مۇسۇلمانلار

شەنبە كۈندە بېلىق تۇتۇشقا بولمامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم
سوئال:
مەن شەنبە كونى بېلىق تۇتۇشقا ۋە بېلىق يېيىشكە بولمايدۇ، دېگەن ئايەت بار، دەپ ئاڭلىدىم. بۇ راستما؟ ئەرزىمەس سۇئاللار بىلەن ئاۋارە قىلغان بولسام ئەپۇ قىلغايسىلەر. ھۆرمەت بىلەن: زامانە
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
سىز خاتا گەپ ئاڭلاپسىز. چۈنكى شەنبە كۈندە بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسى ئۆز ۋاقتىدا قۇلزۇم دېڭىزى بويىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قويۇلغان بىر چەكلىمە بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە مۇسۇلمانلارغا ئۇنداق بىر چەكلىمە قويۇلمىغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر ئۇ يەھۇدىيلارغا قويۇلغان چەكلىمنىڭ قىسسىسىنى ئىبرەت ئېلىشىمىز ئۈچۈن بىزگە بايان قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر (مەنىلىرىنىڭ تەرجىمىلىرى) مۇنداق:
«ئىچىڭلاردىن شەنبە كۈندە ھەددىدىن ئاشقانلارنى ئەلۋەتتە بىلىسىلەر. بىز ئۇنداق قىلغانلارغا ‹قوغلاندى مايمۇنلار بولۇپ كېتىڭلار!› دېگەن ئىدۇق»- بەقەرە سۈرىسى 65- ئايەت.
«يەھۇدىيلاردىن ئەھدە ئېلىش ئۈچۈن ئۈستىگە تۇر تېغىنى تىكلەپ تۇرۇپ، ئۇلارغا: ‹شۇ كەنتنىڭ دەرۋازىسىدىن سەجدە قىلغان ھالدا كىرىڭلار› دېدۇق. ھەمدە ئۇلارغا: ‹شەنبە كۈندە بىلىق تۇتۇش بىلەن ھەددىڭلاردىن ئاشماڭلار› دېدۇق. ئۇلاردىن بۇ ھەقتە مەھكەم ئەھدە ئالدۇق»- نىسا سۈرىسى 154- ئايەت.
«يەھۇدىيلاردىن دېڭىزنىڭ بويىدىكى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىن. ئۇلار شەنبە كۈندە ھەددىدىن ئاشاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ بېلىقلىرى، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلىشى كېرەك بولغان شەنبە كۈنلىرىدە يانلىرىغا توپ-توپ ھالدا كېلىپ، باشقا كۈنلەردە كەلمەيتتى. بىز ئۇلارنى، يولدىن چىققانلىقلىرى ئۈچۈن ئاشۇنداق سىنايتتۇق»-ئەئراف سۈرىسى 163- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر