مۇسۇلمانلار

ئىستىنجادا سۇ شەرتمۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم
سوئال:
ھېس قىلىشىمچە مېنىڭ سوغۇقۇم ئېشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. شۇڭا ئىستىنجا قىلغاندا سۇ ئشلەتمىسەم بولامدۇ؟ جاۋاب بەرگەن بولسىڭىز، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن. ھۆرمەت بىلەن: يۇلغۇن
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
جاۋاب:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى الصَّلاةِ فاغْسِلُواْ وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى الْمَرَافِقِ وَامْسَحُواْ بِرُؤُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى الْكَعْبَينِ»
«ئى مۇئمىنلار! نامازغا تۇرغىنىڭلاردا، يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، قولۇڭلارنى جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسىھ قىلىڭلار، پۇتۇڭلارنى ئوشۇقۇڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، …»- مائىدە 5/6.
 مانا بۇ ئايەتتە، قانداق قىلسا تاھارەت ئالغان بولىدىغانلىق ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىستىنجا قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك،
پاكىزلىققا بەك ئەھمىيەت بېرىدىغان دىنمىز، تەرەت سۇندۇرغاندىن كېيىن بەدەنگە ۋە كىيىم كېچەككە نىجاسەت يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تاھارەت يوللىرىنى ئۇبدان تازىلاشقا بۇيرۇيدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردىن بۇ تازىلىقنى سۇ، تاش، چالما، توپا ۋە تازىلىق قەغىزى قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن قىلىشقا بولىدىغانلىقى چىقىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەدىسلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بەزى چاغدا سۇ بىلەن، بەزى چاغدا تاش بىلەن ئىستىنجا قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. دېمەك ئىستىنجادا نېمىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكى مۇھىم ئەمەس، مۇھىم بولغىنى تەرەت يوللىرىنىڭ پاكىزلىنىشىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىستىنجا قىلىش خالادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردىن بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن خالاغا بارغان چېغىڭىزدا يەنى تەرەت سۇندۇرغان چېغىڭىزدا ئالدى- ئارقا تەرەت يوللىڭىزنى تاش، چالما، توپا، تازىلىق قەغىزى ۋە سۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بىرى بىلەن ئۇبدان پاكىزلىشىڭىز كېرەك.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: ئوسۇرماق بىلەن تاھارەت سۇنۇپ كېتىدۇ، لېكىن ئوسۇرماق بىلەن تاھارىتى سۇنغانلار تاھارەت ئالماقچى بولسا، ئىستىنجا قىلىشلىرىغا ھاجەت يوق. چۈنكى قۇرۇق يەل بىلەن ئۇنىڭ مەقئىتىگە بىرەر نىجاسەت يۇقۇپ قالمايدۇ.
دېمەك، خالاغا بېرىپ تاھارەت سۇندۇرمايلا تاھارەت ئالماقچى بولغان بىر كىشىنىڭ قايتا ئىستىنجا قىلىشنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئورنى يوق. بۇنداق كىشى تاھارەتنى ئىككى قولىنى يۇيۇپلا يۈزىنى يۇيۇشتىن باشلايدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر