئوقۇشى ئاخىرلاشسۇن، ئاندىن سەن ئوقۇشقا باشلىغىن.

 [6]– سېنىڭ قەلبىڭدە توپلاش.

[7]– بۇ قىسقا مۇددەتلىك دۇنيانى.

[8]– ئەھۋال مۇشرىكلار دېگەندەك بولمايدۇ.

 [9]– بۇ سۈرىنىڭ بېشىدا ئۆتكەن ئىنسان.

[10]– قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى ئىكەنلىكىگە ئىشەنمىدى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر