مۇسۇلمانلار

سەللىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

سوئال:
ئالدىنقى قېتىم جۈمە خۇتبىسىدە ئىمام ئاخۇننىڭ «سەللە كىيىپ ئوقۇغان 2 رەكەت نامازغا 70رەكەت نامازنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. سەللە كىيمەي ئادەتتىكى باش كىيىمى كىيىپ ئوقۇغان 2 رەكەت نامازغا شۇ 2 رەكەتنىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. باش كىيىمى كىيمەي ئوقۇغان نامازغا ساۋاب يېزىلمايدۇ» دېگىنى ئېسىمدە. مۇشۇ توغرىسىدا ئۆزلىرى ئېنىق بىر تەلىم بەرسىلەر.
جاۋاب:
مەن ئوتتۇز يىلدىن بېرى بۇ ھەقتە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە «ئېنىق تەلىم» بېرىۋاتىمەن. ئاخىرقى ئون يىل ئىچىدە بۇ تور بەتنى قۇرۇپ نامازنىڭ ئەھكاملىرى توغرىسىدا ئونلارچە ئەسەر ۋە يۈزلەرچە پەتىۋا يېزىپ نەشر قىلدىم ۋە قىلىۋاتىمەن. خۇسۇسەن، سەللە توغرۇلۇق ئالاھىدە بىر پەتىۋا نەشر قىلغاندىن سىرت مەخسۇس بىر پارچە ماقالە يېزىپ بۇ ھەقتە ناھايىتى تەپسىلىي توختالدىم. يالاڭباشتاق ناماز ئوقۇش ھەققىدىمۇ بىرقانچە قېتىم جاۋاب بەردىم.
ئەمدى بۇ ھەقتە قايتا بىر نەرسە دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ سىزنىڭ ئىمام ئاخۇنىڭىزنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋېلىش ھەققىم ۋە ھوقۇقۇم يوق. ئۇنداق كۈچۈم ۋە شارائىتىممۇ يوق.
ئەگەر سىز بۇ مەسىلىنى «ئاداققىچە كاللا قاتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش» مەقسىتىدە بولسىڭىز تور بېتىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ مەزكۇر ئىمام ئاخۇنىڭىز بىلەن  ئىلمىي مۇنازىرە ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. لېكىن بۇ «كېرەكسىز قەھرىمانلىق» بولۇپ ئۆزىڭىزنى ئاۋارە قىلغاندىن باشقا سىزگە ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئاخىرى، ئىمام ئاخۇنىڭىز ھەقلىق، سىز ھەقسىز چىقىسىز. چۈنكى سىز مۇشۇ تور بەتنى بىلىدىغان بىرى تۇرۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سەللە توغرۇلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرنى كۆرمەيلا سوئال يوللىغۇدەك سەۋىيەدە بىر «زات» ئىكەنسىز. ئىمام ئاخۇنىڭىز خۇراپىي بولسىمۇ قولىغا بىر كىتاب ئېلىپ جامائەتكە بىر نەرسە دەپ بېرەلەيدىغان سەۋىيەدە بىر كىشى ئىكەن. نەتىجىدە، سىز «نە شېھىتتۇر نە غازى، بىكار كەتتى نىيازى» دېگەندەك يا شېھىت ئەمەس، يا غازى ئەمەس «قۇرۇق بىر مۇجاھىد»قا ئايلىنىپ ياشاۋاتقان رايونىڭىزدا «دىققەت قىلىنىدىغان ئادەم» بولۇپ قالىسىز. ئىش « نۆلگە نۆلنى قوشسا نۆل بولىدۇ، ئاخىرى قولدا نۆل قالىدۇ» دېگەندەك پايدىمۇ يوق، زىيانمۇ يوق بولسىغۇ بولاتتى، ئەكسىچە ئۆزىڭىز زىيان تارتىسىز. ئاللاھ بەرگەن ئەقىلنى، شارائىتنى ۋە … سەللىدىنمۇ مۇھىم مەسىلىلەرنى چۈشىنىشكە ئىشلەتسەك بولمامدۇ؟!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر