مۇسۇلمانلار

شافىئىي ۋە ھېكمەت2

3- ئىمام شافىئىينىڭ كۆزقارىشىدا ئۇسۇل فۇرۇئ زىتلىقى
 ئىمام شافىينىڭ ھېكمەت چۈشەنچىسى ئۇنىڭ كىتاب-سۈننەت پۈتۈنلۈكىنى كۆرۈشىگە توسالغۇ بولغان. ئۇنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ئاللاھ نامىدىن ئاللاھنىڭ خۇسۇسىي ۋە ئومۇمىي ھۆكۈملىرىدىكى مۇرادىنى بايان قىلىدىغانلىقىنى[1]، دەۋا قىلىپ سۈننەتنى قۇرئانغا ئوخشاش ۋەھىي دەپ قوبۇل قىلىشى ۋە قۇرئان بىلەن ئوخشاش دەپ ھېسابلىشى[2]، ئايەتلەر بىلەن ھەدىسلەرنىڭ كۆرۈنۈشتىكى زىتلىقىنى ھەقىقىي زىتلىققا ئوخشاش دەپ قارىشىغا سەۋەبچى بولغان. سۈننەتنى ئالسا سۈننەت قۇرئاننى مەنسۇخ قىلغان بولىدۇ، قۇرئاننى ئالسا قۇرئان سۈننەتنى مەنسۇخ قىلغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇنىڭ ئۇسۇلى بويىچە سۈننەت قۇرئاننى، قۇرئان سۈننەتنى مەنسۇخ قىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ[3]. بۇنىڭدەك ئەھۋاللاردا ئىمام شافىئىي بەزىدە كىتابنى قويۇپ سۈننەتنى ئالغان. بەزىدە سۈننەتنى قويۇپ كىتابنى ئالغان. ماۋزۇمىز ھېكمەت يەنى سۈننەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇنىڭ كىتابنى قويۇپ سۈننەتنى ئېلىشىدىن يولغا چىقىپ شافىئىي فىقھىدىكى ئۇسۇل-فۇرۇئ زىتلىقىنى كۆرۈشكە تىرىشىمىز. مىسالىمىز سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي مەسىلىسىدۇر.
ئا- قۇرئان بىلەن سۈننەت ئارىسىدا زىتلىق كۆرۈنۈشى
مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە كۆرمىگەنلەر پەقەت تۆۋەندىكى ئايەتنىڭلا سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدىكى سەئىي بىلەن مۇناسىۋەتىلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ:
إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
«سافا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىر ياخشىلىق قىلسا، بىلسۇنكى، ئاللاھ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ، قىلمىشىنى بىلىدۇ»- بەقەرە 2/158.
«سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق» دېگەن سۆز ھېچكىمگە سەئىي قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىمەيدۇ، لېكىن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
اسْعَوْا فَإِنَّ اللَّهَ كَتَبَ عَلَيْكُمْ السَّعْي
«سەئىي قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلغان»[4].
بۇ يەردە ئايەت بىلەن ھەدىس ئوتتۇرىسىدا ھەقىقىي بىر زىتلىق چىقماقتىدۇر. ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
شافىئىي دېدىكى: بۇ ھەدىس بولمىسا ئىدى، سەئىي نەپلە بولاتتى. ئۇنى نەپلە دېگۈچىلەر ئايەتكە ئاساسلانغان. چۈنكى «سەئىينىڭ گۇناھ بولماسلىقى» پەرز ئىكەنلىكىنى ئەمەس، مۇباھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ[5].
ئىمام شافىئىينىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئېيتقاندا بۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ ھۆكمىدۇر ۋە ئوخشاشتۇر[6]. بۇلارنىڭ بىرىنى يەنە بىرىدىن ئۈستۈن تۇتۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى قۇرئان سۈننەتنى سۈننەت قۇرئاننى مەنسۇخ قىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرالمايدۇ[7]. ئايەتكە ئاساسلانسا سەئىي مۇباھ دېيىشى كېرەك، چۈنكى ئايەتتىن باشقا ئۇقۇم چىقمايدۇ. سۈننەتكە ئاساسلانسا سەئىي پەرز دېيىشى كېرەك.
ئە- ئىمام شافىئىينىڭ سۈننەتنى قۇرئاندىن ئۈستۈن كۆرۈشى
ئىمام شافىئىي بەزىدە سۈننەتنى قۇرئاننىڭ ئۈستىدە كۆرىدۇ. ئۇ يەردىمۇ شۇنداق قىلغان: ئايەتنى قويۇپ ھەدىسنى ئالغان. ئۇنى سەئىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى مۇنداق:
ھەدىس بولمىسا ئىدى، سەئىي نەپلە بولاتتى. ئۇنى نەپلە دېگۈچىلەر ئايەتكە ئاساسلانغان. چۈنكى «سەئىينىڭ گۇناھ بولماسلىقى» پەرز ئىكەنلىكىنى ئەمەس، مۇباھ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ[8].
«سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلىش پەرزدۇر، ھېچ نەرسە ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ… سەئىي يەتتە قېتىم تولۇق قىلىنمىسا يېتەرلىك بولمايدۇ. بىر كىشى يەتتە قېتىمنى تاماملىماستىن ئۆيىگە قايتسا، ئۇنىڭ چالا قويغىنى پەقەت بىر گەزلا بولسا، ھېچ سەئىي قىلمىغاندەك بولىدۇ. ئارقىسىغا قايتىپ يېڭىدىن سەئىي قىلىشى كېرەك[9].
كۆرۈلگەندەك ئىمام شافىئىي ئۆزى ئۇسۇلىغا خىلاپ ھالدا قۇرئاننى سۈننەتكە مەنسۇخ قىلدۇرغان. ئابدۇلئەزىز ئىبىن ئابدۇللاھ ئىبىن بازنىڭ (1911-1999 ھ) مۇنۇ سۆزلىرى ئىمام شافىئىينىڭ بۇ كۆزقارىشىغا ماس كۆزقاراشلەرنى دەلىللىرى بىلەن بىرلىكتە خۇلاسىلەيدۇ:
ئەۋزائىي مۇنداق دەيدۇ:
السنَّة قاضية على الكتاب
«سۈننەتنىڭ كىتاب ئۈستىدە ھاكىمدۇر»
سۈننەت قۇرئان ئومۇمىي قويغان نەرسىنى خاسلاشتۇرىدۇ ياكى ئۇنىڭدا بولمىغان ھۆكۈملەرنى قويىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
«ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق»- نەھل 16/44.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ:
أَلا إِني أوتِيتُ الكِتابَ ومثلَه مَعَهُ
«بىلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بىرلىكتە بېرىلدى».
بەيھەقى، ئەمر ئەششەئبىنىڭ بەزى ئىنسانلارغا مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ:
«سىلەر ئەسەرلەرنى تەرك ئەتكەن ھامان تۈگەشتىڭلار».
بەيھەقى «ئەسەرلەر» دېگەن سۆزى بىلەن سەھىھ ھەدىسلەرنى مەقسەت قىلغان.
بەيھەقى ئەۋزائىينىڭ بىر دوستىغا مۇنداق دېگەنلىكىنىمۇ نەقىل قىلىدۇ:
«رەسۇلۇللاھتىن ساڭا بىر ھەدىس يەتسە ئۇنىڭغا ھەرگىزمۇ خالاپ بىر نەرسە سۆزلىمە، چۈنكى رەسۇلۇللاھ ئۇنى ئاللاھتىن ئېلىپ تەبلىغ قىلغان».
بەيھەقى ئىمام سۇفيان ئىبىن سەئىد ئەسسەۋرىينىڭ مۇنۇ سۆزىنىمۇ نەقىل قىلىدۇ:
«ئىلىمنىڭ تامامى ھەدىس ئىلمىدۇر»
ئىمام مالىك رەسۇلۇللاھنىڭ قەبرىسىگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېگەن:
«بىزنىڭ سۆزلىرىمىز يا بىرىگە جاۋابتۇر ياكى بىرى جاۋابلىغان نەرسىدۇر. بۇ قەبرىنىڭ ئىگىسىنىڭ سۆزلىرى بولسا باشقىدۇر».
ئەبۇ ھەنىفە بولسا مۇنداق دەيتتى:
«بىر سۆز بىزگە رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن بولسا ئۇنىڭ باش ۋە كۆزىمىزنىڭ ئۈستىدە يېرى بار (ئۇنىڭ خۇشاللىق بىلەن تولۇق قوشۇلىمىز)».
ئىمام شافىئىينىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزى مۇنداق:
 ماڭا رەسۇلۇللاھتىن سەھىھ بىر ھەدىس كېلىپ، مەن ئۇنىڭغا بويسۇنمىغان بولسام ئەقلىمدىن ئاداشقانلىقىمغا گۇۋاھلىق بەرسەڭلار بولىدۇ». ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھتىن كەلگەن بىر ھەدىسكە خىلاپ سۆز ئيېتسام مېنىڭ سۆزۈمنى تامغا ئۇرۇڭلار».
ئىمام ئەھمەد بىر تالىپىغا مۇنداق دېگەن:
 «نە ماڭا، نە مالىكقا، نە شافىئىيغا تەقلىد قىلما، سەن بىز ئالغان مەنبەدىن ئال»[10].
بۇ چۈشەنچىنىڭ ئاساسىي خاتالىقلىرىنى تۆۋەندە ئوتتۇرىغا قويىمىز:
دەلىل قىلىپ كەلتۈرۈلگەن مۇنۇ ئايەتنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق:
وَأَنْزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
«ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق»- نەھل 16/44.
ئايەتنى قۇرئان پۈتۈنلۈكى ئىچىدە كۆرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەرگە قاراش كېرەك. بۇ ئايەتنى ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئايەت بىلەن بىرلىكتە كۆرۈشىمىز لازىم:
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن قَبْلِكَ إِلاَّ رِجَالاً نُّوحِي إِلَيْهِمْ فَاسْأَلُواْ أَهْلَ الذِّكْرِ إِن كُنتُمْ لاَ تَعْلَمُونَ بِالْبَيِّنَاتِ وَالزُّبُرِ وَأَنزَلْنَا إِلَيْكَ الذِّكْرَ لِتُبَيِّنَ لِلنَّاسِ مَا نُزِّلَ إِلَيْهِمْ وَلَعَلَّهُمْ يَتَفَكَّرُونَ
«ئى مۇھەممەد! بىز سەندىن ئىلگىرىمۇ پەقەت ئەرلەرنىلا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن ئىدۇق. ئى مەككىلىكلەر! ئەگەر بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراپ بېقىڭلار. بىز ئۇ پەيغەمبەرلەرنى مۆجىزىلەر ۋە كىتابلار بىلەن ئەۋەتكەن ئىدۇق. ساڭىمۇ بۇ زىكىرنى نازىل قىلدۇق. بىز بۇنى ئۇ ئىنسانلارغا نازىل قىلىنغان نەرسىنى ئۇلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن قىلدۇق»- نەھل 16/43-44.
رەسۇلۇللاھ سورايدىغان كىشىلەرنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى مۇنۇ ئايەتتە بايان قىلىنغان:
فَاِنْ كُنْتَ ف۪ي شَكٍّ مِمَّاۤ اَنْزَلْنَاۤ اِلَيْكَ فَسْـَٔلِ الَّذ۪ينَ يَقْرَؤُۧنَ الْكِتَابَ مِنْ قَبْلِكَ لَقَدْ جَاۤءَكَ الْحَقُّ مِنْ رَبِّكَ فَلَا تَكُونَنَّ مِنَ الْمُمْتَر۪ينَ
«ئەگەر سەن، بىز ساڭا نازىل قىلغان نەرسىدىن شەكلىنىدىغان بولساڭ، سەندىن بۇرۇن نازىل قىلىنغان كىتابلارنى ئوقۇغانلاردىن سوراپ باق. شۈبھىسىزكى، ساڭا رەببىڭدىن ھەق كەلدى. ئۇنداقتا ھەرگىزمۇ شۈبھىلەنگۈچىلەردىن بولما»- يۇنۇس 10/94.
رەسۇلۇللاھنىڭ ۋەزىپىلىرىدىن بىرى بۇ كىتابنى ئەھلى كىتابقا يەتكۈزۈپ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىكى كىتابنى تەستىقلىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
يَاۤ اَهْلَ الْكِتَابِ قَدْ جَاۤءَكُمْ رَسُولُنَا يُبَيِّنُ لَكُمْ كَث۪يرًا مِمَّا كُنْتُمْ تُخْفُونَ مِنَ الْكِتَابِ وَيَعْفُوا عَنْ كَث۪يرٍ قَدْ جَاۤءَكُمْ مِنَ اللّٰهِ نُورٌ وَكِتَابٌ مُب۪ينٌ
«ئى ئەھلى كىتاب! شۈبھىسىزكى، سىلەرگە بىزنىڭ ئەلچىمىز كەلدى. ئۇ سىلەرگە سىلەر كىتابتىن يوشۇرغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايان قىلىدۇ، نۇرغۇنىنى ئەپۇ قىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئاللاھدىن بىر نۇر ۋە روشەن بىر كىتاب كەلدى»- مائىدە 5/15.
بۇ ئايەتلەر ئېنىق كۆرسىتىدۇكى نەھل 44- ئايەتتە ئۆتكەن بايان كىتابنى تەبلىغ قىلىش ۋەزىپىسىدىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر. تۆۋەندىكى ئايەت ئوخشاش ۋەزىپىنىڭ ھەر مۇسۇلمانغا بېرىلگەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر:
وَإِذَ أَخَذَ اللّهُ مِيثَاقَ الَّذِينَ أُوتُواْ الْكِتَابَ لَتُبَيِّنُنَّهُ لِلنَّاسِ وَلاَ تَكْتُمُونَهُ
«ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ، كىتاب بېرىلگەنلەردىن: ‹كىتابنى ئىنسانلارغا بايان قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن ھېچبىر نەرسىنى يوشۇرماڭلار›، دەپ كەسكىن ئەھدە ئالغان ئىدى»- ئال ئىمران 3/187.
نەھل 44- ئايەتتە نەبىيىمىزگە قارىتىلغان «ئىنسانلارغا بايان قىلىشىڭ ئۈچۈن» دېگەن ئىپادە بۇ ئايەتتە «ئۇنى ئىنسانلارغا چوقۇم بايان قىلىڭلار» دەپ پۈتۈن مۇئمىنلارغا قارىتىلغان. دېمەككى، ئۇ ئايەت سۈننەتنىڭ قۇرئاننى بايان قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولمايدۇ.
يۇقىرىدىكى كۆزقاراشتىكىلەرنىڭ ئىككىنچى دەلىلى رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:
أَلا إِني أوتِيتُ الكِتابَ ومثلَه مَعَهُ
«بىلىڭلاركى، ماڭا قۇرئان ۋە ئۇنىڭ ئوخشىشى بىرلىكتە بېرىلدى».
رەسۇلۇللاھقا كىتاب بىلەن بىرلىكتە بېرىلگەن نەرسىنىڭ ھېكمەت بولغانلىقى، بىز يۇقىرىدىن بېرى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشقان نەرسىدۇر. بۇ ھەدىس ھېكمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ تامامىنىڭ خۇلاسىسىدۇر.
 سۈننەتنى ئايەتلەر پۈتۈنلۈكى ئىچىدە كۆرگەن چېغىمىزدا قۇرئان-سۈننەت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ قانداق ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
ب- قۇرئان-سۈننەت پۈتۈنلۈكى ئاستىدا سافا-مەرۋە ئارىسىدا سەئىي
جاھىلىيەت دەۋرىدە سافا بىلەن مەرۋەنىڭ تۆپلىرىدە قۇرەيشنىڭ ئىساف ۋە نائىلە ئىسىملىك ئىككى دانە بۇتى بار ئىدى[11]، ئۇلار ئۇ ئىككى بۇتنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلاتتى. مۇسۇلمانلار «جاھىلىيەت خەلقى سەئىينى بۇتلارنىڭ ئارىسىدا قىلىدۇ» دەپ سەئىينى تەرك ئەتتى[12].
ھۇدەيبىيە شەرتنامىسى تۈزۈلۈش ئەسناسىدا شۇ ئايەت نازىل بولدى[13]:
وَأَتِمُّوا الْحَجَّ وَالْعُمْرَةَ لِلَّهِ
«ھەجنى ۋە ئۆمرىنى ئاللاھ ئۈچۈن تاماملاڭلار»- بەقەرە 2/196.
ھەج ۋە ئۆمرىدە بىر كەم پائالىيەت بار ئىدى، لېكىن ئۇ پائالىيەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرۈلمىگەن ئىدى. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ كەم پائالىيەتنى بايان قىلىدىغان ئايەت نازىل بولغۇچە بىر نەرسە دېمىدى. كېيىن سافا بىلەن مەرۋىنىڭ ئاللاھقا ئىبادەتنىڭ سىمۋوللىرىدىن بولغانلىقىنى، سەئىينىڭ بۇتلار ئۈچۈن قىلىنمىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن سەئىي قىلىشنىڭ گۇناھ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇ ئايەت نازىل بولدى:
إِنَّ الصَّفَا وَالْمَرْوَةَ مِنْ شَعَائِرِ اللَّهِ فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا
«سافا بىلەن مەرۋە ئاللاھ ئىبادەت يەرلىرى قىلىپ بەلگىلىگەن نىشانلاردىندۇر. كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق»- بەقەرە 2/158.
كەم ئىشنىڭ نېمە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندا نەبىيىمىزنىڭ مۇنۇ سۆزنى ئېيتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
مَا أَتَمَّ اللهُ حَجَّ امْرِئٍ وَلَا عُمْرَتَهُ لَمْ يَطُفْ بَيْنَ الصَّفَا وَالْمَرْوَةِ
«ئاللاھ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلمىغان كىشىنىڭ نە ھەججىنى نە ئۆمرىسىنى تامام ھېسابلىمايدۇ»[14].
بۇ ھەدىستە ئۆتكەن «ئاللاھ»، «سافا بىلەن مەرۋە»، «سەئىي قىلىش»، «كىشى»، «ھەج»، «ئۆمرە» ۋە «تاماملاش» كەلىمىلىرى ھەر ئايەتنىڭ ئورتاق كەلمىلىرىدۇر. بۇ خۇددى بىر-بىرىدىن ئايرىم تۇرغان 1 بىلەن 2 سانىنى بىر يەرگە جەملەپ 12 سانىنى يېزىشقا ئوخشايدۇ.
نەبىيىمىزنىڭ شۇ سۆزىمۇ ئىلگىرىكى سۆزنىڭ خۇلاسىسىدۇر:
اسْعَوْا فَإِنَّ اللَّهَ كَتَبَ عَلَيْكُمْ السَّعْي
«سەئىي قىلىڭلار، چۈنكى ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلغان»[15].
ئائىشە (ر.ز)نىڭ مۇنۇ سۆزىمۇ ھەر ئىككى ئايەتنىڭ كەلىمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن ھېكمەتنى ساھابىلەرنىڭ چۈشەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ:
َلَعَمْرِي مَا أَتَمَّ اللَّهُ عَزَّ وَجَلَّ، حَجَّ، مَنْ لَمْ يَطُفْ بَيْنَ الصَّفَا، وَالْمَرْوَةِ
«دىنىم بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلمىغان كىشىنىڭ نە ھەججىنى نە ئۆمرىسىنى تامام ھېسابلىمايدۇ»[16].
دەرۋەقە، رەسۇلۇللاھ ساھابىلىرىگە ھېكمەتنى ئۆگەتمىسە ئىدى، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان بولاتتى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
كَمَا أَرْسَلْنَا فِيكُمْ رَسُولاً مِّنكُمْ يَتْلُو عَلَيْكُمْ آيَاتِنَا وَيُزَكِّيكُمْ وَيُعَلِّمُكُمُ الْكِتَابَ وَالْحِكْمَةَ وَيُعَلِّمُكُم مَّا لَمْ تَكُونُواْ تَعْلَمُونَ
«بىز سىلەرگە نېمىتىمىزنى تاماملاش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىن بىر رەسۇل ئەۋەتتۇق. رەسۇل سىلەرگە ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدۇ، سىلەرنى پاكلايدۇ، سىلەرگە كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدۇ، سىلەرگە يەنە بىلمىگىنىڭلارنى ئۆگىتىدۇ»- بەقەرە 2/151.
ئىككىنچى ئايەت نازىل بولغۇچە نەبىيىمىزنىڭ ھەج ۋە ئۆرە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر نەرسە دېمەسلىكى تۆۋەندىكى ئايەتلەرنىڭ تۈپەيلىدىندۇر:
الَر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِن لَّدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ اللّهَ إِنَّنِي لَكُم مِّنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ
«ئەلىف، لام، را. بۇ ئايەتلىرى ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار ئاللاھ تەرىپىدىن مۇھكەم قىلىنغان ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر. بۇ ئاللاھدىن غەيرىيگە قۇللۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن»- ھۇد 11/1-2.
كۆرۈلگەندەك سەئىي توغرىسىدا نەبىيىمىزنىڭ ۋە ئائىشە ئانىمىزنىڭ سۆزلىرى بىلەن ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا تولۇق بىر پۈتۈنلۈك بار. بۇ پۈتۈنلۈك قۇرئاندىكى مىزاننىڭ يەنى ئىچكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ تەقەززاسىدۇر.
ئۇسۇل خاتا بولسىمۇ ئىمام شافىئىينىڭ سەئىي توغرىسىدا سۈننەتكە ئاساسلىنىشى ئۇنىڭ توغرا ھۆكۈم چىقىرىشىغا سەۋەبچى بولغان. ھەنەفىيلەر بولسا خاتا ئۇسۇلنىڭ تۈپەيلىدىن بۇ توغرىدا نە قۇرئانغا، نە سۈننەتكە بويسۇنمىغان. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىنى سەرەخسىي مۇنداق ئوتتۇرىغا قويىدۇ:
 شافىئىينىڭچە سەئىي ھەج ۋە ئۆمرىنىڭ ئەركانلىرىدىندۇر. ئۇنىڭسىز ھېچكىمنىڭ ھەججى ۋە ئۆمرىسى تامام بولمايدۇ. ئۇنىڭ دەلىلى پەيغەمبەر (ئە.س)نىڭ سافا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلغاندىن كېيىن ساھابىلىرىگە ئېيتقان مۇنۇ سۆزىدۇر: «ئاللاھ سىلەرگە سەئىينى پەرز قىلدى، سەئىي قىلىڭلار». پەرز قىلىنغان نەرسە ئەركاندۇر. پەيغەمبىرىمىز يەنە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ساپا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەئىي قىلمىغان كىشىنىڭ نە ھەججىنى نە ئۆمرىسىنى تامام ھېسابلىمايدۇ».
بىزنىڭ دەلىلىمىز ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىدۇر:
فَمَنْ حَجَّ الْبَيْتَ أَوِ اعْتَمَرَ فَلَا جُنَاحَ عَلَيْهِ أَنْ يَطَّوَّفَ بِهِمَا وَمَنْ تَطَوَّعَ خَيْرًا فَإِنَّ اللَّهَ شَاكِرٌ عَلِيمٌ
«كىم ھەج ياكى ئۆمرە قىلىش نىيىتى بىلەن كەبىنى تاۋاپ قىلسا، ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا سەئىي قىلىشىدا ھېچ گۇناھ يوق»- بەقەرە 2/158.
بۇنداق سۆز ۋاجىپ ئۈچۈن ئەمەس، مۇباھ ئۈچۈندۇر. بۇ سەۋەبتىن ئايەتنىڭ زاھىرى سەئىينىڭ ۋاجىپ بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بىز ۋاجىپ ئىكەنلىكى ھۆكمىدە ئايەتنىڭ زاھىرىنى تەرك ئېتىپ ئىجمائغا ئاساسلاندۇق[17].
دىققەت قىلىنسا ئۇلار ئايەتكە ئاساسلانمىغان تۇرۇپ ئايەتكە ئاساسلانغاندەك بىر ئىپادە ئىشلەتكەن. بۇلار دەۋا قىلغان ئىجمائنىڭ بولۇش ئىمكانىيىتى يوق. چۈنكى ھەنەفىيىلەرنىڭ ۋاجىپ ئاتالغۇسىنى باشقىلار قوبۇل قىلمايدۇ. بۇنداق بىر ئاتالغۇ ئەتراپىدىمۇ ئىجمائ مۇمكىن بولمايدۇ. سەئىي توغرىسىدا ھەنەفىيلەر ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ھۆكۈم چىقارغان.
خۇلاسە
كۆرۈلگەندەك ھېكمەت ئىسلامنىڭ ئاساسلىق ئاتالغۇلىرىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئۇنى پۈتۈن نەبىيلىرىگە بەرگىنىدەك لايىق رەۋىشتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ئىنسانلارغىمۇ بېرىدۇ. ھېكمەت ھەم قۇرئاندىن ھەم مەخلۇقاتلاردىن ھاسىل قىلىنغان توغرا بىلىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئىلىم بىلەن دىن بىرلەشكەن نۇقتىدۇر. يارىتىلغان ئايەتلەر بولغان مەخلۇقاتلار بىلەن نازىل قىلىنغان ئايەتلەردىن تەركىب تاپقان قۇرئان بىرلىكتە ئوقۇلسا تەڭپۇڭلۇقلار قۇرۇلىدۇ، مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ، ھۇزۇر ۋە بەختىيارلىق مۇھىتى تەسىس قىلىنىدۇ. ئايەتلەرگە ئىشىنىپ ياشىغانلار ھەم دۇنيادا ھە م ئاخىرەتتە بەختىيار بولىدۇ.
ئېنىقلىشىمىزچە فەقىھلەردىن پەقەت ئىمام شافىئىيلا ھېكمەت ئۈستىدە توختىلىپ سۈننەتكە ھېكمەت دېگەن، لېكىن ئۇنىڭ سۈننەتنى ئايەتلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ مەھسۇلى كۆرمەي رەسۇلۇللاھقا مەخسۇس دەپ ھېسابلىشى ۋە كېيىن ئۇنىڭ بۇ كۆزقارىشىنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا تارقىلىشى قۇرئاننى ۋە سۈننەتنى توغرا چۈشىنىشنىڭ يولىنى تاقىۋەتكەن، شۇنداقلا يېڭى ھېكمەتلەرگە ئېرىشىشنى توسقان.

     قۇرئاننىڭ ئىككى ئاساسىي ئاتالغۇسىدىن بىرى بولغان ھېكمەت ئۇنتۇلۇپ دىن ۋە بىلىم تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان، قۇرئان بىلەن مەسىلە ھەل قىلىنمايدىغان بولغان. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلار دەۋرىدە قىيىنچىلىقلارغا چارە بولغان مۇسۇلمانلار ھېكمەتنى ئۇنتۇغانلىقى ئۈچۈن قىيىنچىلىق چىقىرىشقا باشلىغان. مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ھېكمەتنى يېڭىدىن ئۆگىنىشتۇر. 


[1]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/79.

[2]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/104-105.

[3]– ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/107.

[4]ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/421؛ ئىبىن خۇزەيمە 2765.

[5]ئەننەۋەۋىي، ئەبۇ زەكەرىييا مۇھيىددىن ئىبىن شەرەف (ۋاپاتى: 646 ھ)، كىتابۇل مەجمۇئ، تەھقىق: نەجىب ئەلمۇتىئىي، بېيرۇت، 8/65-66.

[6]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/104-105.

[7]ئىمام شافىئىي، ئەررىسالە 1/107.

[8]– ئەننەۋەۋىي، ئەبۇ زەكەرىييا مۇھيىددىن ئىبىن شەرەف (ۋاپاتى: 646 ھ)، كىتابۇل مەجمۇئ، تەھقىق: نەجىب ئەلمۇتىئىي، بېيرۇت، 8/65-66.

[9]– مۇھەممەد ئىبىن ئىدرىس ئەششافىئىي (ۋاپاتى: 204 ھ)، ئەلئۇم، بېيرۇت 1410 ھ، 1990 م، 2/231.

[10]ئابدۇلئەزىز ئىبىن ئابدۇللاھ ئىبىن باز (1911-1999 م)، ۋۇجۇبۇل ئەمەل بىسۈننەتى رەسۇلىللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم ۋە كۇفرۇ مەن ئەنكەرەھۇ، سەئۇدى ئەرەبىستان 1420 ھ، 1/24-25.

[11]ئىسمائىل ئىبىن ھەمماد ئەلجەۋھەرىي (ۋاپاتى: 393 ھ)، ئەسسىھاھ، تەھقىق: ئەھمەد ئابدۇلغەفۇر ئەتتا، 4- باسمىسى، بېيرۇت، 1404/1984.

[12]ئەھمەد ئىبىن ئەلى ئىبىن ھەجەر ئەلئەسقەلانىي (773-852 ھ)، فەتھۇلبارى شەرھۇ سەھىھىل بۇخارى، بېيرۇت، 3/500، ھەج 79، ۋۇجۇبۇسسەفا ۋەلمەرۋە.

[13]– ئەلئۇم 2/173.

[14]سەرەخسىي، ئەلمەبسۇت، مىسىر 1324/1906 4/50.

[15]ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، 6/421؛ ئىبىن خۇزەيمە 2765.

[16]مۇسلىم، ھەج 2260 (1277).

[17]سەرەخسىي، ئەلمەبسۇت، مىسىر 1324/1906 4/50.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر