مۇسۇلمانلار

«شەرتلىك ناماز» قايسى؟

سوئال :
سىز بەرگەن بىر پەتىۋادىن «جۈمە مەسىلىسىگە كەلسەك، جۈمە شەرتلىك ناماز بولۇپ، سىزنىڭ جۈمەگە بېرىشقا شەرتىڭىز توشمايدۇ. شۇڭا سىز پېشىن ئوقۇپ ئىشىڭىزنى داۋام قىلىۋېرىڭ» دېگەن جۈملىنى ئوقۇپ «شەرتلىك ناماز» دېگەن قانداق نامازدۇ؟ دەپ ئويلاپ قالدىم، چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.
جاۋاب:
شەرتلىك ناماز دېگەن جۈمە ۋە ئىككى ھېيت نامازلىرىغا ئوخشاش جامائەت شەرت قىلىنغان نامازلاردۇر. سىز بۇ نامازلارنى ئوقۇش ئۈچۈن شۇ نامازلار ئوقۇلىدىغان جايغا بېرىپ جامائەت بىلەن بىرگە ئوقۇشىڭىز لازىم. لېكىن بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئۇنداق بىر شەرتى يوق. مەسىلەن:
بەش ۋاقىت نامازنى جامائەت بىلەن بولسىڭىزمۇ، يالغۇز بولسىڭىزمۇ، مەسچىت-جامەلەردە بولسىڭىزمۇ، ئۆيىڭىزدە بولسىڭىزمۇ ئوقۇشىڭىز قەتئىي پەرزدۇر. لېكىن جۈمە ئۇنداق ئەمەس. جۈمە جامائەتكە قېتىپ ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇشىڭىز پەرز بولغان بىر نامازدۇر. شۇڭا سىز جۈمە ئوقۇلمايدىغان بىر شەھەردە بولۇپ قالسىڭىز ياكى جۈمەگە بارغان تەقدىردە ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىپ قېلىشتىن قورققان بولسىڭىز سىزنىڭ جۈمە ئوقۇشىڭىز پەرز بولمايدۇ. ئەكسىچە سىز تۇرغان يېرىڭىزدە پېشىن نامىزى ئوقۇيسىز.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان، تىجارەت قىلىۋاتقان ياكى خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار جۈمە ئوقۇلىدىغان يەرگە بارالمىسا، ئۇلارنىڭ تۇرغان يەرلىرىدە ئۆزى يالغۇز پېشىن نامىزى ئوقۇشى كۇپايە قىلىدۇ. ئوقۇشىنى، تىجارىتىنى ياكى خىزمىتىنى تاشلاپ باشقا بىر شەھەرگە جۈمە ئوقۇشقا بېرىش ئۇلارغا ئەمر قىلىنمايدۇ. مانا بۇ شەرتلىك ناماز بىلەن شەرتسىز نامازنىڭ پەرقىدۇر.
تور بېتىمىزدە جۈمە نامىزى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بار. خالىسىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇسىڭىز جۈمە نامىزىنىڭ قانداق «شەرتلىك ناماز» ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر