مۇسۇلمانلار

سۈرەتلىك كىيىم، ئۆلۈم بولغان ئۆيگە پەتىلەش ۋە ئەئراف 180- ئايەت

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

1 ـ «ئالدىدا سۈرەتلىك كىيىم ياكى ئۆز ئەكسى كۆرىنىدىغان ئەينەك بار ھالدا ناماز ئوقۇسا» ياخشى بولمايدۇ. يەنى مەكرۇھ بولىدۇ. چۈنكى ئۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇش ھېچبولمىغاندا ناماز ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى مەشغۇل قىلىدۇ. بۇ، شەيتان ئۈچۈن بىر پۇرسەتتۇر.

2 ـ «ئاياللارنىڭمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ئۆلۈم بولغان ئائىلىگە پەتىلەپ بېرىشى» ئۆرپ ـ ئادەت بىلەن بەلگىلىنىدىغان ئىىشتۇر. ئۆرپ ـ ئادەتتە ئۇنداق بىر ئىش بولسا، ئاياللار ئۆلۈم بولغان ئۆيگە بارسا بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈم بولغان ئۆيدە ئاۋاز كۆتۈرۈپ يىغلىماسلىقى، ياقىلىرىنى يىرتماسلىقى، ئۆزلىرىنى كاچاتلىماسلىقى ۋە ئۇنداق قىلغانلارغا ياردەملەشمەسلىكى، ئەكسىچە ئۇلارنى توسۇشى لازىم.

3 ـ سىز ئەئراف سۈرىسىنىڭ 180 ـ ئايىتىنىڭ ھەممىسى ئوقۇغان بولسىڭىز بۇنداق سوئالنى سورىمىغان بولاتتىڭىز!

ئۇ ئايەتتە ئاللاھ تەئالاغا ئۆزى چاغلاپ ئىسىم قويغانلار ئەيىبلىنىدۇ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلارنى تەرك ئېتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. «مۇبەييەن» دېگەن كىتابتا بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى «ئۆز بېشىڭچە خۇداغا ئات دېمىگىل، ھەم تەئەققۇل قىلىپ سۈپەت دېمىگىل» دەپ چۈشەندۈرۈلىدۇ.

كۈنىمىزدە ئىشان ـ سوپىلارنىڭ زىكىر قىلدۇق، ھەلقە قىلدۇق دېيىشىپ ئاللاھ تەئالانى «ھۆم، ھۇۋۋاڭ، ئۆم، ئىل، ئاھ، ئۇھ، ھۇۋۋۋ….» دەپ چاقىرىشى، ئەنە شۇ ئايەتتە چەكلەنگەن ئىشتۇر.

مەزكۇر ئايەتنىڭ مەۋجۇت تەرجىمىسى ئۈستىدە ئەمەس، ئەسلى مەتنى ئۈستىدە پىكىر يۈگۈزسىڭىز پەرقلىق مەنالارغا ئېرىشىسىز.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر