مۇسۇلمانلار
شاھادەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسى؟ 1

شاھادەت ۋە ئۇنىڭ مەنىسى؟

 شاھادەت

ئىسلامنىڭ بىرىنچى ئەركانى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ (ۇ) ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ (ۇ)» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشتۇر.

«ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ »نىڭ تەرجىمىسى- «مەن ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق ئىكەنلىكنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەن» دېگەن بولىدۇ. مەنىسى- مەن ئۇلۇغلاش، ئەيمىنىش، ياخشى كۆرۈش، قورقۇش، ئۈمىد باغلاش، تەلەپ قىلىش، يېلىنىپ – يالۋۇرۇش، چىن قەلبتىن ئىتائەت قىلىش، تەۋەككۇل قىلىش (تايىنىش)، دۇئا قىلىش، مەدەت تىلەش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، تاۋاپ قىلىش ۋە قۇربانلىق قىلىش قاتارلىق ئىبادەتلەرگە ئاللاھدىن باشقا ھېچ شەيئىنىڭ ۋە ھېچ شەخسنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى، پەقەتلا ئاللاھنىڭ لايىق ئىكەنلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەن دېگەن بولىدۇ.

«ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھ (ۇ)» نىڭ تەرجىمىسى- «مەن مۇھەممەدنىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىنىمۇ كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەن» دېگەن بولىدۇ. مەنىسى-مەن مۇھەممەد (ئە.س ) ئاللاھ تەئالانىڭ بىر بەندىسى (قۇلى) ئىكەنلىكى، ئۇنى ئاللاھ تائالانىڭ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە، بولۇپمۇ ماڭا ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىنى، مېنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىشىم ۋە ئۇنى ئۈلگە قىلىشىم كېرەكلىكى كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك بىلىمەن.

بۇنىڭغا ئاساسەن،  «ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر» دەپ گۇۋاھلىق بېرىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن مۇسۇلماننىڭ تەۋھىد چۈشەنچىسى ۋە ئىمان تەسەۋۋۇرى تۆۋەندىكىدەك بولۇشى لازىم:

ئا – ئاللاھنىڭ بارلىقى قەتئىي زۆرۈر بولۇپ، ئۇنىڭ بارلىقى باشقا ھېچقانداق بىر مەخلۇقاتنىڭ بارلىقىغا ئوخشىمايدۇ. پۈتكۈل مەخلۇقاتلاردا بار بولغان پەيدا بولۇش ۋە يوق بولۇش دېگەن سۈپەتلەر ئاللاھتا يوقتۇر. ئاللاھ پەيدا بولمىغان، ئەزەلدىن بار ئىدى. ئاللاھ يوقالمايدۇ، مەڭگۈ باقىيدۇر.

ئە – ئاللاھ، يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا، ئىگىدارچىلىق قىلىشتا، رىزىق بېرىشتە، ئۆلتۈرۈشتە، تىرىلدۈرۈشتە ۋە ھېساب ئېلىشتا يالغۇز بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردا ھېچقانداق شېرىكى يوق.

ب – بارلىق مەخلۇقاتلارنىڭ قۇلچىلىق قىلىشىغا پەقەتلا ئاللاھ لايىق بولۇپ، ئىبادەت ھېساپلىنىدىغان ھېچقانداق نەرسىدە ئۇنىڭغا ئورتاق بولىدىغان ھېچقانداق نەرسە ۋە ھېچكىم يوقتۇر.

پ –  قۇرئان كەرىمدە ۋە ھەدىس شەرىفلەردە ئاللاھ قانداق ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ، قانداق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن بولسا، ئاللاھنى ئۇ ئىسىملەر بىلەن ئاتاش ۋە ئۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش لازىم. ئاللاھنىڭ بۇ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىنى ئۆزگەرتىش، تەئۋىل قىلىش، بىكارغا چىقىرىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىسىملار بىلەن ئاتاش ۋە باشقا سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەش قاتارلىقلار شېرىكتۇر.

ئاللاھ تائالاغا بۇ شەكىلدە ئىشەنگەن كىشى، ئاللاھ تائالا ئىشىنىشكە بۇيرۇغان نەرسىلەرگىمۇ ئىشىنى لازىم. ئۇنداق قىلمىغاندا ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىمانى پۈتۈن بولمىغان بولىدۇ. ئاللاھ ئىشىنىشكە بۇيرىغان نەرسىلەر تۆۋەندىكىچە:

1 – پەرىشتىلەر. يەنى ئاللاھ تائالانىڭ پەرىشتە دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقاتلىرى بار بولۇپ، ئۇلار نۇردىن يارىتىلغان. ئۇلار ئاللاھ تائالا نېمىگە بۇيرۇسا، شۇنى قىلىدۇ. ئاللاھقا ھەرگىزمۇ ئاسىيلىق قىلمايدۇ. بىز ئۇلارنى كۆرەلمەيمىز. لېكىن ئاللاھ تائالا ۋە ئاللاھ تەئالانىڭ رەسۇلى ئۇلارنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئىشىنىشىمىز.

2 – كىتابلار. يەنى ئاللاھ تائالا زېمىنغا ئىنسان پەيدا قىلغاندىن باشلاپ، نۇرغۇن كىتابلارنى نازىل قىلغان. بۇ كىتابلار، ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر – پەرمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى قۇرئان كەرىم بولۇپ، ئۇ بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى مەنسۇخ قىلىدۇ (ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ). ئۇنىڭدىن كېيىن كىتاب نازىل قىلىنمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنىڭ ھۆكۈملىرى ھەر زامان ۋە ھەر ماكانغا شۇنداقلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر  شەكىلدە نازىل قىلىنغان. 

3 – پەيغەمبەرلەر. يەنى ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئىنسانلارنىڭ ئۆزرە ئېيتالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قانچە كىشىنى ئەلچىلىككە تاللاپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى ئۇلارغا ۋەھىي قىلغان ۋە ئۇلارنى بۇ دىننى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىكلىرىنى ئىسپاتلايدىغان مۆجىزىلەر بەرگەن.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسان بولغانلىقى ئۈچۈن نورمال ئىنسانلار دۇچ كېلىدىغان ھادىسىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. مەسىلەن: ئۇلار يەيدۇ، ئىچىدۇ، ئاغرىپ قالىدۇ، ساقىيىدۇ، ئۇنتۇيدۇ، ئەسلەيدۇ، تۇغۇلىدۇ، ياشايدۇ ۋە ئۆلىدۇ. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار، ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ۋە ئەڭ مۇكەممىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاخىرقىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر.

ھەر پەيغەمبەرنىڭ قەۋمى ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋە كېيىن كېلىدىغان پەيغەمبەرلەرگە ئىشەنمىسە، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇممىتى بولسا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە، ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرگە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھەرگىزمۇ پەيغەمبەر كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىسە، ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.

4 – ئاخىرەت كۈنى. يەنى بۇ دۇنيا ھاياتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىر كۈن كېلىدۇ. ئۇ كۈندە ئاللاھ تەئالا پۈتۈن خالايىقنى تىرىلدۈرۈپ، بىر مەيدانغا توپلاپ ھەممىسىدىن ھېساپ ئالىدۇ. نەتىجىدە ياخشى ئىش قىلغانلارنى جەننىتىگە كىرگۈزۈپ پۈتمەس – تۆگىمەس نېمەتلىرى بىلەن مۇكاپاتلايدۇ. يامان ئىش قىلغانلارنى دوزىخىغا تاشلاپ قاتتىق ئازاپ بىلەن جازالايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچقانداق كۈن كەلمەيدۇ. چۈنكى جەننەت ۋە دوزاختىكى ھايات مەڭگۈ داۋام قىلىدۇ.

خۇلاسە

تەۋھىد كەلىمىسى بولغان لائىلاھە ئىللەللاھ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر)، دېگەن بۇ قىسقا سۆز يۇقىرىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى بۇ سۆزنى سۆزلىگەنلىك ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىگە، ئاللاھنىڭ كىتابلىرىغا، ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى كۆرسەتكەن بويىچە ئشىنىمەن، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى قاچان قەيەردە قانداق ئىش قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، ئۇ ئىشنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئادا قىلىمەن، دېگەنلىك بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر