مۇسۇلمانلار

غىتمەك موللاملارنىڭ كۆتمەك پەتىۋالىرى ھەققىدە

سوئال:
يېقىنقى زامانلاردا دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا «ساقال قويمىغانلار كاپىر، ھازىرقى ئىماملارنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ، مائاش ئالغانلار مۇسۇلمان ئەمەس، ھىجرەت قىلمىغانلار مۇناپىق…» دېگەندەك سۆزلەر پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ سۆزلەر دىنى مەلۇماتى بىرقەدەر يۇقىرى كىشىلەرگە ھېچقانداق تەسىر قىلمىسىمۇ، بەزى دىنى مەلۇماتى يېتەرلىك بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئارىسالدى قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. ھەتتا بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئۇ سۆزلەرگە ئىشىنىپ تەركىجامائەت بولۇپ كەتتى، مەسچىت-جامەلىرىمىزگە چىقمايدىغان بولۇۋالدى. ئۇلارنىڭ دېگەنلىرى توغرىمۇ؟ بىزگە بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىلە، ئاللاھ سىلىگە رەھمەت قىلسۇن.
جاۋاب:
ھېچبىرى توغرا ئەمەس، چۈنكى ئۇ سۆزلەر قۇرئان كەرىمنىڭ بىرەر ئايىتىگە ياكى پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىرەر ھەدىسىگە ئاساسلانغان سۆزلەر ئەمەس. بەلكىدە ئۇ سۆزلەرنىڭ ھەر بىرى خام خىيالنىڭ مەھسۇلىدۇر. بىلمەيدىغان، بىراق ئۆزىنى «بىلىدۇ» دەپ بىلىدىغانلار مىللەتنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا بەك ھۆرمىتى بار، لېكىن ئىسلامىي ئىلىمدىن يىراق قالغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئۇنداق «قۇلاق موللىلىرى»، ئۇنداق مەكتەپ-مەدرىسە كۆرمىگەن «داموللام» لار مىللىتىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن خەتەرلىك. بۇلار ئەنە ئاشۇنداق يالغان-ياۋىداق گەپلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا ياشىيالمايدىغان ھالەتكە ئەكېلىپ قويىدۇ. بەك دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلىلەر ئاددىيدەك كۆرۈنگەن بىلەن ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا ھەر مەسىلە ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئىنشائاللاھ بۇ جاۋاب بىلەن ئۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئوتتۇرىغا چىققۇسى.
1- ساقال قويمىغانلار كاپىرمۇ؟
بىر مۇسۇلمان ساقال قويمىغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ساقال قويۇش سۈننەتتۇر. قويغانلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىر سۈننىتىنى ئادا قىلغان بولىدۇ. قويمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. بۇ ئىشنى جەمئىيەتتە ئۇ قەدەر «سەمرىتىش» نىڭ ھاجىتى يوق. يېقىندىن بۇيان دىنغا بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، دىننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، بۇنىڭ بەدىلىگە جان ساقلاۋاتقان ياكى شۆھرەت قازىنىۋاتقان بەزى قارىمچاقلار ۋە بەزى كالتە كۆسەي موللىلار «ساقال قويۇش پەرز، ساقىلى يوق ئىمامغا ئىقتىدا قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەندەك پىتنە-ئېغىۋالارنى تارقىتىپ كەڭ مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرۇپ يۈرمەكتە.
 ئۇلار يا دىننى بىلمەيدىغان قاتتىق جاھىل كىشىلەردۇر، ياكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىجارىگە ئېلىنغان «كىرالىق مۇناپىق» لاردۇر. ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئەنە ئاشۇنداق قىلسىمۇ بولىدىغان قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارغا چاقىرىپ، ئۇلارنى ياشاۋاتقان رايونلىرىدا «دىققەت قىلىنىدىغان ئادەم» قىلىپ قويماقتا.
كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىمىزنى قۇرئان-سۈننەتتىن ئۆگۈنۈپ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان ئاساسلارنى چىڭ تۇتۇپ ساقالغا ئوخشاش قويمىغانلارمۇ گۇناھكار بولمايدىغان ئۇنداق كىچىك ئىشلار ھەققىدىكى «بورداق گەپ» لەرگە ئېتىبار بەرمەسلىكى كېرەك.
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر شەھەردە ياشاش ياكى مەلۇم بىر شەكىلدە يۈرۈش شەرت قىلىنمايدۇ. بىر كىشىنىڭ مەككە، مەدىنىدە مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشى مۇمكىن بولغاندەك بېيجىڭ، شاڭخەيدىمۇ مۇسۇلمان بولۇپ ياشىشى مۇمكىندۇر. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مۇسۇلمان بولۇش مۇمكىن بولغاندەك، پىرئەۋىننىڭ يېنىدا تۇرۇپمۇ مۇسۇلمان بولۇش مۇمكىن. يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئۆز زامانىسىدىكى مىسىر فىرئەۋننىنىڭ باشتا مالىيە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلىشىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولغان قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشىمۇ ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس.
كۈنىمىزدىكى ئىمكانلار: «قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى»، «ياخشىلار باغچىسى» غا ئوخشاش ھەدىس كىتابلىرىنىڭ تەرجىمىسى ۋە تور دۇنياسىدىكى ئىسلامىي تورلار… بىزنىڭ ئۇنداق «مۇجاھىدچاق» لارغا ئالدىنىشىمىزغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللاردۇر. بىز ئۇيغۇرلاردا يوق نەرسە ئىمكان ئەمەس، ھىممەتتۇر. ياخشى نىيەت ئەمەس ياخشى ھەرىكەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن دىنى مەسىلىلەردە يۇقىرىدىكى ئىمكانلاردىن پايدىلىنىپ، دىن نامىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇنداق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە ئالدانماسلىقىمىز لازىم.
 2- ھازىرقى ئىماملارنىڭ كەينىدە ناماز ئوقۇغىلى بولامدۇ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ. چۈنكى سىز بىر نامازنى ئوقۇماقچى بولسىڭىز ئۇ  نامازنى ئوقۇماقچى بولغان باشقا بىرى كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ (ئەگىشىپ)، ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. ئىمام يامان ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ بولۇۋېرىدۇ ، چۈنكى ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ نامىزىنى ئۆزى ئوقۇيدۇ. تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا سىز نامازنىڭ شەرتلىرىنى تولۇق ھازىرلىغاندىن سىرت نىيىتىڭىزنى خالىس قىلغان ھالدا بىر نامازنى بىر كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇسىڭىز، ئىمام بولغان كىشىنىڭ بىر كەمچىلىكى تۈپەيلىدىن نامىزى ناماز بولمىسا، سىزنىڭ نامىزىڭىزغا ھېچ دەخلى يەتمەيدۇ. مەسىلەن:
بىر كىشى تەرىتى يوقلۇقى ئېسىدە يوق بىر نامازغا ئىمام بولغان بولسا، تەرىتىنىڭ يوقلۇقى نامازدىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئېسىگە كەلگەن بولسا، بۇ ئىمام تاھارەت ئېلىپ نامىزىنى قايتا ئوقۇيدۇ، لېكىن جامائەت نامىزىنى قايتا ئوقۇمايدۇ. بۇ ئىمامنىڭ نامىزىنىڭ ئايرىم، جامائەتنىڭ نامىزىنىڭ ئايرىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
شۇنىڭدەك، نامازنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە كەلگەندە ئىمامنىڭ تەرىتى سۇنۇپ كېتىپ قالسا، ئىمام ئارقىسىدىكى كىشىلەردىن بىرىنى ئىشارەت بىلەن ياكى بىر يېرىدىن تۇتۇپ ئورنىغا ئىماملىققا ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ. بۇ كىشى نامازنى كەلگەن يەردىن داۋاملاشتۇرىدۇ. بىرىنچى ئىمام تەرەت ئېلىپ كىرىپ، ئىككىنچى ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ نامىزىنى كەلگەن يەردىن ئوقۇيدۇ. نامازنىڭ ئوقۇلۇپ بولغان قىسمىنى سالامدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئوقۇۋالىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى جامائەتكە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇشقا بۇيرۇغان. كېيىن ئۆزىنى يەڭگىل ھېس قىلىپ مەسچىتكە چىققان. بۇ چاغدا ئەبۇ بەكىر سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ نامازنى باشلاپ بولغان. ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ ئارقىسا يانماقچى بولغاندا پەيغەمبىرىمىز ئىشارەت بىلەن نامازنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشىنى بىلدۈرگەن ۋە كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ نامىزىنى ئوقۇغان. ھەدىس كىتابلىرىدا بۇ ئەھۋال، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇدى، ئەبۇ بەكىر پەيغەمبىرىمىزگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى، جامائەت ئەبۇ بەكىرگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى» دېگەن شەكىلدە زىكىر قىلىنىدۇ.
مانا بۇلار، ھەر كىشى ئۆز نامىزىنى ئۆزى ئوقۇيدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىش دېمەك، نامازنى ئىمام بولغان كىشىگە ئەگىشىپ ئوقۇش دېگەن بولىدۇ. بۇ، ھەرگىزمۇ ھەممە ئىشنى ئىمامغا يۈكلىۋېتىپ، ئارقىسىدا بىكار تۇرۇش دېگەن بولمايدۇ.
شۇڭا ئىمام قىرائەتنى ئۈنلۈك قىلسا، ئارقىسىدىكىلەر تىڭشايدۇ، ئايرىم قىرائەت قىلمايدۇ. ئىمام قىرائەتنى ئىچىدە قىلسا جامائەتمۇ ئىچىدە قىرائەت قىلىدۇ ۋە ھەر ئىككىلى ئەھۋالدا نامازدا ئىچىدە ئوقۇلىدىغان پۈتكۈل زىكىر-دۇئالارنى جامائەتمۇ ئىچىدە ئوقۇيدۇ.
ئىسلام كۆرۈنۈشكە قاراپ ھۆكۈم قىلىدۇ. ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان، شۇنداقلا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننى ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق باھانە بىلەن كاپىر دېيىش ھەققى ۋە ھوقۇقى يوق. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىم بىز ئوقۇغان نامازنى ئوقۇسا، بىزنىڭ قىبلىمىزگە يۈز كەلتۈرسە ۋە بىز بوغۇزلىغان ھايۋاننىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇ كىشى مۇسۇلماندۇر…»- بۇخارى ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان.
3- مائاش ئالغانلار كاپىرمۇ؟
مائاش ئالغانلار مائاش ئالغانلىقى ئۈچۈن كاپىر بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى مائاش ئالغۇچىلار بىر ئاي ئىشلەپ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىش بەرگۈچىدىن ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققىنى ئالىدۇ. ئەگەر بۇ ئەمگەك دىنىمىز مەنئى قىلىدىغان بىر ئىش بولسا، بۇنداق ئىشنى قىلىش توغرا بولمايدۇ، شۇنداقلا مائاش ئېلىش ھارام بولىدۇ.
«مائاش ئالغانلار كاپىر» دېگۈچىلەر ئىش بەرگۈچىنىڭ كاپىرلىقىنى ياكى كاپىر ھۆكۈمەتلىكىنى دەلىل قىلىشىدۇ. بۇ دەماللىققا دەلىلدەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ مەسىلىنى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپ نۇرى ئاستىدا مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، تونۇپ يېتىمىزكى، كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە-ئورگىنىدا ئىشلەشنىڭ ئۆزى گۇناھ ئەمەس، مۇھىم بولغىنى گۇناھ بولىدىغان ئىشنى قىلماسلىق. بۇنىڭ قۇرئان كەرىمدە مىسالى بار:
1- يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ مىسىردا كاپىر بىر پادىشاھنىڭ دەسلەپتە خەزىنە مىنىستىرى، كېيىن باش مىنىستىرى (زۇڭلىسى) بولۇپ خىزمەت قىلغان. يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئەتراپىدىكى مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئىتىنىڭ بۇ ئىشنى ئۇ كاپىر پادىشاھقا ھەقسىز قىلىپ بەرمىگەنلىكى ھەر ئەقىل ئىگىسىگە مەلۇمدۇر.
بۇ قىسسىنىڭ قۇرئان كەرىمدە بايان قىلىنىشى بىزگە ھېكايە ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يۇسۇف ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قېلىپ بىر كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە – ئورگانلىرىدا ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن ھېچ ئىككىلەنمەي ئىشلىسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
شۇنى بىلىش لازىمكى، سىزنىڭ بولمىغان بىر نەرسە سىزنىڭ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇ نەرسىنىڭ تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرى بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتكەن بولۇشى كېرەك:
ئا ـ مىراس يولى بىلەن. يەنى ئۇ نەرسىنىڭ ئەسلى ئىگىسى سىزنىڭ ئاتا ـ ئانىڭىز ياكى مىراسىدىن سىزگىمۇ تېگىدىغان تۇغقىنىڭىز بولسا، ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مىراسىدىن ئۆز ھېسسىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ.
ب ـ تىجارەت يولى بىلەن. يەنى سىز باشقا بىرىنىڭ بىر نەرسىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ قىلالايسىز.
ج ـ ئىشلەش يولى بىلەن. يەنى سىز باشقىسىنىڭ ئىشىنى قىلىپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن ئىش ھەققىڭىزنى ئالسىڭىز، بۇ سىزگە ھالال بولىدۇ. سىزگە ئىش بەرگۈچى شەخسنىڭ ياكى مۇئەسسەسەنىڭ دىنسىزلىقى ئالىدىغان مائاشىڭىزنى ھارام قىلىۋەتمەيدۇ. مۇھىمى قىلىدىغان ئىشىڭىزنىڭ ھارام ئىش بولماسلىقىدۇر.
د ـ ھەدىيە يولى بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە بىر نەرسىنى ھەدىيە (سوۋغات ) قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز سىزنىڭ بولىدۇ. ھەدىيە قىلغۇچىنىڭمۇ مۇسۇلمان بولۇشى شەرت ئەمەس.
ھ ـ ياردەم يولى بىلەن. يەنى بىر كىشى سىزگە ياردەم قىلغان بولسا، ئۇنى قوبۇل قىلسىڭىز، سىزنىڭ بولىدۇ. ياردەم قىلغۇچىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى ياكى ياردەم قىلغان پۇلىنىڭ توغرا يولدىن تېپىلغان بولۇشى شەرت ئەمەس. چۈنكى كىشى قولىغا ئۆتكەن پۇلنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىدىن جاۋابكار ئەمەس.
ۋ ـ ھېچكىمنىڭ بولمىغان نەرسىنى ئىگىلەش يولى بىلەن. مەسىلەن: جاڭگالنىڭ ئوتۇنى، ساينىڭ تۇزى، دەريانىڭ سۈيى، ھاۋادىكى قۇش … قاتارلىقلارغا ئوخشاش نەسىلەردىن سىز قولىڭىزغا ئۆتكۈزۈۋالغىنى سىزنىڭ بولىدۇ.
مۇشۇ يوللارنىڭ بىرى بىلەن قولىڭىزغا كەلگەن نەرسە سىزگە ھالال بولىدۇ.
سىزنىڭ بولمىغان نەرسە، مۇسۇلماننىڭ بولسىمۇ، كاپىرنىڭ بولسىمۇ، بىر مۇئەسسەسەنىڭ بولسىمۇ، كاپىر ھۆكۈمەتنىڭ بولسىمۇ يۇقىرىدىكى بەش يولنىڭ بىرى بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزغا ئۆتمىگەن بولسا، ئۇ نەرسە سىزگە ئەسلا ھالال بولمايدۇ.
4- ھىجرەت قىلىش پەرزمۇ؟
ھىجرەت قىلىش توغرۇلۇق تۆۋەندىكى ئادرېستا ئەتراپلىق مەلۇمات بار: http://www.musulmanlar.com/?p=1745
 بۇ ئادرېسقا كىرگەنلەر تېمىنى دىققەت بىلەن ئوقۇسا ھىجرەتنىڭ مەنىسىنى، ھۆكمىنى، شەرتىنى، شەكلىنى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھىجرىتىنىڭ نېمىلىكىنى ۋە كۈنىمىزدە ھىجرەت قىلىشنىڭ پەرز بولۇپ بولمىغانلىقى بىلەلەيدۇ.
بىرقانچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدا بولۇپمۇ دىيارىمىزنىڭ جەنۇبى قىسىملىرىدا ئەر مۇسۇلمانلارنىڭ سورۇنلىرىدا «ھىجرەت قىلىش كېرەك، جىھاد قىلىش پەرز، ھىجرەت قىلمىغانلار كاپىر، جىھاد قىلمىغانلار مۇناپىق، ھازىرقى مەسچىتلەرنىڭ ئىماملىرى دىنسىز، مۇئەززىنلىرى پاسىق، ھەيئەتلىرى زىندىق…..» دېگەندەك «تەبلىغ» لەرنى قىلىپ كۆپچىلىكنى ھەر دائىم «ئىمانىنى قۇتقۇزۇش» قا دەۋەت قىلىدىغان، بۇ سەۋەبتىن بېشىغا ھېچبىر مۇسىبەت كەلمەيدىغان، لېكىن ئۇنىڭ بىرەر سورۇنىغا ھازىر بولۇپ قالغانلار «دىققەت قىلىنىدىغان ئادەم» بولۇپ قالىدىغان ئەر «مۇجاھىدچاق» لار بار.
شۇنىڭدەك، ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ «پايپاق كىيمەي ناماز ئوقۇشقا بولمايدۇ، نىقابلىنىش كېرەك، نىقابلىنىش شەكلى مۇنداق، جىلبابنىڭ پاسونى ئۇنداق، رەڭگى شۇنداق بولۇشى شەرت…» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ ئايال مۇسۇلمانلارنى قورقۇتۇپ يۈرۈيدىغانلار مۇجاھىدەلەرمۇ بار. مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇلارغىمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرۈۋاتىمەن.
ئى مۇجاھىد ۋە مۇجاھىدەلەر! ئەگەر سىلەر راستتىنلا مۇجاھىد بولىدىغان بولساڭلار نېمىچۈن جاھالەتكە قارشى جىھاد قىلمايسىلەر؟ نېمىچۈن دىيارىمىزدا ئىلىم-مەرىپەتنىڭ نۇرىنى يورۇتۇشقا ھەسسە قوشمايسىلەر؟ بۇ ھازىر ئەڭ بۈيۈك جىھاد ئەمەسمۇ؟
ئى باشقا يۇرتلاردىن ھىجرەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ كەلگەن يەرلىرىدە مۇسۇلمانلارنىڭ دىنغا بولغان ھۆرمىتىدىن پايدىلىنىپ جان ساقلاۋاتقان، شۇنداقلا كەلگەن يەرلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئاتالمىش مۇھاجىرلار! ئەگەر سىلەر راستتىنلا مۇھاجىر بولىدىغان بولساڭلار نېمىچۈن كەلگەن يەرلىرىڭلەرگە قايتىپ بېرىپ ئۇ يەرلەردىكى ئىنسانلارغا دىن ئۆگەتمەيسىلەر؟ ھىجرەتنىڭ مەقسىتى نېمە بىلمەمسىلەر؟
مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىچارە خەلقىمگە شۇنى دەيمەنكى:
ئى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىم! ئاللاھنىڭ دىنى سۇ ۋە ھاۋاغا ئوخشاش ئىنسانىيەت ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان نەرسىدۇر. ئۇ ھېچكىمنى بىئارام قىلمايدۇ. سۇ ۋە ھاۋا ھېچكىمگە، ھەتتا ھېچبىر جانلىق ۋە ھېچقانداق ئۆسۈملۈككە زىيان يەتكۈزمەيدۇ. بەلكىدە سۇ ۋە ھاۋا ھەر نەرسە ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان لازىمەتتۇر.
سىز بىر جام سۇنى ھېچقانداق نەرسە ئارىلاشتۇرماي باشقا بىر كىشىگە سۇنسىڭىز ئۇ كىشى سىزگە «رەھمەت» ئېيتىپ سۇنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىچىپ تەشنالىقىنى قاندۇرىدۇ. لېكىن سىز ئۇ سۇنى قاينىتىپ بەرسىڭىز بىر يېرىگە پايدا قىلغاندەك قىلغان بىلەن يەنە بىر يېرىگە زيىان قىلىدۇ.
خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىز ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ بولغان ئۇ «مۇكەممەل ۋە پاك ئىسلام» نىڭ مۇسۇلمىنى بولۇپ ياشىسڭىز ۋە ئىنسانلارغا بۇ ئىسلامنى يەتكۈزسىڭىز مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن بېشىڭىز ئازراقمۇ ئاغرىمايدۇ، ھەتتا ھېچ ئاغرىمايدۇ.
      ناۋادا سىز پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئىنسانلار تەرىپىدىن باشقا نەرسىلەر قوشۇلۇپ «خوتەنلىكنىڭ ساراڭ دوغىسى» دەك بولۇپ كەتكەن «دىن» نىڭ «دىندارى» بولۇپ ياشىسىڭىز ۋە بۇ «دىن» نى يەتكۈزىمەن دېسىڭىز بېشىڭىز دەردتىن قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى ئىنسانلارنى بىئارام قىلىدىغىنى ئاللاھ نازىل قىلغان دىن ئەمەس، ئىنسانلار ئويدۇرۇپ چىققان دىندۇر.
بىر زامانلار ئاللاھنىڭ كىتابىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ، بېسىپ تارقاتقان ئىدىيە كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارغا كۆز ئاچقۇزمايۋاتىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ تەرجىمىلىرىنى كىتاب ھالىتىدە بېسىپ ساتقان ئىدىيە كۈنىمىزدىكى «دىنى كىتاب» لارغا يول قويمايۋاتىدۇ. ئەجەبا بۇ نېمە ئۈچۈن؟
مېنىڭ خەلقىم يەنى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى شۇنى ئېنىق بىلىشى لازىمكى:
       «ھىزبۇت» چىلىق قىلىش، «ئىخۋان» چىلىق قىلىش، «تالىبان» چىلىق قىلىش ئەسلا دىندارلىق قىلغانلىق ئەمەستۇر. «ھىزبۇتتەھرىر» نىڭ كىتابلىرىنى، «ئىخۋانۇلمۇسلىمىن» نىڭ «دەستۇر» لىرىنى ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش، ئۇلارنى تەرجىمە قىلىش، ئۇلارنى بېسىپ تارقىتىش ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنى ئۆگەنگەنلىك ئەمەس. ھەرگىزمۇ ئىسلامغا خىزمەت قىلغانلىق ئەمەس. چۈنكى ئىسلام دىنى «ئۇنىڭ، بۇنىڭ» كىتابلىرىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىدىن ئۆگىنىلىدۇ ۋە ئۆگىنىلىشى لازىم!  
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن ئۆز ۋاقتىدا مەككىدە ياكى مەدىنىدە ئەرەب مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشاش شەرت قىلىنمىغاندەك، بۈگۈنمۇ مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن كابۇلدە ياكى قەندىھاردا ئافغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ياشاش شەرت قىلىنمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنى كەسكىن قىلىپ ئېيتىمەنكى، بۇ كۈنلەردە دىيارىمىزنىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدە «ھىجرەت قىلىش پەرز» دېگەن شوئار ئاستىدا ساددا مۇسۇلمانلارنى ئائىلىۋى ۋەيرانچىلىققا دەۋەت قىلىۋاتقانلار يا دىندىن بىخەۋەر كالۋالاردۇر ياكى «كىرالىق مۇناپىقلاردۇر».
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى:
سەللە ئالىملىقنىڭ ئالامىتى بولمىغاندەك، ساقال مۇسۇلمانلىقنىڭ ئالامىتى ئەمەس. تون مۇئمىنلىقنىڭ ئالامىتى بولمىغاندەك كاستۇم-بۇرۇلكا كاپىرلىق ئالامىتى ئەمەس. ئابايى كىيىش ئىسلامنىڭ ئالامىتى بولمىغاندەك، ئۇيغۇر ئايال مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىشىمۇ كۇپۇرنىڭ ئالامىتى ئەمەس. مۇھىمى نېمە كىيىش ئەمەس، نېمىنى يېپىشتۇر. چۈنكى ئىمان سالاپەت بىلەن ئەمەس ساداقەت بىلەن، ئىسلام قىياپەت بىلەن ئەمەس ئىتائەت بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
مۇسۇلمان بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر يەردە ياشاش شەرت قىلىنمىغىدەك، مەلۇم بىر جەمئىيەتتە ياشاشمۇ شەرت قىلىنمايدۇ. دېمەك، مۇسۇلمانچىلىق ھەر جايدا ۋە ھەر چاغدا مۇمكىن. مەككە، مەدىنە، بېيجىڭ، شاڭخەي… 7- ئەسىر، 21- ئەسىر… ھېچ پەرقى يوق.
 مۇسۇلمانلار ھەر ئىشتا بىر ئىشلەتكەن ئەقلىنى دىن ئىشىدا مىڭ ئىشلىتىشى ۋە «دېڭىزنى قاينىتىمەن، دەپ ماڭغان پوچىنىڭ ئارقىسىدىن، ‹دېڭىزدىكى بېلىقلارنىڭ شورپىسى چىقىدىغان بولدى، چىلاپ يەي›دەپ، نېنىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ ماڭغان ئەخمەق» لەردەك بولماسلىقى لازىم.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر