مۇسۇلمانلار

قاشتېشى تىجارىتى قىلىشقا بولامدۇ؟

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
قاشتېشى تىجارىتى قىلىش توغرىمۇ؟ تاغ، دەريا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قاشتېشى چىقىدىغان يەرلەرنى قېزىپ قاشتېشى تېپىپ سېتىشچۇ؟ بۇ سۇئالنى سورىشىمنىڭ سەۋەبى، قاشتېشى قولدىن قولغا يۆتكىلىپ ئاخىرى ئۇنىڭ بىر قىسمى بىلەن بۇت ياسىلىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بەزىلەر «ھارام» دەۋاتىدۇ. بۇ توغرىدا قانائەتلىنەرلىك بىر جاۋاب بەسەڭلار، ئاللاھ سىلەردىن رازى بولسۇن. ھۆرمەت بىلەن: مۇھەممەد
 ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
قاشتېشى تىجارىتى قىلىشقا ۋە قاشتېشى تېپىپ سېتىشقا بولىدۇ. چۈنكى قاشتېشى ھاۋادىكى قۇش، دېڭىزدىكى بېلىق، جاڭگالدىكى ئوتۇن-ياغاچ ۋە دەريادىكى سۇ قاتارلىق نەرسىلەرگە ئوخشاشتۇر. باشقىسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلماستىن كۈچى يەتكەن كىشىنىڭ ئۇنداق نەرسىلەرنى ئىگىلەپ پايدىلىنىشى ياكى سېتىپ خەجلىشى مۇباھتۇر. بۇنداق بىر مالنى ئىگىلىگەن بىر كىشىدىن سېتىۋېلىپ يەنە بىر كىشىگە سېتىشنىڭ ھېچبىر زىيىنى يوق. بۇنىڭ ئىسمى تىجارەتتۇر.
قاشتېشىنىڭ قولدىن قولغا يۆتكىلىپ ئاخىرى بىر قىسمىدا بۇت ياسىلىشى مەسىلىسىگە كەلسەك، مال ساتقۇچى ھېچقاچان ساتقان مېلىنىڭ ئاقىۋىتىدىن جاۋابكار ئەمەس. ئەگەر بۇنداق بىر ئىش بولىدىغان بولسا، ھەرقانداق سودىدا ساتقۇچىنىڭ ئالغۇچىدىن «بۇنى نېمىگە ئىشلىتىسىز؟» دەپ سورىشىغا، شۇنداقلا سېتىۋالغۇچى تەرەپ « ياخشى يولدا ئىشلىتىمەن» دېسە مېلىنى ئۇنىڭغا سېتىشى، ئەگەر «يامان يولدا ئىشلىتىمەن» دېسە مېلىنى ئۇنىڭغا ساتماسلىقى شەرت قىلىناتتى. ھالبۇكى دىنىمىزدا بۇنداق بىر شەرت يوق.
بىر مالنىڭ قولدىن قولغا يۆتكىلىپ ئاخىرىدا يامان بىر يەرگە ئىشلىتىلىشىدىن، ئۇ مالنى ئىشلەپچىقارغۇچىنى ياكى تاپقۇچىنى ۋە ياكى ساتقۇچىنى جاۋابكار قىلىش دىنىمىزنىڭ ھۆكمى ئەمەس.
ئاللاھ تەئالا نېمىنى ھارام قىلغان بولسا، ئۇنى ئۆزىنىڭ تەپسىلىي بايان قىلغانلىقىنى ئەنئام سۈرىسىنىڭ 119- ئايىتىدە ئوتتۇرىغا قويماقتىدۇر.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ پاك نەرسىلەرنى ھالال قىلىدىغانلىقى، ناپاك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدىغانلىقى ئەئراف سۈرىسىنىڭ 157- ئايىتىدە ئېنىق بايان قىلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز مۇسۇلمانلار بىر نەرسىنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى قۇرئان كەرىمدىن ۋە ھەدىس شەرىفتىن ئۆگىنىشىمىز لازىم.
ھەر زامانغا، ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىتاب قىلىدىغان قۇرئان كەرىم ۋە بۇ قۇرئان كەرىمنىڭ بايانى بولغان ھەدىس شەرىف چەكلىمىگەن بىر نەرسىنى ھېچقانداق ئادەمنىڭ چەكلەش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوقتۇر. دىنىمىزدا «بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى مېنىڭچە مۇنداق ياكى ئۇنداق» دېگەندەك سۆزلەرگە ئەسلا ئورۇن يوقتۇر. ئەھلى ئىلىمنىڭ ۋەزىپىسى دىننىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر، خالاس. مۇسۇلمان دېمەك ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ھۆكمىگە قەيتسىز ۋە شەرتسىز بويسۇنغۇچى دېگەن بولىدۇ. 
قۇرئان كەرىمنىڭ تىجارەت ۋە ئېلىم-سېتىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىدە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدە «قاشتېشى تاپماڭ» ياكى «قاشتېشى ساتماڭ» دەپ بىر ئىپادە يوق.
قىسقىسى قاشتېشى تىجارىتى قىلىش، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسى چەكلىگەن نەرسىلەرنىڭ قاتارىدا يوقتۇر. شۇنىڭدەك تاغ، دەريا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قاشتېشى چىقىدىغان يەرلەرنى قېزىپ قاشتېشى تېپىپ سېتىشمۇ چەكلەنمىگەن.
خۇلاسە:
ئاللاھ تەئالانىڭ كىتابى قۇرئان كەرىمدە ياكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىدا ھاراملىقى بايان قىلىنمىغان بىر نەرسىنى بەزى كىشىلەرنىڭ ھارام دېيىشى ياكى ھارام دېسە باشقىلارنىڭ ئۇ نەرسىنى ھارام دەپ ئېتىقاد قىلىشى مۇسۇلمانغا يارىشىدىغان ئىش ئەمەس. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ (يەھۇدىيلار) موللىرىنى (خرىستىئانلار) راھىبلىرىنى رەب قىلىۋالدى» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتنى ئوقۇغاندا، بىرى: «ئۇلار ئۇنداق قىلمايدۇ» دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
«ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدۇ. موللىلار ۋە راھىبلار ئۇلارغا ھالالنى ھارام، ھارامنى ھالال قىلىپ بېرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۇ موللىلار ۋە راھىبلارغا ئەگىشىدۇ. مانا بۇ، يەھۇدىيلار بىلەن خرىستىئانلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ موللا ۋە راھىبلىرىنى رەب قىلىۋالغانلىقىدۇر» دېگەن.- (تەپسىرى ئىبنى كەسىر تەۋبە سۈرىسىنىڭ31- ئايىتىنىڭ تەپسىرى)
شەرىئەتتە يىپەك ئەرلەرگە ھارام قىلىنغان. لېكىن بىر كىشى يىپەك سېتىلىدىغان بىر دۇكانغا كىرىپ ياكى يىپەك ساتىدىغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ بىر مىقدار يىپەك سېتىۋالماقچى بولسا، دۇكاندارنىڭ ياكى يىپەك سودىگىرىنىڭ: «بۇ، ئەرلەرگە ھارام. شۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە يىپەك ساتمايمەن» دېيىش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى يىپەك مالدۇر. ساتقۇچى ۋە ئالغۇچى ئىككى تەرەپ رازىلىشىپ ئۇنى پۇل بىلەن ئالماشتۇرسا، بولىدۇ. بۇنىڭ ئېتى تىجارەتتۇر.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، قاشتېشىنىڭ بەزى قىسمىدا ھەيكەل ياكى بۇت ياسىلىشىنىڭ قاشتېشى تېپىپ ساتقۇچىنى ياكى ئېلىپ–ساتقۇچىنى ئالاقىدار قىلمايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر