مۇسۇلمانلار

قارتا ئويناش گۇناھمۇ؟

سوئال:
بىز بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان بىرقانچە ياش مۇسۇلمانلارمىز. ئەتە-ئاخشام قارتا ئوينايمىز (پۇل تىكىشمەي ئەلۋەتتە). ھەتتا ناماز ۋاقتى بولغاندا ھەممىمىز پالاقشىپ مەسچىتكە بارىمىز. نامىزىمىزنى ئوقۇپلا قارتا ئويناشقا يۈگىرىمىز ۋە ئوينايمىز. بۇ قىلمىشىمىزنىڭ دىنىمىزدىكى ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب:
قارتا، دامكا، شىشىخال ۋە شاھمات… قاتارلىقلارنى پۇل تىكىشمەي ئويناش قىماردىن يىراق تۇرمىغانلىق ۋە بىھۈدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈمىگەنلىك بولىدۇ. شۇنىڭدەك، بۇ ئىش ئوقۇغان نامازنىڭ ئەسقاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھالبۇكى، ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمدە قىماردىن يىراق تۇرۇشقا بۇيرۇغان، بىھۈدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈشنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە ئوقۇلغان نامازنىڭ يامان ئىشلاردىن توسىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۈستىدە توختىلىمىز:
1- ئاللاھ تەئالا بىرقانچە گۇناھ توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِنَّمَا الْخَمْرُ وَالْمَيْسِرُ وَالْأَنْصَابُ وَالْأَزْلَامُ رِجْسٌ مِنْ عَمَلِ الشَّيْطَانِ فَاجْتَنِبُوهُ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش پاسكىنا قىلىقلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار بەختكە ئېرىشەلەيسىلەر»- مائىدە 5/90.
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە «ئۇ ئىشلارنى قىلماڭلار» دېمەستىن «فَاجْتَنِبُوهُ (ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار)» دەيدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى «ئۇ ئىشلار» نىڭ مەنئى قىلىنغانلىقىنىلا ئەمەس، بەلكىدە «ئۇ ئىشلار» غا ئېلىپ بارىدىغان ۋە «ئۇ ئىشلار» غا ۋاسىتە بولىدىغان پۈتۈن ئىشلارنىڭمۇ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن «ئۇ ئىشلار» نىڭ بىرى بولغان قىمارنى ئېلىپ ئېيتساق:
قىمار ئويناش ئەسۋابلىرى بولغان دامكا، شاھمات، قارتا، شىشىخال ئوشۇق ۋە كۈنىمىزدىكى پۈتكۈل قىمار قوراللىرىنى بىر نەرسە تىكىشىپ ئويناش قىمار ئوينىغانلىق بولىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى بىر نەرسە تىكىشمەي ئويناش قىماردىن يىراق تۇرمىغانلىق بولۇپ ئاللاھنىڭ يۇقىرىدىكى «اجْتَنِبُو (يىراق تۇرۇڭلار)» دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىق بولىدۇ.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسىمۇ يۇقىرىدى ئايەتنىڭ مەناسىنى تەكىتلەيدۇ:
«كىم شىشىخال ئوينايدىكەن قولىنى چوشقىنىڭ گۆشى ۋە قېنىدا بويىغاندەك بولىدۇ» – مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
«كىم شىشىخال ئوينايدىكەن ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان.
دېمەك، قىمار ئويناش ئەسۋابىنى پۇل تىكىشىپ ئويناش چوشقىنىڭ گۆشىنى يېگەنلىك بىلەن، پۇل تىكىشمەي ئويناش چوشقىنىڭ گۆش ۋە قېنىدا قولنى بويىغانلىق بىلەن ئوخشاش ئىشتۇر، شۇنداقلا ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر.
2- ئاللاھ تەئالا مۇئمىنۇن (مۇئمىنلار) سۈرىسى دەپ بىر سۈرە نازىل قىلىپ، ئۇ سۈرىدە دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشىدىغان مۇئمىنلارنىڭ سۈپەتلىرىنى بايان قىلىدۇ.
«قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ. الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ. وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ»
«مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ. ئۇلار نامىزىدا ئۆزىلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھغا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز- ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر.»- مۇئمىنۇن 23/1-3.
بۇنىڭغا ئاساسەن، بىھۈدە (دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان) سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىش مۇئمىنلارنىڭ نامازدىن كېيىنلا كېلىدىغان ئىككىنچى سۈپىتىدۇر.
قارتا، دامكا، شىشىخال ۋە شاھمات… لارنى (پۇل تىكىشمىسىمۇ) ئويناش مۇئمىننى مۇئمىن قىلغان سۈپەتلەرنىڭ ئىككىنچىسىنى يوقاتقانلىق بولىدۇ. چۈنكى مۇئمىن دېگەن دىنى نېمىگە بۇيرۇسا ئۇنى قىلغان، دىنى نېمىدىن چەكلىسە ئۇنىڭدىن يانغان، دىنى ئۇنى قانداق سۈپەتلەر بىلەن مۇئمىن دەپ ئاتىغان بولسا ئۇ سۈپەتلەرنى ئۆزىدە مەۋجۇت قىلغان كىشىدۇر. دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان، ھەتتا زىيىنى بولغان ئىشنى تەرك ئەتمىگەن كىشى بىھۈدە ئىشتىن يۈز ئۆرۈمىگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى ئايىتىگە ئۇيغۇن ئىش قىلمىغان بولىدۇ.
كۈنىمىزدە ئىلىم ياكى بىرەر ھۈنەر ۋە ياكى بىرەر كەسىپ ئۆگىنىپ ئۆزلىرىنى يېتۈشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا قاۋاقخانا، ئويۇنخانا، تاۋكا، ۋاڭبا ۋە دىبالاردا قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى نابۇد قىلىۋاتقان ياشلار ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدىندۇر.
3- ئاللاھ تەئالا نامازنىڭ پايدىلىرىدىن بىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
« إِنَّ الصَّلَاةَ تَنْهَى عَنِ الْفَحْشَاءِ وَالْمُنْكَرِ »
 «… شۈبھىسىزكى، ناماز قەبىھ سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە يامان ئىشلاردىن توسىدۇ…»- ئەنكەبۇت 29/45.
ئاللاھ تەئالانىڭ بۇ سۆزى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇكى، ناماز ئوقۇيدىغان بىر كىشىنىڭ يامان (دۇنياسىغا، ئاخىرىتىگە، ئۆزىگە ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولمىغان) ئىشلارنى قىلىشى ئوقۇغان نامىزىنىڭ تەلەپكە لايىق ئوقۇلمىغانلىقىنىڭ، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئەخلاقىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.
تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر