مۇسۇلمانلار

شەيتانغا قارشى جىھاد

 

2- دۈشمەن: شەيتان ۋە ئۇنىڭغا قارشى جىھاد
 
شەيتان نەپسنىڭ مەشقاۋۇلىدۇر. ئۇ نەپسكە داۋاملىق سەتنى چىرايلىق، چىرايلىقنى سەت كۆرسىتىدۇ، ئۇ نەپسنى يامانلىق قىلىشقا ئۈندەيدۇ، نەخ پايدىغا ھەۋەسلەندۈرۈپ كېيىنكى زىياننى ئويلىماسلىققا تەشۋىق قىلىدۇ، پەرزلەردىن سوۋۇتۇپ ھاراملارغا قىزىقتۇرىدۇ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتىن ياندۇرۇپ يامان ئىشلارنى قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ  ئاللاھ تائالادىن قىيامەت كۈنىگىچىلىك ياشاش ۋەدىسىنى ئالغاندا مۇنداق دېگەن:
﴿لَأَقْعُدَنَّ لَهُمْ صِرَاطَكَ الْمُسْتَقِيمَ. ثُمَّ لَآَتِيَنَّهُمْ مِنْ بَيْنِ أَيْدِيهِمْ وَمِنْ خَلْفِهِمْ وَعَنْ أَيْمَانِهِمْ وَعَنْ شَمَائِلِهِمْ وَلَا تَجِدُ أَكْثَرَهُمْ شَاكِرِينَ
«مەن چوقۇم ئۇلار ئۈچۈن سېنىڭ توغرا يولۇڭدا ئولتۇرىمەن. ئاندىن چوقۇم ئۇلارغا ئالدىلىرىدىن، ئارقىلىرىدىن، ئوڭلىرىدىن ۋە سوللىرىدىن كېلىمەن. كۆرىسەن، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ساڭا شۈكۈر قىلمايدۇ»- ئەئراف 7/16 – 17.
دېمەككى، شەيتان ئاللاھ تائالانىڭ يولىغا كەلگەن، ئۇ يولغا كىرگەن ۋە ئۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ دۈشمىنىدۇر. ئۇنى دۈشمەن بىلىش ۋە دۈشمەن تۇتۇش، ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ئاللاھنىڭ ئەمرىدۇر، پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ الشَّيْطَانَ لَكُمْ عَدُوٌّ فَاتَّخِذُوهُ عَدُوًّا إِنَّمَا يَدْعُو حِزْبَهُ لِيَكُونُوا مِنْ أَصْحَابِ السَّعِيرِ
«شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەرنىڭ دۈشمىنىڭلاردۇر. ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار. ئۇ ئۆز گۇرۇھىنى دوزاخ ئەھلىدىن بولۇشقا چاقىرىدۇ»- فاتىر 35/6.
شەيتانغا قارشى جىھاد ئۇنىڭ ۋەسۋەسىلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق، ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلماسلىق، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىق، ئۇ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىش قاتارلىقلار بىلەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَتَّبِعُوا خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ وَمَن يَتَّبِعْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ فَإِنَّهُ يَأْمُرُ بِالْفَحْشَاء وَالْمُنكَرِ وَلَوْلَا فَضْلُ اللَّهِ عَلَيْكُمْ وَرَحْمَتُهُ مَا زَكَا مِنكُم مِّنْ أَحَدٍ أَبَدًا وَلَكِنَّ اللَّهَ يُزَكِّي مَن يَشَاء وَاللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ
«ئى مۇئمىنلار! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلەر بىلىپ قويسۇنكى، شەيتان ئۆزىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى قەبىھ ۋە يامان سۆز-ھەرىكەتلەرگە بۇيرۇيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ئىنئام ۋە رەھمەت قىلمىسا ئىدى، سىلەردىن ھېچكىم پاك بولالمايتتى. لېكىن ئاللاھ خالىغان كىشىنى پاكلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- نۇر 24/21.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر