مۇسۇلمانلار
شېرىك 1

شېرىك

شېرىك

شېرىك زۇلۇملارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە كەچۈرۈم قىلىنمايدىغان گۇناھتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخىرەتتە مۇشرىكنىڭ جايى دوزاختۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… إِنَّهُۥ مَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ ٱلۡجَنَّةَ وَمَأۡوَىٰهُ ٱلنَّارُۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ  ٧٢﴾

«كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ»[1].

﴿إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَغۡفِرُ أَن يُشۡرَكَ بِهِۦ وَيَغۡفِرُ مَا دُونَ ذَٰلِكَ لِمَن يَشَآءُۚ وَمَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدِ ٱفۡتَرَىٰٓ إِثۡمًا عَظِيمًا  ٤٨﴾

«ئاللاھ ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرۈلۈشنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھنى خالىغان كىشى ئۈچۈن مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ ئويدۇرۇپ چىققان بولىدۇ»[2].

ھەر شېرىك كۇفۇردۇر ۋە ھەر كۇفۇر شېرىكتۇر. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى تەۋبىسىز ئەپۇ قىلىنمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلۡمَسِيحُ ٱبۡنُ مَرۡيَمَۖ وَقَالَ ٱلۡمَسِيحُ يَٰبَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ ٱعۡبُدُواْ ٱللَّهَ رَبِّي وَرَبَّكُمۡۖ إِنَّهُۥ مَن يُشۡرِكۡ بِٱللَّهِ فَقَدۡ حَرَّمَ ٱللَّهُ عَلَيۡهِ ٱلۡجَنَّةَ وَمَأۡوَىٰهُ ٱلنَّارُۖ وَمَا لِلظَّٰلِمِينَ مِنۡ أَنصَارٖ  ٧٢ لَّقَدۡ كَفَرَ ٱلَّذِينَ قَالُوٓاْ إِنَّ ٱللَّهَ ثَالِثُ ثَلَٰثَةٖۘ وَمَا مِنۡ إِلَٰهٍ إِلَّآ إِلَٰهٞ وَٰحِدٞۚ وَإِن لَّمۡ يَنتَهُواْ عَمَّا يَقُولُونَ لَيَمَسَّنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِنۡهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٌ  ٧٣﴾

«شۈبھىسىزكى، ‹ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر› دېگەنلەر كافىر بولدى. ئەمەلىيەتتە مەسىھ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئىسرائىل ئەۋلادى! مېنىڭ رەببىم ۋە سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار. كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرى دوزاخ بولىدۇ. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ›. شۈبھىسىزكى، ‹ئاللاھ ئۈچنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر› دېگەنلەرمۇ كافىر بولدى[3]. بىر ئىلاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئەگەر بۇلار دەۋاتقان سۆزىدىن توختىمىسا، ئۇ كافىرلار چوقۇم ئەلەملىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ»[4].

1.      مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى

مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە (ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، پەرۋىش قىلغۇچى ۋە باشقۇرغۇچى ئىكەنلىكىگە) ئىمان كەلتۈرمەكتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَئِن سَأَلۡتَهُم مَّنۡ خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ وَسَخَّرَ ٱلشَّمۡسَ وَٱلۡقَمَرَ لَيَقُولُنَّ ٱللَّهُۖ فَأَنَّىٰ يُؤۡفَكُونَ  ٦١﴾

«ئەگەر ئۇلاردىن: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، قۇياشنى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»[5].

﴿قُلۡ مَن يَرۡزُقُكُم مِّنَ ٱلسَّمَآءِ وَٱلۡأَرۡضِ أَمَّن يَمۡلِكُ ٱلسَّمۡعَ وَٱلۡأَبۡصَٰرَ وَمَن يُخۡرِجُ ٱلۡحَيَّ مِنَ ٱلۡمَيِّتِ وَيُخۡرِجُ ٱلۡمَيِّتَ مِنَ ٱلۡحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ ٱلۡأَمۡرَۚ فَسَيَقُولُونَ ٱللَّهُۚ فَقُلۡ أَفَلَا تَتَّقُونَ  ٣١﴾

«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئاڭلاش قابىلىيىتىڭلارنى ۋە كۆرۈش قابىلىيەتلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان، ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟›. ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھالدا تەقۋادار بولمامسىلەر؟»[6].

2.      مۇشرىكلارنىڭ پەرقلىق ئېتىقادلىرى

«مۇشرىك»نىڭ لۇغەت مەنىسى شېرىك قىلغۇچى دېگەن بولۇپ، «ئىبادەتتە ياكى دۇئادا ۋە ياكى ئىتائەتتە بىرەر كىشىنى ياكى بىرەر نەرسىنى ئاللاھقا شېرىك قىلغۇچى» دېگەن بولىدۇ. ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان ئۇ كىشى، ئىنسان ياكى پەرىشتە ياكى جىن بولىدۇ. ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان ئۇ نەرسە بولسا بىرەر شەخسنىڭ ياكى بىرەر شەيئىنىڭ ھەيكىلى ياكى خىيالىي سۈرىتى بولىدۇ. مۇشرىكلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرىدىكى ئېتىقادلىرى پەرقلىق بولۇپ، ئۇلار قۇرئان كەرىمدە تۆۋەندىكىچە بايان قىلىنغان:

1)     ئاللاھقا يېقىنلىشىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَلَا لِلَّهِ ٱلدِّينُ ٱلۡخَالِصُۚ وَٱلَّذِينَ ٱتَّخَذُواْ مِن دُونِهِۦٓ أَوۡلِيَآءَ مَا نَعۡبُدُهُمۡ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَآ إِلَى ٱللَّهِ زُلۡفَىٰٓ إِنَّ ٱللَّهَ يَحۡكُمُ بَيۡنَهُمۡ فِي مَا هُمۡ فِيهِ يَخۡتَلِفُونَۗ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي مَنۡ هُوَ كَٰذِبٞ كَفَّارٞ  ٣﴾

«ئاگاھ بولۇڭلاركى، خالىس دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھتىن غەيرىينى ۋەلىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا پەقەت بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[7].

2)     ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا شاپائەتچى بىلەن چىقىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَضُرُّهُمۡ وَلَا يَنفَعُهُمۡ وَيَقُولُونَ هَٰٓؤُلَآءِ شُفَعَٰٓؤُنَا عِندَ ٱللَّهِۚ قُلۡ أَتُنَبِّئُونَ ٱللَّهَ بِمَا لَا يَعۡلَمُ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَلَا فِي ٱلۡأَرۡضِۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يُشۡرِكُونَ  ١٨﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: ‹بۇلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىرىمىزدۇر!› دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىرەر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟› ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»[8].

3)     ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَقَالَ إِنَّمَا ٱتَّخَذۡتُم مِّن دُونِ ٱللَّهِ أَوۡثَٰنٗا مَّوَدَّةَ بَيۡنِكُمۡ فِي ٱلۡحَيَوٰةِ ٱلدُّنۡيَاۖ ثُمَّ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ يَكۡفُرُ بَعۡضُكُم بِبَعۡضٖ وَيَلۡعَنُ بَعۡضُكُم بَعۡضٗا وَمَأۡوَىٰكُمُ ٱلنَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّٰصِرِينَ  ٢٥﴾

«ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: سىلەر بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسلەر. ئاندىن كېيىن قىيامەت كۈنى بىر – بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر – بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر»[9].

4)     ئىززەت – ھۆرمەتكە ئېرىشىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱتَّخَذُواْ مِن دُونِ ٱللَّهِ ءَالِهَةٗ لِّيَكُونُواْ لَهُمۡ عِزّٗا  ٨١﴾

«ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى»[10].

3.      مۇشرىكلارنىڭ تۈرلىرى

1)     كۈچ ۋە ھوقۇق ئىگىلىرىگە چوقۇنغۇچىلار

ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ھەقكە ئەمەس كۈچكە بويسۇنۇش، ھەقىقەتنى ئەمەس ھاكىمىيەتنى قوللاش سىڭىپ كەتكەن. شۇڭا جەمئىيەتتە ھەقلىقنىڭ ئەمەس ھوقۇقلۇقنىڭ، ھەقىقەتچىنىڭ ئەمەس ھۆكۈمراننىڭ تەرەپدارى كۆپ بولىدۇ. مەزكۇر بويسۇنۇش ۋە قوللاش شەرتسىز، چىن قەلبتىن ۋە ئىختىيارىي بولسا چوقۇنۇش سەۋىيەسىگە چىققان، شۇنداقلا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ خەتەرلىك ئەھۋالنى فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ بايان قىلىدۇ ۋە ئاگاھلاندۇرىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

﴿وَقَالَ فِرۡعَوۡنُ يَٰٓأَيُّهَا ٱلۡمَلَأُ مَا عَلِمۡتُ لَكُم مِّنۡ إِلَٰهٍ غَيۡرِي فَأَوۡقِدۡ لِي يَٰهَٰمَٰنُ عَلَى ٱلطِّينِ فَٱجۡعَل لِّي صَرۡحٗا لَّعَلِّيٓ أَطَّلِعُ إِلَىٰٓ إِلَٰهِ مُوسَىٰ وَإِنِّي لَأَظُنُّهُۥ مِنَ ٱلۡكَٰذِبِينَ ٣٨ وَٱسۡتَكۡبَرَ هُوَ وَجُنُودُهُۥ فِي ٱلۡأَرۡضِ بِغَيۡرِ ٱلۡحَقِّ وَظَنُّوٓاْ أَنَّهُمۡ إِلَيۡنَا لَا يُرۡجَعُونَ ٣٩ فَأَخَذۡنَٰهُ وَجُنُودَهُۥ فَنَبَذۡنَٰهُمۡ فِي ٱلۡيَمِّۖ فَٱنظُرۡ كَيۡفَ كَانَ عَٰقِبَةُ ٱلظَّٰلِمِينَ  ٤٠ وَجَعَلۡنَٰهُمۡ أَئِمَّةٗ يَدۡعُونَ إِلَى ٱلنَّارِۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ لَا يُنصَرُونَ  ٤١ وَأَتۡبَعۡنَٰهُمۡ فِي هَٰذِهِ ٱلدُّنۡيَا لَعۡنَةٗۖ وَيَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِ هُم مِّنَ ٱلۡمَقۡبُوحِينَ  ٤٢﴾

«فىرئەۋن مۇنداق دېدى: ‹ئى جانابلار! سىلەرنىڭ مەندىن باشقا ئىلاھىڭلار بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! مەن ئۈچۈن لاينىڭ ئۈستىگە ئوت ياققىن. ئاندىن مەن ئۈچۈن ساراي سالغىن، چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىغا قاراپ باقاي. مەن مۇسانى يالغانچىلاردىن دەپ ئويلايمەن›. فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى ئۇ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلدى. ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشقا ھەققى يوق ئىدى. ئۇلار، بىز ھەرگىزمۇ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلمايمىز دەپ گۇمان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز فىرئەۋننى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى تۇتۇپ نىل دەرياسىغا ئاتتۇق. قارىغىنا، ئۇ زالىملارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟ بىز ئۇلارنى دوزاخقا چاقىرىدىغان كاتتىۋاشلار قىلدۇق. قىيامەت كۈنى ئۇلارغا ياردەم قىلىنمايدۇ. بىز ئۇلارغا بۇ دۇنيادا لەنەت ئەگەشتۈردۇق. ئۇلار قىيامەت كۈنى سەتلەشتۈرۈلگەن ئادەملەردىن بولىدۇ»[11].

2)     بۇتقا چوقۇنغۇچىلار

 قۇرئان كەرىمدە «بۇت» پەرقلىق ئۈچ كەلىمە بىلەن ئىپادىلەنگەن:

(1) تەماسىل «تماثيل»، بىرلىك شەكلى تىمسالدۇر. بىرەر ئۆرنەككە قاراپ ياسالغان ھەيكەللەر تەماسىل دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ياغاچ، تاش، تۆمۈر، گىپس، مېتال قاتارلىق نەرسىلەردىن بىرەر ئىنسان، بىرەر ھايۋان، بىرەر قۇش شەكلىدە ياسالغان ھەيكەللەردىن ھەر بىرى بىرەر تىمسالدۇر. قۇرئان كەرىمدە تىمسال دېگەن كەلىمە يوق، لېكىن ئۇنىڭ كۆپلۈك شەكلى (جەمئى) بولغان تەماسىل ئىككى يەردە كەلگەن[12]

(2) ئەسنام «أصنام»، بىرلىك شەكلى سەنەمدۇر. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان تەماسىل ۋە  ئانئورگانىك ماددىلار ئەسنام دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئەسنام كەلىمىسى بەش يەردە كەلگەن[13].

(3) ئەۋسان «أوثان»، بىرلىك شەكلى ۋەسەندۇر. ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئەۋسان دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: ئىنسان، ھايۋان، دەرەخ ۋە ئانئورگانىك ماددىلارنىڭ ئىچىدىن ئىبادەت قىلىنغان، دۇئا قىلىنغان ۋە ئاللاھقا قىلىنىدىغان سەۋىيەدە ئىتائەت قىلىنغان، ئاللاھ بىلەن تەڭ سەۋىيەدە سۆيۈلگەن، ئۈمىد باغلانغان ۋە قورقۇلغانلاردىن ھەر بىرى بىرەر ۋەسەندۇر. ئەۋسان كەلىمىسى قۇرئان كەرىمدە ئۈچ يەردە ئۆتكەن[14].

ئەنە شۇ ئۈچ تۈرلۈك نەرسىگە چوقۇنغۇچىلار مۇشرىكلارنىڭ «بۇتقا چوقۇنغۇچىلار» گۇرۇھىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَٱلَّذِينَ يَدۡعُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ لَا يَخۡلُقُونَ شَيۡئًا وَهُمۡ يُخۡلَقُونَ  ٢٠﴾

«مۇشرىكلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان كىشىلىرى ھېچ نەرسە يارىتالمايدۇ. ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى يارىتىلغان كىشىلەردۇر»[15].

﴿وَيَعۡبُدُونَ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَمۡلِكُ لَهُمۡ رِزۡقٗا مِّنَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ شَيۡئًا وَلَا يَسۡتَطِيعُونَ  ٧٣﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن ھېچ رىزىق بېرەلمەيدىغان ۋە بۇنداق قىلىشقا ھەرگىزمۇ كۈچى يەتمەيدىغان ئويدۇرما ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىدۇ»[16].

ئەسكەرتىش:

قۇرئان كەرىمدە بىر يەردە نۇسۇب «نصب» كەلىمىسى[17]، بىر يەردە ئەنساب «أنصاب» كەلىمىسى[18] كەلگەن. بۇ كەلىمىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇلغان ئىلاھلارغا قۇربانلىق قىلىنىدىغان ۋە سۇنۇلىدىغان مەخسۇس جايدىكى مۇئەييەن تاشلارنى ئىپادىلەيدۇ[19].

3) موللا – ئىشانغا چوقۇنغۇچىلار

ئۇلار ئالىم – ئۆلىمالارنى ۋە موللا – ئىشانلارنى رەب قىلىۋالغان مۇشرىكلاردۇر. بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ موللىسى ياكى پىرى نېمە دېسە شۇنىڭغا مۇتلەق رەۋىشتە بويسۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە توغرىلاپ باقمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلەتكەنلەرگە ئۆز موللىسىنىڭ ياكى ئۆز پىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئۆز پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.

بۇ مۇشرىكلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ نازىل قىلغان دىننى ئۈستۈن بولۇشتىن توسۇش ۋە تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «دىن»نى راۋاج تاپقۇزۇشتۇر، خالاس.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿ٱتَّخَذُوٓاْ أَحۡبَارَهُمۡ وَرُهۡبَٰنَهُمۡ أَرۡبَابٗا مِّن دُونِ ٱللَّهِ وَٱلۡمَسِيحَ ٱبۡنَ مَرۡيَمَ وَمَآ أُمِرُوٓاْ إِلَّا لِيَعۡبُدُوٓاْ إِلَٰهٗا وَٰحِدٗاۖ لَّآ إِلَٰهَ إِلَّا هُوَۚ سُبۡحَٰنَهُۥ عَمَّا يُشۡرِكُونَ  ٣١ يُرِيدُونَ أَن يُطۡفِئُواْ نُورَ ٱللَّهِ بِأَفۡوَٰهِهِمۡ وَيَأۡبَى ٱللَّهُ إِلَّآ أَن يُتِمَّ نُورَهُۥ وَلَوۡ كَرِهَ ٱلۡكَٰفِرُونَ  ٣٢﴾

«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆلىمالىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلەر قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. كافىرلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھ نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ»[20].

ئەدىي ئىبنى ھاتىم مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدىم. بوينۇمدا ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر كرېست بار ئىدى. ئۇ: «ئى ئەدىي! ئۇ بۇتنى تاشلىۋەتكىن!» دېدى، «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى، راھىبلىرىنى ۋە مەريەم ئوغلى ئىيسا مەسىھنى ئاللاھنى قويۇپ رەبلەر قىلىۋالدى…» دېگەن مەنىدىكى ئايەتنى ئوقۇدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۇلارغا ئىبادەت قىلمىدى، لېكىن بۇلار ئۇلار بىر نەرسىنى ھالال دېسە ھالال، ھارام دېسە ھارام دەپ بىلدى». بۇلارنىڭ ئۇلارنى ئاللاھنى قويۇپ رەب قىلىۋېلىشى مانا مۇشۇ شەكىلدە بولدى[21].

4) جىنلارغا چوقۇنغۇچىلار

ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ مەقسىتى قورقۇنچلاردىن خاتىرجەم بولۇش ۋە جىنلاردىن پايدىلىنىش.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَجَعَلُواْ لِلَّهِ شُرَكَآءَ ٱلۡجِنَّ وَخَلَقَهُمۡۖ وَخَرَقُواْ لَهُۥ بَنِينَ وَبَنَٰتِۢ بِغَيۡرِ عِلۡمٖۚ سُبۡحَٰنَهُۥ وَتَعَٰلَىٰ عَمَّا يَصِفُونَ  ١٠٠﴾

«ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانماستىن ‹ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار› دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»[22]

﴿وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا يَٰمَعۡشَرَ ٱلۡجِنِّ قَدِ ٱسۡتَكۡثَرۡتُم مِّنَ ٱلۡإِنسِۖ وَقَالَ أَوۡلِيَآؤُهُم مِّنَ ٱلۡإِنسِ رَبَّنَا ٱسۡتَمۡتَعَ بَعۡضُنَا بِبَعۡضٖ وَبَلَغۡنَآ أَجَلَنَا ٱلَّذِيٓ أَجَّلۡتَ لَنَاۚ قَالَ ٱلنَّارُ مَثۡوَىٰكُمۡ خَٰلِدِينَ فِيهَآ إِلَّا مَا شَآءَ ٱللَّهُۗ إِنَّ رَبَّكَ حَكِيمٌ عَلِيمٞ  ١٢٨﴾

«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: ‹ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان ۋەلىيلىرى: ‹رەببىمىز! بىز بىر – بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن ئەجەلنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق‹ دەيدۇ. ئاللاھ: ‹دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالىسىلەر، پەقەت ئاللاھ خالىغان ۋاقىت ئۇنىڭدىن مۇستەسنا‹ دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، رەببىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[23].‏

﴿وَيَوۡمَ يَحۡشُرُهُمۡ جَمِيعٗا ثُمَّ يَقُولُ لِلۡمَلَٰٓئِكَةِ أَهَٰٓؤُلَآءِ إِيَّاكُمۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ  ٤٠ قَالُواْ سُبۡحَٰنَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِمۖ بَلۡ كَانُواْ يَعۡبُدُونَ ٱلۡجِنَّۖ أَكۡثَرُهُم بِهِم مُّؤۡمِنُونَ  ٤١﴾

«ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ‹شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟› دەيدۇ. پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس، جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەنلەر ئىدى»[24].

﴿وَأَنَّهُۥ كَانَ رِجَالٞ مِّنَ ٱلۡإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٖ مِّنَ ٱلۡجِنِّ فَزَادُوهُمۡ رَهَقٗا  ٦﴾

«بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ»[25].

5) نەپسى خاھىشىغا چوقۇنغۇچىلار

ئۇلار ئاللاھقا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى، كۆڭۈل ئارزۇسىنى ۋە ھاۋايى – ھەۋىسىنى شېرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ بۇ شېرىكتىن مەقسىتى ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەمر – پەرمانلىرىدىن ئازاد ھېس قىلىش ۋە بۇ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيۡهِ وَكِيلًا  ٤٣ أَمۡ تَحۡسَبُ أَنَّ أَكۡثَرَهُمۡ يَسۡمَعُونَ أَوۡ يَعۡقِلُونَۚ إِنۡ هُمۡ إِلَّا كَٱلۡأَنۡعَٰمِ بَلۡ هُمۡ أَضَلُّ سَبِيلًا  ٤٤﴾

«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمگە ۋەكىل بولالامسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرگە ئوخشاشتۇر. بەلكى ئۇلار تېخىمۇ گۇمراھتۇر»[26].

﴿أَفَرَءَيۡتَ مَنِ ٱتَّخَذَ إِلَٰهَهُۥ هَوَىٰهُ وَأَضَلَّهُ ٱللَّهُ عَلَىٰ عِلۡمٖ وَخَتَمَ عَلَىٰ سَمۡعِهِۦ وَقَلۡبِهِۦ وَجَعَلَ عَلَىٰ بَصَرِهِۦ غِشَٰوَةٗ فَمَن يَهۡدِيهِ مِنۢ بَعۡدِ ٱللَّهِۚ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ ٢٣ وَقَالُواْ مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا ٱلدُّنۡيَا نَمُوتُ وَنَحۡيَا وَمَا يُهۡلِكُنَآ إِلَّا ٱلدَّهۡرُۚ وَمَا لَهُم بِذَٰلِكَ مِنۡ عِلۡمٍۖ إِنۡ هُمۡ إِلَّا يَظُنُّونَ  ٢٤﴾

«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ ئاڭلاش قابىلىيىتىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆرۈش قابىلىيىتنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟ ئۇلار: ‹ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەت، ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز، بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ› دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ»[27].

بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تىرىكچىلىك يولىنى ۋە ياشاش شەكلىنى ئۆزى خالىغان بويىچە بەلگىلەيدۇ. ئىمان شەرتلىرىگە، ئىسلام ئەركانلىرىغا، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەز – نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ، ئاتا – ئانىسىنىڭ تەلىم – تەربىيەلىرىنى قۇلىقىدا تۇتمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئېغىزلىرى بىلەن: «ھايات مېنىڭ ھاياتىم، ئۆزۈم چاغلاپ ياشايمەن، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ، ياشاش كېرەك، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ھاياتنىڭ كەيپىنى سۈرۈش لازىم، موللام نادان، دادام جاھىل، ئانام قاتمال، دىن كونىلىق» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىدۇ ياكى بۇنى ئۆزلىرىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشى ۋە ئىش – ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ، ئالدىغا كەلگەننى يەيدۇ، ھالال – ھارامنى ئىلغىمايدۇ، ياخشى – ياماننى ئايرىمايدۇ، گۇناھ – ساۋابنى تاللىمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەنە شۇ چۈشەنچە ۋە سۆز – ھەرىكەتلىرى بىلەن شەيتانغا مۇرىت، نەپسىگە بەندە بولغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق كىشىلەر ئۆز نەپسىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى قىلىۋالغان مۇشرىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ.

4.      ياردەم تىلەش ۋە دۇئا

1) ئىنسان ياردەمگە موھتاج

ئاللاھ تائالا ئىنساننى چىرايلىق شەكىلدە يارىتىش[28] ۋە ھۆرمەتلىك قىلىش[29] بىلەن بىرگە، ئۇنى ئاجىز ياراتقان[30]. سانسىزلىغان نېمەتلەرنى يارىتىپ ئۇنىڭغا سۇنۇش[31] بىلەن بىرگە ئۇنىڭغا بەزىدە ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن[32]، بەزىدە جازالاش ئۈچۈن[33] مۇسىبەت يەتكۈزۈشنى بەلگىلىگەن. ئۇنىڭ فىترىتىگە نېمەتلەردىن كۆپ ھاسىل قىلىش ۋە خەۋپ – خەتەرلەردىن ساقلىنىش ئارزۇسىنى سىڭدۈرگەن[34]، شۇڭلاشقا ئۇ ھاياتى بويىچە بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ[35]، ئۆزىنى ئاجىز ھېس قىلغان چېغىدا باشقىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ[36].

2) جائىز بولغان ياردەم  تىلەش

ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان، ياردەم قىلىش قولىدىن كېلىدىغان ۋە ياردەم قىلالايدىغان كىشىلەردىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ[37]. ياردەم قىلالايدىغانلارنىڭ موھتاجلارغا ياردەم تەلەپ قىلمىسىمۇ ياردەم قىلىشى ياخشى ئىشتۇر[38]، ھەتتا مۇھىم ئىشتۇر[39]. شۇنىڭ ئۈچۈن كىمكى مۇرادىغا يېتىشتە ئاجىزلىق ھېس قىلىدىكەن، كۈچى يېتىدىغان بىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلسا ئەقىلگە ئۇيغۇن ۋە شەرىئەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ.

3) شېرىك بولغان ياردەم تىلەش

ئاللاھتىن غەيرىينىڭ كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلاردا ئاللاھنى قويۇپ «ئەۋلىيا»لاردىن، «ھەزرىتى بۇزرۇكۋار»لاردىن ۋە «پىرى كامىل»لاردىن ياردەم تەلەپ قىلىش ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلغانلىقتۇر، شۇنداقلا شېرىكتۇر. سۈننىي سوپىلار شەيخ ۋە ماشايىخلىرىنىڭ روھلىرىدىن، شىئىي تائىپىلەر ئىماملىرىنىڭ ۋە ئۇلۇغلىرىنىڭ روھلىرىدىن مەدەت تەلەپ قىلىدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن مۇشرىك ۋە كافىر بولۇپ كېتىدۇ[40]. چۈنكى ئۇلار ئۇ «ئۇلۇغلار»نى ئەھۋالىمىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ، سۆزىمىزنى ئاڭلاپ تۇرىدۇ، قەيەردە بولساق ۋە قايسى تىل بىلەن چاقىرساق بىزگە ياردەم قىلىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ.  بۇلار بولسا پەقەت ئاللاھنىڭ سۈپىتىدۇر[41].

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېيىشنى ئۆگەتكەن:

﴿إِيَّاكَ نَعۡبُدُ وَإِيَّاكَ نَسۡتَعِينُ  ٥﴾

«ئى ئاللاھ! بىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز»[42].

شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن غەيرىيگە دۇئا قىلىش شېرىكتۇر. چۈنكى دۇئا تۆۋەنچىلىك بىلەن يېلىنىپ تۇرۇپ ياخشىلىق تىلەش دېگەن بولىدۇ، شۇنداقلا ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ[43]. يەنى ئاللاھتىن باشقىسى بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان نەرسىلەرنى ئەنبىيالاردىن ياكى ئەۋلىيالاردىن ۋە ياكى قانداقلا بىر «ئۇلۇغ زات»دىن تىلەش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىكتۇر. بۇنداق قىلغۇچى مۇشرىكتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَدۡعُ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَۖ فَإِن فَعَلۡتَ فَإِنَّكَ إِذٗا مِّنَ ٱلظَّٰلِمِينَ  ١٠٦﴾

«ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، چوقۇم زالىملاردىن بولىسەن»[44].

4) سەۋەب قىلماي دۇئا قىلىشنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى

ئەسلىدە مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە لايىق رەۋىشتە غەيرەت قىلىش، لازىملىق تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش ۋە كېرەكلىك سەۋەبنى ھاسىل قىلىش شەرت قىلىنغان[45] بولسىمۇ، ئەپسۇس، بۈگۈن قۇرئان – سۈننەتنىڭ مەزمۇنىدىن يىراقلاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا سەۋەب قىلماي دۇئا قىلىش بىلەن خاتالىشىۋاتقان ياكى دۇئانى ئاللاھتىن غەيرىيگە قىلىش بىلەن مۇشرىك بولۇپ كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپ.

ئۇزۇندىن بېرى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنى تاشلاپ، ئەسلا ئەپۇ قىلىنمايدىغان شېرىك پاتقىقىغا پاتتى ۋە ھالى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلاشتى. ئۇلار دەرۋەقە ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئاندا مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلغان رەھمەتلىرىدىن[46] مەھرۇم قالدى[47]، زېمىن شۇنچە كەڭ تۇرۇپ ئۇلارغا تار كەلدى. مۇسۇلمانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى دورىنى دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپ بويىچە ئىستېمال قىلمىغان ياكى ئۆزى خالىغانچە دورا ئىستېمال قىلغان ۋە ياكى ئالدىدا تۇرغان دورىنى ھېچ ئىستېمال قىلمىغان، نەتىجىدە كېسىلى كۈندىن – كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان كېسەل ئادەمگە ئوخشايدۇ. تۆۋەندىكى شېئىرنى يازغان كىشى نېمىدىگەن ياخشى يازغان ئىكەن – ھە:

ئەجەب ئىشقۇ ئەجەب ئىش بەكمۇ كۆپتۇر ئەجەب ئىش،

يېنىدىكى دورىنى ئالماسلىق بىر ئەجەب ئىش.

ئۆلۈپ كەتكەن تۆگىدەك چۆلدە تارتىپ ئۇسسۇزلۇق،

دۈمبىسنىڭ ئۈستىدە سۇ يۈكلەنگەن تۇرۇقلۇق[48].

5.      شېرىكنىڭ ھۆكمى

ئاللاھ تائالا شېرىكتىن قەتئىي مەنئى قىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر:

﴿… فَمَن كَانَ يَرۡجُواْ لِقَآءَ رَبِّهِۦ فَلۡيَعۡمَلۡ عَمَلٗا صَٰلِحٗا وَلَا يُشۡرِكۡ بِعِبَادَةِ رَبِّهِۦٓ أَحَدَۢا  ١١٠﴾

«… كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە رەببىگە قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»[49].‏

﴿وَلَا تَدۡعُ مِن دُونِ ٱللَّهِ مَا لَا يَنفَعُكَ وَلَا يَضُرُّكَۖ فَإِن فَعَلۡتَ فَإِنَّكَ إِذٗا مِّنَ ٱلظَّٰلِمِينَ  ١٠٦﴾

«ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، چوقۇم زالىملاردىن بولىسەن»[50].

قانداق باھانە، قانداق نىيەت ۋە قانداق شەكىلدە بولسا بولسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەۋھىدكە ئەمر قىلغان. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش  ئۇ ئەمرگە بويسۇنمىغانلىق، ھەددىدىن ئاشقانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لۇقمان ھېكىم ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىنى ئۇنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن مەنئى قىلىش بىلەن باشلىغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:

﴿وَإِذۡ قَالَ لُقۡمَٰنُ لِٱبۡنِهِۦ وَهُوَ يَعِظُهُۥ يَٰبُنَيَّ لَا تُشۡرِكۡ بِٱللَّهِۖ إِنَّ ٱلشِّرۡكَ لَظُلۡمٌ عَظِيمٞ  ١٣﴾

«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمىگىن، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ناھايىتى چوڭ زۇلۇمدۇر»[51].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قايسى گۇناھ چوڭ؟ دېگەن سوئالغا: «ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن[52].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 367 – 382.    

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 72 – ئايەت.

[2] 4 – سۈرە نىسا، 48 – ۋە 116 – ئايەتلەر.

[3] ناسارالارنىڭ بىر پىرقىسى: «ئاللاھ مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھتۇر» دېسە، يەنە بىر پىرقىسى: «ئاللاھ ئۈچ ئىلاھنىڭ ئۈچىنچىسىدۇر» دەيتتى. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتلەردە ھەر ئىككى پىرقىنىڭ بۇ قەبىھ سۆزلەرنى دېيىش بىلەن كاپىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

[4] 5 – سۈرە مائىدە، 72 – ۋە 73 – ئايەتلەر. مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەر: 4 – سۈرە نىسا، 16 – ئايەت، 5 – سۈرە مائىدە، 17 – ۋە 72 – ئايەتلەر، 9 – سۈرە تەۋبە، 32 – ۋە 33 – ئايەتلەر، 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت، 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ۋە 14 – ئايەتلەر.

[5]  29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت.

[6] 10 – سۈرە يۇنۇس، 31 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 27 – سۈرە نەمل، 60 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 63 – ئايەت؛  31 – سۈرە لۇقمان، 25 – ئايەت؛ 39 – سۈرە زۇمەر، 38 – ئايەت؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 9 – ۋە 87 – ئايەتلەر.

[7] 39 – سۈرە زۇمەر، 3 – ئايەت.

[8] 10 – سۈرە يۇنۇس، 18 – ئايەت.

[9] 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 25 – ئايەت.

[10] 19 – سۈرە مەريەم، 81 – ئايەت.

[11] 28 – سۈرە قەسەس، 38 ~ 42 – ئايەتلەر. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 11 – سۈرە ھۇد، 96 ~ 101 – ئايەتلەر؛ 43 – سۈرە زۇخرۇف، 51 ~ 54 – ئايەتلەر؛ 79 – سۈرە نازىئات، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر.

[12] قاراڭ: 21 – سۈرە ئەنبىيا، 52 – ئايەت؛ 34 – سۈرە سەبەئـ، 13 – ئايەت.

[13] قاراڭ: 6 – سۈرە ئەنئام، 74 – ئايەت؛ 7 – سۈرە ئەئراف، 138 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 14 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 57 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 71 – ئايەت.

 [14]قاراڭ:  22 – سۈرە ھەج، 30 – ئايەت؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 17 – ۋە 25 – ئايەتلەر.

[15] 16 – سۈرە  نەھل، 20 – ئايەت.

[16] 16 – سۈرە نەھل، 73 – ئايەت.

[17] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت.

[18] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 90 – ئايەت.

[19] قاراڭ: ئەنەس ئالىم، قۇرئان كەرىم ئىزاھلىق تەرجىمىسى، (130 – ئىزاھات).

[20] 9 – سۈرە تەۋبە، 31 – ۋە 32 – ئايەتلەر.

[21] تىرمىزى، «تەفسىرۇل قۇرئان»، 10.

[22] 6 – سۈرە ئەنئام، 100 – ئايەت.

[23] 6 – سۈرە ئەنئام، 128 – ئايەت.

[24] 34 – سۈرە سەبەئـ، 40 – ۋە 41 – ئايەتلەر.

[25] 72 – سۈرە جىن، 6 – ئايەت.

[26] 25 – سۈرە فۇرقان، 43 – ۋە 44 – ئايەتلەر.

[27]  45 – سۈرە جاسىيە، 23 – ۋە 24 – ئايەتلەر.

[28]  قاراڭ: 95 – سۈرە تىن، 4 – ئايەت.

[29] قاراڭ: 17 – سۈرە ئىسرا، 70 – ئايەت.

[30] قاراڭ: 4 – سۈرە نىسا، 28 – ئايەت.

[31] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 29 – ئايەت؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 32 ~ 34 – ئايەتلەر؛ 16 – سۈرە نەھل، 12 ~ 14 – ئايەتلەر؛ 22 – سۈرە ھەج، 36 – ، 37 – ۋە 65 – ئايەتلەر؛ 29 – سۈرە ئەنكەبۇت، 61 – ئايەت؛ 31 – سۈرە لۇقمان، 20 – ۋە 29 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 – ئايەت؛ 45 – سۈرە جاسىيە، 12 – ۋە 13 – ئايەتلەر.

[32] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 155 – ئايەت.

[33] قاراڭ: 16 – سۈرە نەھل، 112 – ئايەت؛ 42 – سۈرە شۇرا، 30 – ئايەت.

[34] قاراڭ: 3 – سۈرە ئال ئىمران، 14 – ئايەت. 100 – سۈرە ئادىيات، 8 – ئايەت.

[35] قاراڭ: 84 – سۈرە ئىنشىقاق، 6 – ئايەت.

[36] قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 15 – ئايەت.

[37] قۇرئان كەرىمدە يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىڭ بۇزغۇنچىلىقىدىن قورققان قەۋم بىلەن زۇلقەرنەيننىڭ ئۆزئارا ياردەملىشىپ بىر سېپىل سېلىشى (قاراڭ: 18 – سۈرە كەھف، 94 ~ 96 – ئايەتلەر)، مۇسانىڭ تەرەپدارىدىن بولغان كىشىنىڭ، مۇسانىڭ دۈشمىنىدىن بولغان كىشىگە قارشى مۇسادىن ياردەم تەلەپ قىلىشى (قاراڭ: 28 – سۈرە قەسەس، 15 – ئايەت) زىكىر قىلىنىدۇ. بۇ بىر ئىشتا ئاجىز كېلىپ قالغان كىشى ياردەم قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان بىراۋدىن ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

[38] «كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ» – (مۇسلىم، «زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار»، 38؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 67؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3؛  ئىبنى ماجە، «ئىفتىتاھۇل كىتاب»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 12: 393، 13: 325، 16: 297، 394.

[39]  «ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار» – (5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت).

[40] قاراڭ: 10 – سۈرە  يۇنۇس، 106 ~ 107 – ئايەتلەر؛ 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت؛ 35 – سۈرە فاتىر، 13 ~ 15 – ئايەتلەر؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[41] قاراڭ: 7 – سۈرە ئەئراف، 180 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 110 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 8 – ئايەت؛ 19 – سۈرە مەريەم، 93 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر، 24 – ئايەت.

[42] 1 – سۈرە فاتىھە، 5 – ئايەت.

[43] ئبنى مەنزۇر «دۇئا»، 14: 257؛ ئەبۇلھەسەن نۇرۇددىن موللا ئەلى ئىبنى سۇلتان مۇھەممەد قارى ھەرەۋىي، مىرقاتۇل مەفاتىھ شەرھى مىشكاتىل مەسابىھ، (بېيرۇت: دارۇلفىكر، ھ 1422 / م 2002)، 4: 1523؛ ئەبۇلئۇلا مۇھەممەد ئابدۇرراھمان ئىبنى ئابدۇررەھىم مۇبارەكفۇرى، تۇھفەتۇل ئەھۋەزىي، (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، تارىخسىز)، 9: 218.

[44] 10 – سۈرە يۇنۇس، 106 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 213 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 88 – ئايەت؛ 72 – سۈرە جىن، 18 – ۋە 20 – ئايەتلەر؛ 35 – سۈرە  فاتىر، 13 ~ 14 – ئايەتلەر؛ 46 – سۈرە ئەھقاف، 4 ~ 6 – ئايەتلەر.

[45] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 186 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 97 – ئايەت؛ 17 – سۈرە ئىسرا، 19 – ئايەت؛ 20 – سۈرە تاھا، 112 – ئايەت؛ 21 – سۈرە ئەنبىيا، 94 – ئايەت؛ 24 – سۈرە نۇر، 55 – ئايەت.

[46] قاراڭ: 10 – سۈرە يۇنۇس، 102 – ئايەت؛ 30 – سۈرە رۇم، 47 – ئايەت؛ 40 – سۈرە غافىر، 51 – ئايەت؛ 63 – سۈرە مۇنافىقۇن، 8 – ئايەت.

[47]  بۈگۈن يەر يۈزىدە پارتلىغان ھەر بومبا مۇسۇلماننىڭ دىيارىدا پارتلىماقتا، ئاققان كۆز ياشلىرى مۇسۇلماننىڭ كۆزىدىن ئاقماقتا، مۇسۇلماننىڭ بالىلىرى ئۆلتۈرۈلمەكتە، مۇسۇلماننىڭ ئىززىتى دەپسەندە قىلىنماقتا، مۇسۇلماننىڭ غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنماقتا. قىسقىسى مۇسۇلمانلارنىڭ قانلىرى تۆكۈلمەكتە، ماللىرى بۇلاڭ – تالاڭ قىلىنماقتا، شەھەرلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا، خاتىرجەم تۇرغىلى يېرى يوق سەرگەردان بولۇپ پاناھگاھ ئىزدەپ يۈرگەن «پاناھلىق تىلىگۈچىلەر»مۇ مۇسۇلمانلاردىن تەركىب تاپماقتا.

[48] – بۇ بىر ئەرەب شائىرىنىڭ شېئىرى بولۇپ، ئەسلى تېكىستى مۇنداق: «وَمِنَ الْعَجَائِبِ وَالْعَجَائِبُ جَمَّةٌ … قُرْبُ الشِّفَاءِ وَمَا إِلَيْهِ وُصُولُ. كَالْعِيسِ فِي الْبَيْدَاءِ يَقْتُلُهَا الظمأ… والماء فوق ظهورها محمولُ» – ئىبنى قەييىم جەۋزىيە، زادۇلمەئاد، 4: 90.

[49] 18 – سۈرە كەھف، 110 – ئايەت.

[50] 10 – سۈرە يۇنۇس، 106 – ئايەت. ئوخشاش مەنىدىكى ئايەتلەر: 23 – سۈرە مۇئمىنۇن، 117 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 213 – ئايەت؛ 28 – سۈرە قەسەس، 88 – ئايەت؛ 72 – سۈرە جىن، 18 – ۋە 20 – ئايەتلەر.

[51] 31 – سۈرە لۇقمان، 13 – ئايەت.

[52]  بۇخارى، «تەفسىر»، 5، «ئەدەب»، 20، «ھۇدۇد»، 21، «دىيات»، 1؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 141، 142؛ ئەبۇ داۋۇد، «تالاق»، 50؛ تىرمىزى، «تەفسىر»، 26؛ نەسەئى، «تەھرىمۇددەم»، 4؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 6: 104، 7: 178، 200.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر