مۇسۇلمانلار

قىزلار (ئاياللار) نىڭ خىزمەت قىلىشى دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب:

قىزلار (ئاياللار) نىڭ خىزمەت قىلىشى يەنى بىر يەردە ئىشلىشى.

قىز (ئاياللار) نى ئىشلەشكە زورلاش توغرا ئەمەس. چۈنكى ئادەتتە ئايال كىشىنى ۋەلىيىسى (دادىسى ياكى ئېرى) باقىدۇ. ۋەلىيىسى بولمىغانلىقتىن ئىشلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان ياكى ۋەلىيىسى بولسىمۇ ئىشلەشنى خالىغان ئاياللار ئىشلىسە بولىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان بىر ھۆكۈم يوق.

ۋەلىيىسى بار ئاياللارنىڭ، تاپقان پۇلىنى ئۆيىنىڭ چىقىملىرى ئۈچۈن خەشلەش مەجبۇرىيىتى يوق. خالىسا خەجلەيدۇ، خالىسا خەجلىمەيدۇ. دىنىمىز ئائىلىنىڭ پۈتكۈل چىقىمىنى ئەر كىشىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەيدۇ. ئىشلەيدىغان ئاياللارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلىشى لازىم:

1- ۋەلىيىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىشى،

2- ئۆيدىن چىقىپ ئۆيگە قايتىپ كەلگىچە نامەھرەم (نىكاھ راۋا كېلىدىغان ئەر كىشى) بىلەن يالغۇز بىر جايدا تۇرۇپ قالماسلىقى،

3- قىلىدىغان ئىشى شەرىئەت مەنئى قىلمىغان ئىش بولۇشى.

ئايال كىشى بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا ئىشلىسە شەرىئەتكە خىلاپ كەلمەيدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر