مۇسۇلمانلار

«سۈرە زەم» نىڭ مەنىسى

سوئال:
سۈرە زەم دېگەن نېمە؟ نامازنىڭ قانداق يېرىدە سۈرە زەم قىلىنىدۇ؟
جاۋاب:
پەرز نامازنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدە، نەپلە نامازلارنىڭ ھەر رەكىتىدە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغان كىشى يادقا بىلىدىغان سۈرىلىرىدىن بىر سۈرە ياكى يادقا بىلىدىغان ئايەتلىرىدىن بىرقانچە ئايەت ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ سۈرە زەم قىلغانلىقىدۇر.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ پېشىن بىلەن نامازدىگەرنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىنىڭ ھەر بىرىدە فاتىھە بىلەن بىر سۈرە ئوقۇيدىغانلىقى، ئاخىرقى ئىككى رەكىتىدە پەقەت فاتىھەنىلا ئوقۇيدىغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[1].
دېمەككى، ئىككى رەكەتلىكتىن ئارتۇق پەرز نامازلارنىڭ ئاۋۋالقى ئىككى رەكىتىدىلا سۈرە زەم قىلىنىدۇ.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، سۈرە زەم قىلىشتا خەلق ئارىسىدا «ناماز سۈرىلىرى» دەپ بىلىنىدىغان سۈرىلەر (سۈرە فىل ۋە سۈرە ناس ئارىسى) دىن بىر سۈرە ئوقۇشنىڭ شەرت ئەمەس. ئەكسىچە ناماز ئوقۇغۇچى خالىسا بۇ سۈرىلەردىن خالىسا قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۈرە ۋە ئايەتلىرىدىن ئۆزى بىلگەن ۋە ئوقۇشنى خالىغانلىرىنى ئوقۇسا بولىدۇ. يەنى نامازدا پەقەتلا ناماز سۈرىلىرى دەپ بىلىنگەن سۈرىلەرنىلا ئەمەس، بەلكىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ھەر ئايىتىنى ۋە ھەر سۈرىسىنى ئوقۇشقا بولىدۇ.

[1]– بۇخارى، ئەزان 107؛ مۇسلىم، سالات 155 (451).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر