مۇسۇلمانلار

سۇغۇرتىنىڭ ھۆكمى

5.      ھۆكمى

1)     ئىسلام فىقىھ ئاكادېمىيەسىنىڭ باياناتى:

ھىجرىيە 1396 – يىلى (مىلادىيە 1976 – يىلى) مەككە مۇكەررەمەدە ئېچىلغان ئىسلام ئىقتىسادى خەلقئارا بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيى بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى قارارلارنى ماقۇللىغان:

ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى جائىزدۇر. چۈنكى ھەمكارلىق سۇغۇرتىسى ئىئانە قىلىش ۋە ياخشىلىققا ياردەملىشىش ھېسابلىنىدۇ. بۇ سۇغۇرتىدا ھەر ئەزا ھەسسىدارلارغا يېتىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە يەتكەن زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن پاي قوشىدۇ، پايدا ئۈندۈرۈۋېلىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. بۇ يەردىكى مەقسەت خەتەرنى ئۈلۈشۈش ۋە زىياننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا ھەسسە قوشۇشتۇر، خالاس.

تىجارىي سۇغۇرتىغا كەلسەك، بۇ جائىز ئەمەس. بۇنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بار:

(1)  غەرەر[1]. بۇ خىل سۇغۇرتىدا غەرەرنىڭ بارلىقى ئېنىق. چۈنكى ئۇ غەرەر كېلىشىملىرىدىن يەنى بار ياكى يوقلۇقى ئېھتىماللىق بولغان نەرسە توغرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردىن ھېسابلىنىدۇ. «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام غەرەر سودىسىدىن توسقان» دېگەن سەھىھ ھەدىس بار. بۇ ھەدىسنى ئىشەنچلىك راۋىلار رىۋايەت قىلغان[2].

(2) جازانىخورلۇق. چۈنكى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى مەبلەغلىرىنى جازانىخورلۇقتا ئىشلىتىدۇ، شۇنداقلا سۇغۇرتا ئالغۇچىغا قولغا كەلتۈرگەن ئۆسۈمدىن ئايرىپ بېرىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئۆسۈم ئىسلامدا قەتئىي ھارامدۇر[3].

2)     مۇباھ دېگەن كۆزقاراش

يۇقىرىدىكى ئىسلام فىقىھ ئاكادېمىيەسىنىڭ كۆپچىلىك ئالىملىرى ئۇزۇن مۇنازىرىلەردىن كېيىن ماقۇللىغان قارارنىڭ خۇلاسىسىدۇر. لېكىن ھازىرقى زامان ئۆلىمالىرىدىن بۇ قارارنىڭ ئەكسىچە پىكىر بايان قىلغانلارمۇ بار[4]. جۈملىدىن ئاكادېمىيە ئەزاسى سۈرىيەلىك مەشھۇر ئالىم مۇستافا ئەھمەد زەرقا ئاكادېمىيەنىڭ باش سېكرېتارىغا بىر مەكتۇب يوللىغان. مەكتۇب ئاكادېمىيەنىڭ ژورنىلىنىڭ مەزكۇر قارار نەشر قىلىنغان سانىدا بېسىلغان. مەكتۇبنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

جانابىي باش سېكرېتارغا:

سۇغۇرتا ۋە ئۇنى قايتۇرۇش توغرىسىدا

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ

جانابلىرى ئاكادېمىيەنىڭ پىلان تۈزۈش شۆبىسىنىڭ يىغىنىدا (1404/8 / 22 – 25)، ماڭا ھازىرقى زامان فەقىھلىرى ئىختىلاپ قىلىشقان ۋە كۈنىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بولغان سۇغۇرتا تۈزۈمى، كېلىشىملىرى ۋە شەرئىي ھۆكمى توغرۇلۇق ئەتراپلىق بىر تەتقىقات سۇنۇشۇمنى تاپشۇرغان ئىدىلە.

جانابلىرىغا مەلۇم بولغايكى، مەن سۇغۇرتا توغرىسىدا «سۇغۇرتىنىڭ نىزامى – ھەقىقىتى ۋە شەرئىي ھۆكمى» دەپ يېڭى بىر كىتاب يازدىم، كىتاب ئۆتكەن يىلى نەشر قىلىندى. كىتابقا مەسىلە توغرىسىدا يېڭى نۇقتىلار ۋە باشقا يەتتە تېما قوشۇلدى، بۇ تېمىلاردا بىرىنچى كىتابىم چىققاندىن كېيىن سۇغۇرتا توغرىسىدا قوزغالغان شۈبھىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم ۋە ھەممىسىنى تەتقىق قىلدىم، شۇنداقلا تەپسىلىي رەددىيە بەردىم، بولۇپمۇ «سۇغۇرتا ھارام» دەپ جار سالىدىغانلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ مۇھىم شۈبھىسى بولغان «غەرەر شۈبھىسى» ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدىم.

مېنىڭ سۇغۇرتا مەسىلىسى توغرۇلۇق كۆزقارىشىم شۇكى، سۇغۇرتا تۈزۈمى ئۆزىنىڭ ئۈچ شەكلى بىلەن: (مال – مۈلۈك سۇغۇرتىسى، مەسئۇلىيەت سۇغۇرتىسى ۋە ئۆمۈر سۇغۇرتىسى) ئەسلىدە دۇرۇس بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۈچ تۈرلۈك سۇغۇرتىنىڭ ھەممىسىدە سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئۆزئارا زىياننى ئۈلۈشۈپ، زىيانغا ئۇچرىغان شېرىكىنىڭ مۇسىبىتىنى بېشىدىن كۆتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ياردەملىشىشنى «شەرئى جەھەتتىن ھارام» دېگەن پىكرىنى قوبۇل قىلىش ئەقىلگە سىغمايدۇ[5].

3)     بىزنىڭ چۈشەنچىمىز

(1)    ئەسلىدە سۇغۇرتىغا ئېھتىياج يوق

پۈتۈن كۈچىنى ماددىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشقا سەرپ قىلىپ مەنىۋى جەھەتتىن چۆكۈپ كەتكەن ئەللەردە، بولۇپمۇ ياۋرۇپالىقلاردا ئۆزئارا مېھىر – شەپقەت يوقالغان، ئائىلە ئەزالىرى ئىچىدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى قالمىغان ۋە ئۇرۇق – تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئۈزۈلگەن. سۇغۇرتا تۈزۈمىنى مانا مۇشۇنداق جەمئىيەتلەرنىڭ ئىنسانلىرى كېسەل بولغاندا داۋالىنىش، ياشانغاندا ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن مېيىپ بولۇپ قالغاندا كۈتىنىش، ئۆلگەندىن كېيىن بالا – چاقىسى چارىسىز قېلىش… قاتارلىقلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن پەيدا قىلغان. ئاندىن بۇ تۈزۈم مۇسۇلمان ئەللەرگە كىرگەن.

مۇسۇلمانلار ئەگەر رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە بولغاندەك، قۇرئان كەرىمگە لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلغان بولسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سۇغۇرتا تۈزۈمى ئۆزىگە خېرىدار تاپالمىغان بولاتتى. چۈنكى قۇرئان كەرىم ئۆز ئىچىگە ئالغان كاپالەت تۈزۈمى ھەر جەھەتتىن خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان، قورقۇنچ ۋە ئەندىشىلەرنىڭ يوللىرىنى تاقىۋېتىدىغان يەككە – يېگانە تۈزۈمدۇر. ئۇ تۈزۈمنىڭ ماددىلىرى تۆۋەندىكىچە:

① زاكات

ئاللاھ تائالا باي مۇسۇلمانلارنى ئالتۇن، كۈمۈش، نەق پۇل ۋە تىجارەت ماللىرىدىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇسۇلمانلارنى زىرائەت مەھسۇلاتى ۋە مال – چارۋىلىرىدىن مۇئەييەن مىقدارنى زاكات ۋە ئۆشرىگە ئايرىپ، مەلۇم شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىشنى پەرز قىلغان[6]. ئەگەر بىر مۇسۇلمان جەمئىيەتتە زاكات بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلەر زاكاتلىرىنى ئۆز جايىدا ئادا قىلسا ئۇ جەمئىيەتنىڭ پېقىر – مىسكىنلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرى قامدىلىدۇ ۋە ئىگە – چاقىسىز، ئاجىز – ئورۇق، يېتىم – يېسىرلارنىڭ كەلگۈسى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلۡفُقَرَآءِ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡعَٰمِلِينَ عَلَيۡهَا وَٱلۡمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمۡ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَٱلۡغَٰرِمِينَ وَفِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۖ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٦٠﴾

«سەدىقىلەر پەقەت پېقىرلەرگە، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[7].

بۇ ئايەتتىكى «سەدىقىلەر» پەرز بولغان سەدىقىلەرنى يەنى زاكات ۋە ئۆشرىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇ سەدىقىلەر بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلار سەككىز بولۇپ ئالدىنقى تۆتىدە لام (ل) ھەرپى، كېيىنكى تۆتىدە فىي (في) ھەرپى كېلىدۇ. بۇ زاكاتنىڭ بىرىنچى تۆت كىشىنىڭ قولىغا بېرىلىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى تۆت كىشى ئۈچۈن زاكاتتىن مۇئەييەن فوند ئاجرىتىپ ئۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن، بىر جەمئىيەتنىڭ مۇسۇلمانلىرى زاكاتنىڭ بىر قىسمىنى موھتاجلارغا بېرىپ، بىر قىسمىنى فوند سۈپىتىدە ھەر ئېھتىمالغا قارشى ساقلاپ، لازىملىق يەرلەرگە خىراجەت قىلسا ھەم مەزكۇر ئېھتىياجلار قامدالغان ھەم مەزكۇر كاپالەت ھەل بولغان بولىدۇ.

② سەدىقە

ئاللاھ تائالا ئىمكانىيىتى بولغان مۇسۇلمانلارنى موھتاجلارغا سەدىقە (خەير – ئېھسان) بېرىشكە تەشۋىق قىلغان، سەدىقە بەرگۈچىلەرگە كاتتا ئەجىر بېرىشنى ۋە  ئۇلارنىڭ ماللىرىنى كۆپەيتىشنى ۋەدە قىلغان[8]. ئەگەر سەدىقە بېرىش ئىمكانى بولغان مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ ۋە ئىشەنچ قىلىپ بۇ تەشۋىقىگە ئەمەل قىلسا، شۇنداقلا بېرىلگەن سەدىقىلەر بىر يەردە توپلانسا ناھايىتى چوڭ مەبلەغ يىغىلىدۇ. بۇ مەبلەغ يۇقىرىدىكى زاكات بىلەن بىرلەشتۈرۈلسە پۈتۈن ئېھتىياجلار قامدىلىدۇ ۋە ھېچكىم كەلگۈسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەندىشە ھېس قىلمايدۇ.

③ ۋەخپە

 ۋەخپە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى، شەكلى ۋە دەلىلى ھەققىدە يۇقىرىدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلدى.  دىنىمىز ئىمكانىيىتى بولغان مۇسۇلمانلارنى ۋەخپىگە تەشۋىق قىلىدۇ[9].

ئەگەر مۇسۇلمانلار بۇ ۋەخپە ئۇقۇمىنى ئۆز ئارىسىدا جانلاندۇرۇپ، كۈتۈلمىگەن ئاپەت ۋە تاسادىپىي ھادىسىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بىمارلارنى بېقىش، ئاجىز – ئورۇق ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق ئىشلارنى بىر ئادەتكە ئايلاندۇرسا، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېچكىم كەلگۈسىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىشقا ئېھتىياج ھېس قىلمايدۇ.

④ ياردەملىشىش

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَتَعَاوَنُواْ عَلَى ٱلۡبِرِّ وَٱلتَّقۡوَىٰۖ … ٢﴾

«ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار»[10].

بىر جەمئىيەتنىڭ مەنسۇبلىرى بولغان مۇسۇلمانلار ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئەمرىنى تېخىمۇ ئاكتىپ ھالدا ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارىسىدا بىر ئىئانە ساندۇقى ئورۇنلاشتۇرسا ۋە بۇ ساندۇققا بەزى قېرىنداشلىرىنى مەسئۇل قىلسا، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى موھتاجلار ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى مەلۇم قىلسا، مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بۇ ئېھتىياجلارنىڭ قامدىلىشى ئۈچۈن لازىملىق ئىجرائاتلارنى ئەمەلگە ئاشۇرسا بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك بەزى ھەدىسلەر تۆۋەندىكىچە:

«مۇئمىنلار ئۆزئارا دوستلىشىش، بىر – بىرىگە كۆيۈنۈش ۋە يار – يۆلەك بولۇشتا بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ. بەدەندىن بىرەر ئەزا ئاغرىسا، پۈتۈن بەدەندىن ئۇيقۇ قاچىدۇ ۋە پۈتۈن بەدەن قىزىپ ئارامسىزلىنىدۇ»[11].

«مۇئمىن، مۇئمىن ئۈچۈن بۆلەكلىرى بىر – بىرىنى چىڭىتىپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ»[12].

«مۇئمىنلار (بىر رىۋايەتتە مۇسۇلمانلار) گويا بىر ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ كۆزى ئاغرىسا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىئارام بولىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ بېشى ئاغرىسا، ھەممە ئەزاسى ئارامسىزلىنىدۇ»[13].

«كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار – يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار – يۆلەك بولىدۇ»[14].

(2)    زۆرۈر تېپىلغاندا جائىز

قۇرئان كەرىمدە ئەنە شۇنداق چارىلەر بار بولسىمۇ كۈنىمىزدە ئۇ چارىلەر ھەر تۈرلۈك سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن لايىق رەۋىشتە يولغا قويۇلمىغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەمر ۋە تەلىماتلىرىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەمەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن سۇغۇرتا قىلىشقا مەجبۇر قالغان ياكى موھتاج بولغان مۇسۇلمانلار تۆۋەندىكى يوللارنىڭ بىرىنى تۇتسا بولىدۇ:

① مۇسۇلمانلار مۇمكىنقەدەر ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە، شەرىئەت دائىرىسى ئىچىدە ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىشكە ئاساسلانغان بىر سۇغۇرتا سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشى لازىم. ئۇلار بۇ سىستېما قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەر تۈرلۈك سۇغۇرتىنى بۇ سىستېما بويىچە قىلسا ۋە قىلدۇرسا بولىدۇ.

② سىياسىي كۈچنىڭ رۇخسەت بەرمەسلىكى ياكى ئىجتىمائىي شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى ۋە ياكى ئىقتىسادىي ئەھۋالنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن ئۇنداق بىر سىستېما قۇرالمىغان مۇسۇلمانلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتە قانداق سۇغۇرتىغا مەجبۇرلانسا، شۇنى قىلسا بولىدۇ. مەسىلەن: كۈنىمىز دۇنيا تۈزۈمىدە ئاپتوموبىلىنى سۇغۇرتا قىلدۇرمىغان ئادەم ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ يولغا چىقالمايدۇ، بەزى دۆلەتلەردە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆينى ھەر تۈرلۈك ئاپەتكە قارشى سۇغۇرتا قىلدۇرۇش مەجبۇرىي قىلىنغان، ئەگەر سۇغۇرتا قىلدۇرمىسا ئۆيگە سۇ، توك، گاز… قاتارلىقلارنى ئەكىرگىلى قويمايدۇ، شۇنداقلا ئۇ ئۆيدە ئولتۇرۇشقا رۇخسەتمۇ بەرمەيدۇ. بىر يەردە دۇكان ئېچىش، بىر ئىدارىدە خىزمەت قىلىش، بىر فابرىكىدا ئىشلەش قاتارلىقلاردا داۋالىنىش ۋە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسى قىلدۇرۇش شەرت قىلىنغان.

مانا بۇ سۇغۇرتىلارنىڭ ھەممىسى مەجبۇرىي بولغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى قىلدۇرغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

③ ئۆزلىرىنىڭ سۇغۇرتا سىستېمىسىنى قۇرالمىغان ۋە ھەر تۈرلۈك سۇغۇرتا قىلدۇرۇشقا مەجبۇرلانمىغان، لېكىن ئېھتىياجى چۈشكەن مۇسۇلمانلارنىڭ سۇغۇرتا قىلدۇرۇش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇلار سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدىن قولىدىن كېلىشىچە تەكشۈرۈپ ھارامدىن يىراق تۇرىدۇ دەپ ئىشەنچ قىلالىغىنىغا سۇغۇرتا قىلدۇرسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا  مۇنداق دەيدۇ: 

﴿فَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ مَا ٱسۡتَطَعۡتُمۡ وَٱسۡمَعُواْ وَأَطِيعُواْ وَأَنفِقُواْ خَيۡرٗا لِّأَنفُسِكُمۡۗ وَمَن يُوقَ شُحَّ نَفۡسِهِۦ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُفۡلِحُونَ  ١٦﴾

«كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ئىتائەت قىلىڭلار ۋە مال چىقىم قىلىڭلار، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ. نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار، مۇرادىغا يەتكۈچىلەردۇر»[15].‏

﴿لَا يُكَلِّفُ ٱللَّهُ نَفۡسًا إِلَّا وُسۡعَهَاۚ …  ٢٨٦﴾

«ئاللاھ ھېچكىمىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[16].

ئەگەر ئىشەنچ قىلالمىسا سۇغۇرتا قىلدۇرمىغىنى ياخشى، ئېھتىياجىنى باشقا يوللار بىلەن قامداشقا تىرىشىشى ئەۋزەل. ناۋادا ئېھتىياجى قاتتىق بولسا، بۇ مەجبۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

﴿إِنَّ رَبَّكَ لَبِٱلۡمِرۡصَادِ  ١٤﴾

«شۈبھىسىزكى، رەببىڭ كۆزىتىپ تۇرماقتىدۇر»[17].

رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار. بۇ شۈبھىلىك ئىشلارنى كۆپ كىشىلەر ئۇقالمايدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ئادەم دىنىنى ۋە نومۇسىنى پاك تۇتقان بولىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم ھارامغا دۇچار بولىدۇ. ئۇ ئادەم چېگرانىڭ چۆرىسىدە پادا باققۇچى پادىچىغا ئوخشايدۇ، پادا چېگراغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى چېگراسى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەتتۇر. بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش يۈرەكتىن ئىبارەتتۇر»[18].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 2: 300 – 309.

[1] لۇغەتتە خەتەر، ئالدىماق، ھىيلە قىلماق، ئۆزىنى ۋە مېلىنى خەتەرگە ئاتماق دېگەن مەنىلەردە كېلىدىغان غەرەر كەلىمىسىنىڭ ئىستىلاھىي (ئاتالغۇ) مەنىسى ئاقىۋىتى مەجھۇل، ئاقىۋىتى نامەلۇم ۋە قولغا كەلتۈرۈپ، كەلتۈرمەسلىك بىلىنمىگەن نەرسە دېگەن بولىدۇ (قاراڭ: ئەلى ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئەلى زەين شەرىف جۇرجانىي، تەئرىفات، تەھقىقلىغۇچى: نەشرىياتنىڭ باشچىلىقىدىكى ئىلمىي ھەيئەت (بېيرۇت: دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، ھ 1403 / م 1983)، 161؛ مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئىبنى ئەبى سەھل سەرەخسىي، مەبسۇت (بېيرۇت، دارۇل مەئرىفە، ھ 1414 / م 1993›، 12: 194). شۇنىڭ ئۈچۈن ھەقسىز پايدىغا يول ئاچقۇدەك دەرىجىدە ئېنىقسىزلىق ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا كېلىشىملىرى غەرەر سودىسى (بەيئۇل غەرەر) دەپ ئاتالغان (قاراڭ:: ئىبراھىم كافى دۆنمەز، «غەرەر» تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 1996)،  13: 367.

[2] بۇخارى، «بۇيۇئـ»، 61؛ مۇسلىم، «بۇيۇئـ»، 4؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 25؛ تىرمىزى، «بۇيۇئـ»، 17؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 27؛ ئىبنى ماجە، «تىجارات»، 23.

[3] ۋەھبە زۇھەيلى، «سۇغۇرتا ۋە ئۇنى قايتۇرۇش»، ئىسلام فىقىھ ئاكادېمىيەسى ژورنىلى 2 (ھ 1409 / م 1989): 375 ~ 382.

[4] ئابدۇللەتىف فەرفۇر، «ئىسلام فىقھىدا سۇغۇرتا كېلىشىملىرى ۋە سۇغۇرتىنى قايتۇرۇش – غەرب فىقھى بىلەن سېلىشتۇرمىلىق تەتقىقات»، ئىسلام فىقىھ ئاكادېمىيەسى ژورنىلى 2 (ھ 1409 / م 1989): 394 ~ 433.

[5] مۇستافا ئەھمەد زەرقا، «سۇغۇرتا ۋە ئۇنى قايتۇرۇش»، ئىسلام فىقىھ ئاكادېمىيەسى ژورنىلى 2 (ھ 1409 / م 1989): 434.

[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت؛ 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[7] 9 – سۈرە تەۋبە، 60 – ئايەت.

[8] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 245 – ۋە 261 – ئايەتلەر؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 11 – ئايەت.

[9] مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر: 36 – سۈرە ياسىن، 12 – ئايەت؛ 59 – سۈرە ھەشر 18 – ئايەت؛  82 – سۈرە ئىنفىتار، 5 – ئايەت. مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس:  «ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمىلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمىلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى سەدىقە جارىيە (يەنى ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە). ئىككىنچى پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى ئارقىسىدىن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت» (مۇسلىم، «ۋەسىيەت»، 14؛ ئەبۇ داۋۇد، «ۋەسايا»، 14؛ تىرمىزى، «ئەھكام»، 36؛ نەسەئى، «ۋەسايا»، 8؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 14: 438؛ دارىمى، «مۇقەددىمە»، 46).

[10] 5 – سۈرە مائىدە، 2 – ئايەت.

[11] بۇخارى، «ئەدەب»، 27؛ مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»، 66؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 30: 323، 330.

[12] بۇخارى، «سالات»، 88، «مەزالىم ۋە غەسب»، 5، «ئەدەب»، 36؛  مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»، 65؛ تىرمىزى، «بىرر ۋە سىلە»، 18؛ نەسەئى، «زاكات»، 67؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 30: 303 ~ 304، 32: 400، 443،

[13] مۇسلىم، «بىرر ۋە سىلە»، 67.

[14] مۇسلىم، «زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار»، 38؛ ئەبۇ داۋۇد، «ئەدەب»، 67؛ تىرمىزى، «ھۇدۇد»، 3؛  ئىبنى ماجە، «ئىفتىتاھۇل كىتاب»، 17؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 12: 393، 13: 325، 16: 297، 394.

[15] 64 – سۈرە تەغابۇن، 16 – ئايەت.

[16] 2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت.

[17] 89 – سۈرە فەجر، 14 – ئايەت.

[18] بۇخارى، «ئىمان»، 37، «بۇيۇئـ»، 2؛ مۇسلىم، «مۇساقات»، 107؛ ئەبۇ داۋۇد، «بۇيۇئـ»، 3؛ تىرمىزى، «بۇيۇئـ»، 1؛ نەسەئى، «بۇيۇئـ»، 2، «ئادابۇل قۇدات»، 11؛ ئىبنى ماجە، «فىتەن»، 14؛ دارىمى، «بۇيۇئـ»، 1؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 30: 320، 324، 335.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر