مۇسۇلمانلار

غەيرىيمۇسۇلماننى مېھمان قىلسام بولامدۇ؟

جاۋاب:

قېرىندىشىم! ئەگەر ئەھۋال سىز دېگەندەك بولىدىغان بولسا، ئۇلارنى مۇسۇلمانچە بولمىغان ئاشخانىلارغا ئەكىرىپ دېگەنلىرىنى ئېلىپ بېرىپ چىقىپ كەتسىڭىز ياكى ئۆزىڭىز ھارام بىر نەرسە يەپ- ئىچمەسلىك شەرتى بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرسىڭىز بۇلىدۇ. بۇنداق قىلىشىڭىزغا رۇخسەت بېرىلىدۇ. چۈنكى سىز شۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىكەنسىز، سىزنىڭ بەزى كىچىك گۇناھلارنى قىلىپ سېلىشىڭىز تۇرغان گەپ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر سىلەر مەنئى قىلىنغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساڭلار، كىچىك گۇناھلىرىڭلارنى يوققا چىقىرىمىز ۋە سىلەرنى ئېسىل بىر ماكانغا كىرگۈزىمىز» – (نىسا سۈرىسى 31 ئايەت).

بۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالا بىزگە، چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانساق كىچىك گۇناھلىرىمىزنى يوققا چىقىرىدىغانلىقىنى ۋە بىزنى ئېسىل ماكان بولغان جەننەتكە كىرگۈزىدىغانلىقىنى خۇش خەۋەر قىلىدۇ. شۇرا سۈرىسىنىڭ 37 ئايىتى بىلەن نەجم سۈرىسىنىڭ 32 ئايىتىمۇ بۇ ئايەت بىلەن ئوخشاش مەنانى ئىپادىلەيدۇ.

مۇھىم بولغىنى تۆۋەندىكى چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىشتۇر:

ئاللاھغا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىر قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانىخورلۇق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يەۋىلىش، جەڭ كۈنى قېچىپ كېتىش، ئىپپەتلىك ئاياللارنى قارىلاش، ئاتا-ئانىنى قاقشىتىش، يالغان سۆزلەش، ئاللاھغا ياكى ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە يالغان چاپلاش، بەچچىۋازلىق قىلىش، زىنا قىلىش، تۇغقانلارنى تاشلىۋېتىش ۋە تۇغقانلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش، تەكەببۇرلۇق قىلىش، ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، ئوغرىلىق قىلىش، ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋىلىش، يالغان قەسەم ئىچىش، خائىنلىق قىلىش، چېقىمچىلىق قىلىش، زۇلۇم قىلىش، ئۆلچەمنى كەم تۇتۇش، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلىنىش، غەيۋەت قىلىش، ھارام يېيىش ۋە ئۆزئارا يامان لەقەم بىلەن چاقىرىشىش قاتارلىقلار.

ئاللاھ تەئالا قۇرئان كەرىمنىڭ 40- سۈرىسى (غافىر سۈرىسى) نىڭ 28- ئايىتى ۋە داۋامىدىكى ئايەتلەردە، پىرئەۋن خانىدانىغا مەنسۇب، ئىمانىنى يوشۇرۇپ كەلگەن بىر مۇئمىن ئادەمنىڭ «مېنى قويۇۋېتىڭلار، مۇسانى ئۆلتۈرىمەن، مۇسا رەببىنى چاقىرسۇن، مەن مۇسانىڭ دىنىڭلارنى ئۆزگەرتىۋېتىشىدىن ياكى زېمىندا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرۇشىدىن قورقىمەن» (غافىر 40/26) دېگەن پىرئەۋنغا ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىگە نۇرغۇن نەسىھەتلەردە بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

دېمەك ئىماننى يوشۇرسا يوشۇرغىلى بولىدۇ. ئىمانىنى يوشۇرىدىغان ئادەمنىڭ، قىلىشقا تېگىشلىك بەزى ئىشلارنى قىلالماسلىقى، قىلماسلىققا تېگىشلىك بەزى ئىشلارنى قىلىپ سېلىشى ھەر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇمدۇر.

سىزنىڭ شۇ قارا كافىرلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى مەلۇم قىلىپ ئەمەل-ئىبادەتلىرىڭىزنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىپ، دىنىمىز مەنئى قىلغان چوڭ گۇناھلاردىن ساقلىنىپ تۇرالىغانلىقىڭىز ھەقىقەتەن قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان بىر ئىشتۇر. ئاللاھ سىزنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغۇزسۇن ۋە سىزگە مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلسۇن.

سىزگە ئوخشاش، كافىرلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ قالغان ئىشچى-خىزمەتچى ياكى تىجارەتچى قېرىنداشلىرىمىز ئەمەل-ئىبادەتلىرىنى جايىدا ئادا قىلالىسا ۋە چوڭ گۇناھلاردىن ساقلانسا، ئۇلارنىڭ ھېلىقىدەك كىچىك گۇناھلىرىنى (ئامال بار بۇلارنىمۇ قىلماسلىق شەرتى بىلەن) ئاللاھ تەئالا كەچۈرىدۇ. بۇنى ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ۋەدە قىلدى.

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ: جەمىيىتىمىزدە بەزى ئىشلار بار. ئۇ ئىشلار گۇناھدەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە گۇناھ ئەمەس. ئۇ نەرسىلەرنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىنى قۇئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردىن ئۆگىنىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. بولمىسا، تولا چاغدا ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېسابلاپ روھىي جەھەتتىن قىينىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن. ئەمەلىيەتتىمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدا، دىنىمىزدا گۇناھ ھېسابلانمايدىغان، لېكىن ئاتا- بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ گۇناھ دەپ ئېتىقاد قىلىنىپ كەلگەن نۇرغۇن ئىشلار بار. بىز قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە قاراپ مۇسۇلمانلىقىمىزنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرمىسەك بولمايدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ ۋە نۇرغۇن ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بارلىقىمۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ نېمەتتۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر