مۇسۇلمانلار

سەجدىدە دۇئا قىلىنامدۇ؟

سوئال:
سەجدىدە دۇئا قىلىشقا بولامدۇ؟ بولسا قايسى دۇئا ئوقۇلىدۇ؟
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر سەجدىدە يۇقىرىدىكى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتقاندىن كېيىن (سۇبھانە رەببىيەلئەئلا نى ئۈچ قېتىم ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن) دۇئا قىلىشقا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولغان ھالىتى ئۇنىڭ سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا دۇئانى كۆپ قىلىڭلار»[1].
ھەدىس كىتابلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ سەجدىدە ھەر خىل دۇئالارنى قىلغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن ئىككىسى مۇنداق:
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي»
«ئى ئاللاھ مېنى ئەپۇ قىل!».
«اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي ذَنْبِي كُلَّهُ دِقَّهُ وَجِلَّهُ وَأَوَّلَهُ وَآخِرَهُ وَعَلاَنِيَتَهُ وَسِرَّهُ»
«ئى ئاللاھ! چوڭ-كىچىك، ئاۋۋال-ئاخىر ۋە ئاشكارا-يوشۇرۇن پۈتۈن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىل!»[2].
پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ دۇئالىرىغا قارالسا ئۇلارنىڭ ئايەت بولمىغانلىقى، يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەجدىدە كۆڭلىگە كەلگەن بويىچە دۇئا قىلغانلىقى كۆرۈلىدۇ. بۇ سەجدىدە تەسبىھلەرنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خالىغان دۇئانى خالىغان تىلدا قىلىشقا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ھەدىسلەردىن بىلىنىشىچە سەجدىدە دۇئا قىلىشتا پەرز ياكى نەپلە ناماز دەپ بىر پەرق يوقتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق نامازنىڭ سەجدىسىدە دۇئا قىلىشقا بولىدۇ.

[1]– مۇسلىم، سالات 215 (482)؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 152.

[2]مۇسلىم، سالات 216 (483)؛ ئەبۇ داۋۇت، سالات 152.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر