مۇسۇلمانلار

قانداق يەردە قۇرئان ئوقۇسا بولمايدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قۇرئان كەرىم ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابىدۇر. بۇنىڭغا ئىشەنگەن بىر مۇسۇلمان ئۇنى ئۇيغۇن بولمىغان يەرلەردە، مەسىلەن: خالادا، مۇنچىدا، بازاردا، ئېغىلدا ۋە قۇرئان كەرىمنىڭ شەنىگە لايىق بولمايدىغان باشقا يەرلەردە ئوقۇمايدۇ. چۈنكى مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ تەۋەررۈكىنى ئاياغ ئاستى قىلمايدۇ ۋە ئاياغ ئاستى بولۇپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.

باشقا بىرى ناماز ئوقۇۋاتقان، تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان، كىتاب كۆرۇۋاتقان، ئىستىراھەت قىلىۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيالىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان… يەرلەردە ئۈنلۈك قۇرئان ئوقۇپ ئۇلارنى بىئارام قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيادا قۇرئان ئوقۇشتىن ۋە قۇرئان ئاڭلاشتىن باشقىمۇ ئىشلىرى بار.

يۇقىرىقىدەك قۇرئان كەرىمنى ئوقۇشقا ئۇيغۇن بولمايدىغان يەرلەردە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ ھەمدە ئىبادەت قىلىمەن دەپ (سوغۇق سوپىلىق قىلىپ) ئىنسانلارنىڭ ھۇزۇرىنى بۇزغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر