مۇسۇلمانلار

قوچقارنى پىچىۋەتسە بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مىنىڭ سۇرىماقچى بولغان سۇئالىم تۈۋەندىكىچە:
1 ـ سوئال: قەغەزلەرگە ئايەت ۋە باشقا سۆزلەرنى ھەر خىل شەكىلدە يېزىپ، يېنىدا، دۇكاندا ياكى ئۆيدە ساقلىسا «قارا باسمايدۇ، كۆز تەگمەيدۇ، تىجارەت ياخشى بولىدۇ، زىرائەت ئالا بولمايدۇ…» دېگەندەك ئىشلار بار ئىكەن. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟
2 ـ سۇئال: قوچقار قوينى پىچتۇرۋەتسە قۇربانلىققا يارامدۇ؟
ھۆرمەت بىلەن: ئەنسار.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
«1 ـ سوئال: قەغەزلەرگە ئايەت ۋە باشقا سۆزلەرنى ھەر خىل شەكىلدە يېزىپ، يېنىدا، دۇكاندا ياكى ئۆيدە ساقلىسا «قارا باسمايدۇ، كۆز تەگمەيدۇ، تىجارەت ياخشى بولىدۇ، زىرائەت ئالا بولمايدۇ…» دېگەندەك ئىشلار بار ئىكەن. بۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟»
قېرىندىشىم! «پالانى ئايەتنى ئوقۇسا، ئۇنداق بولىدۇ؛ پۇستانى ئايەتنى ئوقۇسا مۇنداق بولىدۇ» دېگەن شەكىلدىكى رىۋايەتلەر ئويدۇرمىدۇر. قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر! دىنىمىزدا ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئەمەل قىلىش ئاساستۇر.
ئۇنداق ئېتىقاد ۋە كۆزقاراشلار قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل قىلىنىش ھېكمىتىگە خىلاپ كېلىدۇ. چۈنكى قۇرئان كەرىم «تەقۋەدارلارغا يېتەكچى» بولۇش ۋە «تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇۇش» ئۈچۈن نازىل قىلىنغان. (بەقەرە سۈرىسىنىڭ 2 ئايىتىگە ۋە ياسىن سۈرىسىنىڭ 70- ئايىتىگە قاراڭ).
ئەپسۇس! ئۇنداق يالغان ـ ياۋىداق سۆزلەر قۇرئان كەرىمدىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا راۋاج تاپماقتا. ئۇ سۆزلەر، جن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلار تەرىپىدىن، مۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھىيلە ـ مىكىرلىرىنىڭ بىر تۈرىدۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسى قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماي، ئىمانىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى ۋە مۇئامىلىسىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كونترولىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ بېقىشى كېرەك!
«2 ـ سۇئال: قوچقار قوينى پىچىۋەتسە بولامدۇ ۋە قۇربانلىققا يارامدۇ؟»
ئادەتتە كىشىلەر قوچقارنى ئاسان سېمىرىسۇن ياكى گۆشى لەززەتلىك بولسۇن دېگەندەك مەقسەتلەر بىلەن پىچۋېتىدۇ. دىنىمىز بۇنىڭدىن مەنئى قىلمايدۇ. بۇنداق مالنى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى دانە ئېرىكنى قۇربانلىق قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ قىلمىشى، ھەم قوچقارنى پىچىۋېتىشكە بولىدىغانلىقىغا، ھەم پىچىۋېتىلگەن قوچقارنى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. (ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە بەيھەقى رىۋايەت قىلىغان).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر