مۇسۇلمانلار

غەۋس ۋە چىلتەن راستمۇ؟

سوئال:
سوپىلارنىڭ قۇتۇپ، چىلتەن ۋە غەۋس دەپ ئاتىۋالغان نەرسىلىرى قانداق نەرسىلەردۇر؟ ئۇلار ئەمەلىيەتتە مەۋجۇتمۇ؟
جاۋاب: ئەسلىدە ئۇلار خۇراپىي تەسەۋۋۇرلاردىكى خىيالى نەرسىلەردۇر. تەرىقەتچىلەرنىڭ (سوپى-ئىشانلارنىڭ) ئۇلار ھەققىدىكى ئېتىقادى مۇنداق:
1- قۇتۇپ
قۇتۇپ ئەڭ بۈيۈك ئەۋلىيادۇر. ئۇ ئاللاھقا يەتكەنلەرنىڭ بېشىدۇر، ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن كائىناتتا تەسەررۇپقا ئىگىدۇر يەنى كائىناتنى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا تولۇق ھوقۇققا ئىگىدۇر.
2- چىلتەن
 چىلتەن غەيرىي تەبىئىي كۈچكە ئىگە، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان ۋە بىر – بىرىدىن ئايرىلمايدىغان 40 نەپەر روھ بولۇپ، ئۇلار بەزىدە ئادەم قىياپىتىدە كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، ئۇلار ئادەتتە مازار ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش جايلاردا ئىستىقامەت قىلىدۇ. تۈرلۈك ئاپەتلەردىن ساقلىنىش، كېسەلدىن ساقىيىش ۋە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش مەقسىتىدە ئۇلارغا ئاتاپ پىلىكتىن ياسالغان 40 دانە چىراغ يېقىلىدۇ، ھەر خىل تائاملار پىشۇرۇلىدۇ، پىشۇرۇلغان تائاملار (چىلتەن ئېشى) يىغىلغان خوتۇن-قىزلارغا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.     
3- غەۋس
غەۋس قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا پاناھلىق ۋە ياردەم تەلەپ قىلىنىدىغان قۇتۇبتۇر. قىيىن ئەھۋالدا قالغان سوپىلار «مەدەت يا غەۋس! يا غەۋس ئەلمەدەت!» دەپ غەۋسكە سېغىنىدۇ. غەۋس دەپ بىلىنىدىغانلار ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنىڭ مەزھەرى ھېسابلىنىدۇ. يەنى ئاللاھنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى ئۇلارنىڭ شەخسىيىتىدە كۆرۈنىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ. ئابدۇلقادىر جەيلانىي «غەۋسىلئەزەم (ئەڭ بۈيۈك غەۋس)» دېگەن لەقىمى بىلەن مەشھۇردۇر[1].
ئەنە شۇ ئېتىقاد قۇرئان كەرىمدە كۇپۇر ۋە شېرىك ھېسابلانغان، شۇنداقلا قاتتىق مەنئى قىلىنغان ئېتىقاددۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ أَرَأَيْتُمْ مَا تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ أَرُونِي مَاذَا خَلَقُوا مِنَ الْأَرْضِ أَمْ لَهُمْ شِرْكٌ فِي السَّمَاوَاتِ ائْتُونِي بِكِتَابٍ مِنْ قَبْلِ هَذَا أَوْ أَثَارَةٍ مِنْ عِلْمٍ إِنْ كُنْتُمْ صَادِقِينَ. وَمَنْ أَضَلُّ مِمَّنْ يَدْعُو مِنْ دُونِ اللَّهِ مَنْ لَا يَسْتَجِيبُ لَهُ إِلَى يَوْمِ الْقِيَامَةِ وَهُمْ عَنْ دُعَائِهِمْ غَافِلُونَ. وَإِذَا حُشِرَ النَّاسُ كَانُوا لَهُمْ أَعْدَاءً وَكَانُوا بِعِبَادَتِهِمْ كَافِرِينَ»
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرىڭلار[2] توغرۇلۇق ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ماڭا كۆرسىتىپ بېقىڭلار قېنى، ئۇلار زېمىندىن نېمە ياراتتى؟ ياكى ئۇلارنىڭ ئاسمانلاردا بىر شېرىكچىلىكى بارمۇ؟ ماڭا بۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان بىر كىتاب ياكى ئىلگىرىكىلەردىن قالغان بىر ئىلىم كەلتۈرۈڭلار. ئەگەر راستچىل بولساڭلار›.
 ئاللاھنى قويۇپ قىيامەت كۈنىگىچە دۇئاسىنى ئىجابەت قىلالمايدىغان كىشىلەرگە دۇئا قىلىدىغان ئادەمدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ھالبۇكى، ئۇ كىشىلەر بۇلارنىڭ دۇئاسىدىن خەۋەرسىزلەردۇر.
ئىنسانلار ھەشىرقىلىنغان چاغدا، ئۇ كىشىلەر بۇلارغا دۈشمەن بولىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇلارتەرىپىدىن ئىبادەت قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ»- ئەھقاف 46/4-6.
نامازلىرىنىڭ ھەر رەكئىتىدە
«إِيَّاكَ نَعْبُدُ وإِيَّاكَ نَسْتَعِينُ»
«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز» (فاتىھە 1/5) دەپ ئاللاھ تائالاغا ۋەدە بەرگەن مۇسۇلمانلار مۇشرىك بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن داۋاملىق ھوشيار بولۇشى كېرەك.
دىنىمىزدا نە قۇتۇپ، نە غەۋس يوقتۇر، چىلتەن دەپ بىر نەرسىمۇ ئەسلا يوقتۇر. دىنىمىزدا ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك بولغىنى ئەڭ تەقۋادار بولغانلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{يَا أَيُّهَا النَّاسُ إِنَّا خَلَقْنَاكُم مِّن ذَكَرٍ وَأُنثَى وَجَعَلْنَاكُمْ شُعُوباً وَقَبَائِلَ لِتَعَارَفُوا إِنَّ أَكْرَمَكُمْ عِندَ اللَّهِ أَتْقَاكُمْ إِنَّ اللَّهَ عَلِيمٌ خَبِيرٌ}
«ئى ئىنسانلار! بىز سىلەرنى بىر ئەر ۋە بىر ئايالدىن ياراتتۇق، سىلەرنى ئۆزئارا تۆنۇشۇشۇڭلار ئۈچۈن مىللەتلەرگە ۋە قەبىلىلەرگە ئايرىدۇق. شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىكىڭلار، ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلاردۇر. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، خەۋەرداردۇر»- ھۇجۇرات 49/13.
تەقۋادارلىقنىڭ ئورنى قەلبتۇر، ئۇ كىشىنىڭ ئەمەل-ئىبادلىرىدە، يۈرۈش-تۇرۇشلىرىدا ۋە مۇئامىلە-مۇناسىۋەتلىرىدە نامايەندە بولىدۇ. بىر كىشىنىڭ تەقۋادارلىقى تەلەپكە لايىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك بولغانلىقىنى پەقەتلا ئاللاھ تائالا بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر كىشىنىڭ ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا ھۆرمەتلىك ئىكەنلىكى دەۋا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. داۋا قىلغۇچىلار يالغانچىلاردۇر، ساختىپەزلەردۇر ۋە قىزىل كۆزلەردۇر. ھەتتا ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەنلەرنىڭمۇ ئۇنداق بىر داۋادا بولۇشى توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئىلىم زىيادە بولغانسېرى تەقۋادارلىق زىيادە بولىدۇ، تەقۋادارلىق زىيادە بولغانسېرى ئاللاھقا بولغان ئېھتىرام، ئەيمىنىش ۋە كەمتەرلىك زىيادە بولىدۇ. ئۆزىنى قۇتۇپ، غەۋس، پىر… دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ دەۋالىرى ئەنە شۇلاغا زىتتۇر.
  يىغىپ ئېيتقاندا قۇتۇپ غەۋس، چىلتەن… دېگەندەك خىيالى كىشىلەرنى بار دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش، ئۇلارغا تەزىم قىلىش ۋە ئاللاھدىن تەلەپ قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى ئۇلاردىن تەلەپ قىلىش شەيتاننىڭ ئىنسانلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ۋەسۋەسىلىرى بىلەن بولغان ئىشلاردۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَكَذَلِكَ جَعَلْنَا لِكُلِّ نَبِيٍّ عَدُوًّا شَيَاطِينَ الْإِنْسِ وَالْجِنِّ يُوحِي بَعْضُهُمْ إِلَى بَعْضٍ زُخْرُفَ الْقَوْلِ غُرُورًا وَلَوْ شَاءَ رَبُّكَ مَا فَعَلُوهُ فَذَرْهُمْ وَمَا يَفْتَرُونَ. وَلِتَصْغَى إِلَيْهِ أَفْئِدَةُ الَّذِينَ لَا يُؤْمِنُونَ بِالْآخِرَةِ وَلِيَرْضَوْهُ وَلِيَقْتَرِفُوا مَا هُمْ مُقْتَرِفُونَ}
«شۇنىڭدەك، بىز ھەر پەيغەمبەرگە ئىنسانلارنىڭ ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى دۈشمەن قىلدۇق. ئۇلار ئالداش ئۈچۈن بىر-بىرلىرىگە شېرىن سۆزلەرنى پىسىلدايدۇ. ئەگەر رەببىڭ خالىسا ئىدى، ئۇلار ئۇنى قىلالمايتتى. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئويدۇرغان بوھتانلىرى بىلەن قويۇۋەتكىن.
ھەمدە ئۇ شەيتانلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۆڭۈللىرى ئۇ شېرىن سۆزلەرگە مايىل بولسۇن، ئۇلار ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە قىلىۋاتقان گۇناھلارنى قىلىۋەرسۇن دەپ شۇنداق پىسىلدايدۇ»- ئەنئام- 6/112-113.
ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەۋمىگە ئۆزىنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، غەيبنى بىلمەيدىغانلىقى، ئۆزىگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە قادىر ئەمەسلىكىنى ئەسلىتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرسا ئۇ خىيالىي قۇتۇپ، غەۋس ۋە چىلتەنلەر ئىنسانلارغا قانداقمۇ پايدا يەتكۈزسۇن، قانداقمۇ ئىنسانلارنى زىياندىن ساقلىسۇن ياكى قۇتقۇزسۇن؟!
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِثْلُكُمْ يُوحَى إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَهُكُمْ إِلَهٌ وَاحِدٌ فَمَنْ كَانَ يَرْجُو لِقَاءَ رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا»
 «ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاشلا بىر ئىنسانمەن. لېكىن ماڭا، ‹سىلەرنىڭ ئىلاھىڭلار يالغۇز بىر ئىلاھتۇر› دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ. كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلسا، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- (كەھف 18/110).
«قُل لاَّ أَقُولُ لَكُمْ عِندِي خَزَآئِنُ اللّهِ وَلا أَعْلَمُ الْغَيْبَ وَلا أَقُولُ لَكُمْ إِنِّي مَلَكٌ إِنْ أَتَّبِعُ إِلاَّ مَا يُوحَى إِلَيَّ قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَفَلاَ تَتَفَكَّرُونَ»
«ئېيتقىنكى: مەن سىلەرگە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى مېنىڭ يېنىمدا، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە: مەن چوقۇم بىر پەرىشتە، مۇ دېمەيمەن. مەن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان نەرسىگىلا ئەگىشىمەن›. ئېيتقىنكى: ‹كور بىلەن كۆرگۈچى باراۋەر بولامدۇ؟ تەپەككۇر قىلمامسىلەر؟›»- ئەنئام 6/50.
«وَلَوْ كُنتُ أَعْلَمُ الْغَيْبَ لاَسْتَكْثَرْتُ مِنَ الْخَيْرِ وَمَا مَسَّنِيَ السُّوءُ إِنْ أَنَاْ إِلاَّ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ لِّقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ»
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى….: ‹ئەگەر غەيبنى بىلگەن بولسام، كۆپ ياخشىلىق ھاسىل قىلغان بولاتتىم، بېشىمغا ھېچبىر يامانلىق كەلمىگەن بولاتتى. مەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە بىر خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن›»- ئەئراف 7/188.
ئەنسارلاردىن بولغان ئۇممۇلئالا (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: مۇھاجىرلار ئۈچۈن چەك تاشلانغاندا بىزگە ئوسمان ئىبىن مەزئۇن چىقتى. ئۇنى ئۆيىمىزگە ئورۇنلاشتۇردۇق. كېيىن ئۇ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان كېسەللىككە گىرىپتار بولدى. ۋاپات بولغاندا يۇيۇلدى ۋە ئۆز كىيىمى بىلەن كېپەنلەندى. ئاندىن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىچكىرىگە كىردى. مەن ئۇ ئەسنادا: «ئەبۇسسەئىب![3] ئاللاھ ساڭا رەھىم قىلسۇن. مەن ئاللاھنىڭ ساڭا ھەقىقەتەن ئىنئام قىلغانلىقىغا گۇۋاھچىمەن» دېدىم. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «سەن ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغانلىقىنى قانداق بىلىسەن؟» دېدى. مەن: «ئاتام ساڭا پىدا ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاللاھ (ئۇنىڭغا ئىنئام قىلمىسا) كىمگە ئىنئام قىلار؟» دېدىم. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «شۇنداق، ئۇنىڭغا قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت كەلدى. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ ئۈچۈن داۋاملىق ياخشىلىق تىلەيمەن. لېكىن مەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى تۇرۇقلۇق قانداق قارشى ئېلىنىدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن».
ئۇممۇلئالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، شۇ كۈندىن بۇيان ھېچكىمنى پاكلىمايمەن»[4].
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
«ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرىڭنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېگەن مەنىدىكى ئايەت نازىل بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق بىر نۇتۇق سۆزلىدى: «ئى قۇرەيش جامائەسى! ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشىڭلار. مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ئەسقىتالمايمەن. ئى ئابدۇمەنناف ئەۋلادى! مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرگە ئەسقىتالمايمەن. ئى ئابدۇلمۇتەللىبنىڭ ئوغلى ئابباس![5] مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىزگە ئەسقىتالمايمەن. ئى پەيغەمبەرنىڭ ھاممىسى سەفىييە! مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىزگە ئەسقىتالمايمەن. ئى مۇھەممەدنىڭ قىزى فاتىمە! مەن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ساڭا ئەسقىتالمايمەن»[6].

[1]– ھەسەن كامىل يىلماز، رىجالۇلغەيب (غائىب يارانلار) ئالتىن ئولۇق مەجمۇئەسى، 1995- يىلى 12- ئاي. ئىسلام لۇغىتى.
[2]– بۇ يەردە «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە مۇناسىۋەت ئالماشلىرىدىن بىرى بولغان «ما» بولۇپ، ما ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ، ئەقىلسىزلەرنى ئىپادىلەشكىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن بۇ ما بۇ ئايەتتە ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن خەلەقۇ خَلَقُوا») ۋە لەھۇم لَهُمْ») دىكى ئالماشلارنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىككى مەنىسىدىن بىرى بولغان ئەقىللىقلەرنىلا ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئالماش ئەرەبچىدە ئەقىللىقلەرنى ئىپادىلەش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ يەردە ئۇ «ما» نىڭ مەنىسىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇ «ما» نى «نەرسىلەر» دەپ تەرجىمە قىلماستىن «كىشىلەر» دەپ تەرجىمە قىلدۇق.  
[3]– ئوسمان ئىبنى مەزئۇن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ لەقىمى.
[4]– بۇخارى، جەنائىز 3.
[5]– ئابباس پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىدۇر.
[6]– بۇخارى، ۋەسايا 11.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر