مۇسۇلمانلار

شەرھىلەپ بەرسىڭىز

سوئال:

ئاللاھ تەئالانىڭ يۇسۇف سۈرىسىنىڭ 84- ئايىتىدىكى يا ئەسەف ئەلا يۇسۇفە («يَا أَسَفَى عَلَى يُوسُفَ») دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسىنى شەرھىلەپ بەرگەن بولسىڭىز.

جاۋاب:

سۈرە يۇسۇفنىڭ 84- ئايىتىدە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَتَوَلَّى عَنْهُمْ وَقَالَ يَا أَسَفَى عَلَى يُوسُفَ وَابْيَضَّتْ عَيْنَاهُ مِنَ الْحُزْنِ فَهُوَ كَظِيمٌ

«يەقۇب ئۇلاردىن (ئوغۇللىرىدىن) يۈز ئۆرۈدى، «ئى مېنىڭ يۇسۇفكە چەككەن شىددەتلىك ھەسرىتىم!» دەپ پەرياد قىلدى ۋە قايغۇدىن ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى. ئۇ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە دەردىنى يۇتاتتى»- يۇسۇف 12/84.

يەقۇب ئەلەيھىسسالام ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ يا ئەسەفا ئەلا يۇسۇفە «يَا أَسَفَى عَلَى يُوسُفَ» دېدى. بۇ ئىپادىنىڭ كەلىمە تەرجىمىسى «ئى يۇسۇفكە چەككەن ئەسەفىم!» دۇر. ئەرەبچىدە قايغۇرۇش بىلەن ئاچچىقلىنىشنىڭ بىرلەشكەن ھالىتى «ئەسەف» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەسەفنىڭ ئاخىرىدىكى ئەلىف مەقسۇرە (قىسقا ئوقۇلىدىغان ئەلىف) مۇتەكەللىم (بىرىنچى شەخس) «ي» سىدىن بەدەلدۇر يەنى ئۇ «ي» نىڭ ئورنىدا كەلگەن. بۇ چاغدا يا ئەسەفا يائەسەفى «يَاأَسَفِيْ» دېگەن بولۇپ، مەنىسى ئى ئەسەفىم، ئى قايغۇ-ھەسرىتىم دېگەن بولىدۇ. يا «يَا» يىراقتىكى ئەقىللىك نەرسىنى چاقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئەسەفنى سۆز ئاڭلايدىغان، سۆز ئۇقىدىغان ۋە سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئەقىللىك بىر نەرسىنىڭ ئورنىدا قويۇپ نىدا قىلىش ناھايىتى مەنىلىك بىر مەجازدۇر.

يەقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نۆۋەت يەنە ئىككى ئوغلىدىن ئايرىلىشى ئۇنىڭ دەردلىك يۈرىكىنى ئېزىۋەتكەن ئىدى. كېيىنكى ئىككى ئوغلىنىڭ ھاياتتا ئىكەنلىكى ۋە نەدە قالغانلىقى توغرۇلۇق قانداقلا بولمىسۇن بىر خەۋەر بار، لېكىن يۇسۇف ھەققىدە ھېچبىر يىپ ئۇچى يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يۇسۇفكە چەككەن ھەسرىتى ۋە دەرد-ئەلىمى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان، شۇنداقلا ئاچچىقلىنىش بىلەن بىرلەشكەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ ئاچچىقلىنىش ئىچىدە ئوغۇللىرىدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە خوددى يۇسۇفنى چاقىرغاندەك يۇسۇفكە چەككەن ھەسرىتىنى، قايغۇسىنى، دەرد-ئەلىمىنى چاقىرىپ دېدىكى: «ئى يۇسۇفكە چەككەن ھەسرىتىم! ئى ماڭا باشقا غەم يىگۈزمەيدىغان غېمىم! ئى ماڭا يۇسۇفنىڭ يادىكارى بولغان دەرد-ئەلىمىم!… نېرى كەتمە، يېنىمغا كەل، بۇ دەل سېنىڭ ۋاقتىڭدۇر».

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر