مۇسۇلمانلار
شېرىك تۈنەك كېچىلىرى 1

شېرىك \ تۈنەك كېچىلىرى

2§. تۈنەك كېچىلىرى

قۇرئان – سۈننەتتىكى ئىسلامدىن يېراقلاشقان مۇسۇلمانلار ئاتا – بوۋىلىرىدىن مىراس ئالغان شېرىك، بىدئەت ۋە خۇراپاتلارغا چىڭ ئېسىلغانلىقنى «تەقۋالىق» دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇلارنى ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. جۈملىدىن ئۇلار يىلنىڭ بەزى كېچىلىرىنى تۈنەك كېچىلىرى دەپ ئاتاپ، ئۇ كېچىلەرنى مەسچىت – جامەلەرگە ياكى ئۆزلىرى بېكىتكەن جايلارغا يىغىلىپ مەخسۇس ناماز، مەخسۇس دۇئا ۋە مەخسۇس زىكىر – تەسبىھلەر بىلەن ئۆتكۈزمەكتە. بۇ تۈنەش بەزىدە رەقس – سامالار بىلەن ئېلىپ بېرىلماقتا.

بىر ئىشنىڭ ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن ئىككى شەرت بار: بىرى ئىخلاس، يەنە بىرى ئىتائەت. ئىخلاس ئاللاھقىلا قىلىش، ئىتائەت بۇيرۇغاننى قىلىش دېمەكتۇر. ئاللاھقا خالىس قىلىنمىغان ئىبادەت ياكى ئىبادەت دەپ كۆرسىتىلمىگەن پائالىيەت ئەسلا ئىبادەت ھېسابلانمايدۇ. بەلكىدە بىرىنچىسى شېرىك، ئىككىنچىسى بىدئەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى دىن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرى تاماملىنىپ بولغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… ٱلۡيَوۡمَ أَكۡمَلۡتُ لَكُمۡ دِينَكُمۡ وَأَتۡمَمۡتُ عَلَيۡكُمۡ نِعۡمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ ٱلۡإِسۡلَٰمَ دِينٗاۚ …  ٣﴾

«بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم»[1].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى، كېيىن پەيدا قىلىنغان ئىشتۇر، ھەر بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر»[2].

«كېيىن پەيدا قىلىنغان ھەر ئىش بىدئەتتۇر. ھەر بىدئەت زالالەتتۇر، ھەر زالالەت دوزاختىدۇر »[3].

شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ تەقلىد يولىنى تاشلاپ تەھقىق يولىغا كىرىشى، دىن نامىغا قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈشى، بولۇپمۇ مەزكۇر تۈنەك كېچىلىرىنى قۇرئان – سۈننەتكە تەڭلەپ بېقىشى، شۇنداقلا ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆگىنىپ توغرىسىنى قىلىشى كېرەك. ئۇ كېچىلەر تۆۋەندىكىچە:

1.      مەۋلۇت كېچىسى

بۇ ھىجرىيە 3 – ئاي (رەبىئۇلئەۋۋەل)نىڭ 12 – كېچىسى. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار بۇ كېچىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن قۇتلايدۇ، ئۇ كېچىدە تۈنەيدۇ. تارىخ مەنبەلىرىدە بۇ ئىشنى، ئەربىلنىڭ[4] ئاتابېگى مۇزەففەرۇددىن كۆكبۆرىنىڭ (ھ 549 – 630 / م 1153 – 1232) پەيدا قىلغانلىقى[5]، قاتناشقانلارغا مەۋلۇت قىسسەلىرى ئوقۇشنى تۇنجى باشلاتقان كىشىنىڭ مىسىر چەركەز ھۆكۈمدارلىرىدىن بىرى ياكى مىسىر فاتىمىيلىرى ئىكەنلىكى، ئوسمانلى دەۋرىدە مەۋلۇت كېچىسىدە تۈرلۈك تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ[6].  

2.      رەغائىب كېچىسى

 بۇ كېچە ھىجرىيە 7 – ئاي (رەجەب)نىڭ تۇنجى جۈمە كۈنى تاڭ ئاتىدىغان كېچىدۇر. رەجەب ئېيىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا بىر قىسىم رىۋايەتلەر بار، لېكىن ھەدىس ئالىملىرى ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ بەزىسى زەئىپ، بەزىسى مەۋزۇ (ئويدۇرما) ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ بېكىتكەن. رەغائىب نامىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتنى ھىجرىيە 412 – يىلى (مىلادىيە 1021 – يىلى) ياكى ھىجرىيە 414 – يىلى (مىلادىيە 1023 – يىلى) ۋاپات بولغان ئەلى ئىبنى ئابدىللاھ ئىبنى جەھدامنىڭ پەيدا قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ[7].

3.      مېراج كېچىسى

مېراج توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر پەرقلىق بولسىمۇ مېراجنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. 17 – سۈرە ئىسرانىڭ بىرىنچى ئايىتى بىلەن 53 – سۈرە نەجمنىڭ 13 – ئايىتىدىن 18 – ئايىتىگىچە بولغان بەش ئايەت بۇنى تەكىتلەيدۇ. لېكىن مېراجنىڭ قايسى يىلى ۋە قايسى ئايدا بولغانلىقى توغرىسىدا پەرقلىق ئالتە رىۋايەت بار:

1- پەيغەمبەرلىكنىڭ بىرىنچى يىلىدا،

2- پەيغەمبەرلىكنىڭ بەشىنچى يىلىدا،

3 – پەيغەمبەرلىكنىڭ 10 – يىلى رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسى،

4 – پەيغەمبەرلىكنىڭ 12 – يىلى رامىزان ئېيىدا،

5 – پەيغەمبەرلىكنىڭ 13 – يىلى مۇھەررەم ئېيىدا،

6 – پەيغەمبەرلىكنىڭ 13 – يىلى رەبىئۇلئەۋۋەل ئېيىدا[8].

 ئەھۋال ئەنە شۇنداق بولسىمۇ نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار ئۇ كېچىنى رەجەب ئېيىنىڭ 27 – كېچىسى دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇ كېچىدە بىر يەرگە يىغىلىپ تۈنەيدۇ. ئۇلار بۇ قىلمىشى بىلەن بىر تەرەپتىن ئۆز جاھىللىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بىدئەت ئىش قىلغان بولىدۇ، چۈنكى بۇ كېچىدە رەسۇلۇللاھ تۈنىمىگەن، باشقىلارغا تۈنەشنى تەۋسىيەمۇ قىلمىغان، شۇڭا ساھابىلەرمۇ تۈنىمىگەن.

4.      بارائەت كېچىسى

 بۇ ھىجرىيە 8 – ئاي (شەئبان) نىڭ 15 – كېچىسى. بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كۆپ رىۋايەتلەر نەقىل قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى زەئىپتۇر (يەنى دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە ئەمەستۇر)، بۇ ھەقتە بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزۈش ۋە يىغىلىپ قۇتلاش بىدئەتتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ كېچىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى كۈنلەرنى بارائەت كۈنلىرى دەپ ئاتاش، ئۇ كۈنلەردە روھلار خۇش بولسۇن دەپ ياغ پۇرىتىش، بۇ كۈنلەر كىرگەندە «بۇ بارائەت، ئۆتكەن يىلقى بارائەتتىن بۇ بارائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ يېڭى بارائىتى» دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاش، قەبرىسىنى مەخسۇس ھالدا زىيارەت قىلىش  ۋە ھاكازالارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، ھارامدۇر.

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مۇسۇلمانلار بۇ بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قىلماقتا. جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار قىلىپ كەلگەن بىدئەتلەر تۆۋەندىكىچە:

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا شەئبان ئېيىنىڭ 14 – ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ، 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﯞﻩ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ «ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ «ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ–ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ – ماﺷﺎﻳﯩﺨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﺍﺗﺴﺎﻕ ﺋﯘ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ، ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ ﯞﻩ ﭼﻪﻟﭙﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗپ يېيىلىدۇ ۋە قولۇم – قوشنىلارغا سۇنۇلىدۇ.

ئۇ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ «ﻗﺎﺭﯨﻴﻼﺭ»ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪنلەرنىڭ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ… ﻻﺭ «ﻗﺎﺭﺍﺧﯘﻧﯘﻡ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﺎﺩا ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻰ شەئبان ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥﻛﯧﭽﯩﺪﻩ جامائەت ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ – جامەلەرگە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯗﺋﺎ – ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ. يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، ھارامدۇر.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 383 – 388.

[1] 5 – سۈرە مائىدە، 3 – ئايەت.

[2] مۇسلىم، «جۈمە»، 43.

[3] ئەبۇ داۋۇد، «سۈننەت»، 6؛ نەسەئى، «ئىيدەين»، 22؛ ئىبنى ماجە، «مۇقەددىمە»، 6؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 22: 237، 23: 234؛ دارىمى، «مۇقەددىمە»، 16.

[4] ھازىرقى ئىراقنىڭ بىر ۋىلايىتى.

[5] بۇ سالاھۇددىن ئەييۇبىي دەۋرىدە ئەربىل ۋالىيسى بولغان كىشىدۇر.

[6] نەبىي بوزقۇرت، «قەندىل»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2001)، 24: 301.

[7] نەبىي بوزقۇرت، «قەندىل»، تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2001)، 24: 301.

[8] مۇبارەكفۇرى، رەھىقۇل مەختۇم، 124.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر