مۇسۇلمانلار

قانداق ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ؟

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ:

1 ـ سۇ بولمىغان ياكى تاھارەتكە يەتكۈدەك سۇ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.

2 ـ كېسەل كىشى ياكى بىر يېرىدە جاراھەت بار كىشى ئەگەر سۇ بىلەن تاھارەت ئالغان تەقدىردە كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ قېلىشىدىن ياكى ساقىيىشىنىڭ كېچەكىپ قېلىشىدىن قورقسا، تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

3 ـ بىر كىشىنىڭ يېنىدا سۇ بار، لېكىن سوغۇق؛ ئىسسىتالمايدۇ، بۇ سۇدا تاھارەت ئالسا سوغۇق ئۆتۈپ كېتىدۇ، نەتىجىدە كېسەل بولۇپ قالىدۇ. بۇ تەقدىردىمۇ تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.

4 ـ سۇ يېقىن، لېكىن ئۇ سۇدا تاھارەت ئالسا ئۆزىگە ياكى مېلىغا زىيان يېتىدۇ، ياكى سۇ بىلەن ئۆزىنىڭ ئارىسىدا دۈشمەن بار؛ تاھارەت ئالسا، بۇ دۈشمەندىن بىر زىيان كېلىدۇ. بۇ تەقدىردىمۇ تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ.

5 ـ سۇ بار، لېكىن ئۇ سۇدا تاھارەت ئېلىپ قويسا، ئىچكىلى سۇ قالمايدۇ. بۇ تەقدىردە تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇسا بولىدۇ.

مانا يۇقىرىدىكى ئەھۋاللاردا تەيەممۇم قىلىپ ناماز ئوقۇشقا بولىدۇ. مائىدە سۈرىسىنىڭ 6 ـ ئايىتىدىكى «فەلەم تەجىدۇ» نىڭ مەنىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

ئىككىنچى سوئالىڭىزنىڭ جاۋابىغا كەلسەك،

تەيەممۇمنى پاك تۇپراقتا قىلىش كېرەك. كىيىم ـ كېچەككە ياكى تامغا ۋە ياكى قانداقلا بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە پاك تۇپراقنىڭ پارچىلىرى بولغان چاڭ ـ توزانلاردىمۇ تەيەممۇم قىلىشقا بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر