مۇسۇلمانلار

قاش تەرسە بولامدۇ؟

سوئال:
قاش تەرسە ياكى تەردۈرسە بۇلامدۇ بولمامدۇ؟ ئەگەر «بولمايدۇ» بولسا، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ئاياللار، ھەتتا يۈزىنى ئورىۋالغان ئاياللار قاشلىرىنى تېرىدىكەنغۇ؟!
جاۋاب:
قاش تەرسە ياكى تەردۈرسە بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاش تەرگەن ۋە قاش تەردۈرگەن ئاياللارنى ئاللاھ تائالانىڭ لەنەتلىگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئاللاھ تەئالا مۇسۇلمانلار ئاياللارنى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىكى ئاياللارنى (يۈزلىرىنى ئورىۋالغان بولسىمۇ) نى دوراشقا ئەمەس، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليورۇقلىرىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئاياللار كۈنىمىزدە ئىسلامدىن قۇتۇلالماي قالغان ئەرەب خوتۇنلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ مېڭىۋاتقان ئىسلامىي يولىدىن يانماسلىقى كېرەك.
 
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنىڭ ئەرەبچە تېكىستى مۇنداق:
 120 – (2125) حَدَّثَنَا إِسْحَاقُ بْنُ إِبْرَاهِيمَ، وَعُثْمَانُ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ – وَاللَّفْظُ لِإِسْحَاقَ -، أَخْبَرَنَا جَرِيرٌ، عَنْ مَنْصُورٍ، عَنْ إِبْرَاهِيمَ، عَنْ عَلْقَمَةَ، عَنْ عَبْدِ اللهِ، قَالَ: «لَعَنَ اللهُ الْوَاشِمَاتِ وَالْمُسْتَوْشِمَاتِ، وَالنَّامِصَاتِ وَالْمُتَنَمِّصَاتِ، وَالْمُتَفَلِّجَاتِ لِلْحُسْنِ الْمُغَيِّرَاتِ خَلْقَ اللهِ»
تەرجىمىسى:
ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەدىنىگە مەڭ ۋە گۈلگە ئوخشاش نەرسىلەرنى چەكتۈرگۈچى ۋە چېكىپ قويغۇچى خوتۇنلارغا، قاشلىرىنى تەرگۈزگۈچى ۋە تېرىپ قويغۇچى خوتۇنلارغا، گۈزەللىك ئۈچۈن چىشلىرىنى قىرغۇزۇپ تۈزەتكۈچى خوتۇنلارغا ئاللاھ لەنەت قىلدى. ئۇ خوتۇنلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىنى ئۆزگەرتكۈچى خوتۇنلاردۇر» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر