مۇسۇلمانلار

سىز سۈننىيمۇ، شىيئىيمۇ؟

سوئال:
مەن سىلەرنىڭ تور بەتلىرىڭلارنى ياخشى كۆرىمەن، ئەسەر ۋە پەتىۋالىرىڭلارنى ئوقۇيمەن. دەلىللەر قۇرئان ۋە ھەدىستىن كەلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ئەسلى ئىسلامدىكى ھۆكمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېكىن پەتىۋا ۋە ماقالىلەردە مەزھەپلەرنىڭ كۆزقاراشلىرىغا ئورۇن بېرىلمىگەن. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ سىلەر سۈننىيمۇ ياكى شىيئىيمۇ؟
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{إِنَّ الدِّينَ عِنْدَ اللَّهِ الْإِسْلَامُ وَمَا اخْتَلَفَ الَّذِينَ أُوتُوا الْكِتَابَ إِلَّا مِنْ بَعْدِ مَا جَاءَهُمُ الْعِلْمُ بَغْيًا بَيْنَهُمْ وَمَنْ يَكْفُرْ بِآيَاتِ اللَّهِ فَإِنَّ اللَّهَ سَرِيعُ الْحِسَابِ}
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئارىسىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. كىم ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر»- ئال ئىمران 3/19.
ئاللاھنىڭ دىنى ئىسلامدۇر. بۇ ئىسلامنىڭ مەنبەسى ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندۇر. قۇرئان شۇنداق كىتابكى، «ئۇنىڭغا ھېچبىر تەرىپىدىن باتىل يېقىنلىشالمايدۇ. ئۇ، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغـان»[1]، چۈنكى ئۇنىڭ ساقلاشنى ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان[2].
بۇ ئىسلامنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. بۇ پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسى قۇرئاننى يەتكۈزۈش، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشتۇر. ئۇنىڭ قۇرئاننى يەتكۈزۈشى، ئىجرا قىلىشى ۋە چۈشەندۈرۈشىدىن ھاسىل بولغان سۆز-ھەرىكەتلىرى «ھېكمەت»تۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەنبەسى قۇرئاندۇر. چۈنكى ئۇ ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن ئۆزىگە ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{اتَّبِعْ مَا أُوحِيَ إِلَيْكَ مِنْ رَبِّكَ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ وَأَعْرِضْ عَنِ الْمُشْرِكِينَ}
«ئى مۇھەممەد! رەببىڭدىن ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەگەشكىن، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇشرىكلاردىن يۈز ئۆرۈگىن»- ئەنئام 6/106.
مۇشرىكلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر مۆجىزە كەلتۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان چاغدا ئۇلارغا ئىلاھى جاۋاب مۇنداق بولغان:
{وَإِذَا لَمْ تَأْتِهِمْ بِآيَةٍ قَالُوا لَوْلَا اجْتَبَيْتَهَا قُلْ إِنَّمَا أَتَّبِعُ مَا يُوحَى إِلَيَّ مِنْ رَبِّي هَذَا بَصَائِرُ مِنْ رَبِّكُمْ وَهُدًى وَرَحْمَةٌ لِقَوْمٍ يُؤْمِنُونَ}
«ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا بىر ئايەت كەلتۈرمىگەن چېغىڭدا: نېمىشقا ئۆزۈڭ ئويدۇرۇپ كەلتۈرمىدىڭ؟ دەيدۇ. ئېيتقىنكى: مەن پەقەت رەببىمدىن ماڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغىلا ئەگىشىمەن. بۇ قۇرئان قۇتۇلۇش يولىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەردۇر ۋە ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ھىدايەت ۋە رەھمەتتۇر.»- ئەئراف 7/203.
دېمەككى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قۇرئانغا ئەگىشىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ قۇرئاننى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن قىلغان پېئىللىرى ۋە سۆزلىرى قۇرئانغا ئەگىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان بىلەن ھېكمەت (سۈننەت) ئارىسىدا قىلچە زىتلىق بولمايدۇ.
مۇسۇلمان ئەنە شۇ ئىسلامغا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىدۇر، ئۇنىڭ دەستۇرى قۇرئان كەرىمدۇر، يولباشچىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭ يولىنى بەلگىلەيدىغان بىرلا ئاساس بولىدۇ، ئۇ بولسا قۇرئان ۋە ھېكمەت پۈتۈنلۈكىدۇر.
سۈننىي ۋە شىيئىي دېگەن ئاتالغۇلارنىڭ دىنىمىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. ئۇلار ئىسلامنىڭ تاماملانغانلىقى ئاللاھ تائالانىڭ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغان زاماندىن بىرقانچە يىل كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان سىياسىي ئاتالغۇلاردۇر.
مۇسۇلمان ئاللاھقا تەسلىم بولغان كىشىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىسىم قويۇشتىمۇ ئاللاھقا تەسلىم بولىدۇ. بۇ ئاللاھ قويغان ئىسىم بىلەن ئاتىلىش، ئۇ ئىىسمغا قانائەت قىلىش ۋە باشقا ئىسىمغا ئېھتىياج ھېس قىلماسلىق بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
{وَجَاهِدُوا فِي اللَّهِ حَقَّ جِهَادِهِ هُوَ اجْتَبَاكُمْ وَمَا جَعَلَ عَلَيْكُمْ فِي الدِّينِ مِنْ حَرَجٍ مِلَّةَ أَبِيكُمْ إِبْرَاهِيمَ هُوَ سَمَّاكُمُ الْمُسْلِمِينَ مِنْ قَبْلُ وَفِي هَذَا لِيَكُونَ الرَّسُولُ شَهِيدًا عَلَيْكُمْ وَتَكُونُوا شُهَدَاءَ عَلَى النَّاسِ فَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَاعْتَصِمُوا بِاللَّهِ هُوَ مَوْلَاكُمْ فَنِعْمَ الْمَوْلَى وَنِعْمَ النَّصِيرُ}
«ئاللاھ يولىدا ئۆز لايىقىدا جىھاد قىلىڭلار. ئۇ سىلەرنى بۇ ۋەزىپە ئۈچۈن تاللىدى. دىندا سىلەرنى ھېچبىر ئېغىر ئىشقا تەكلىپ قىلمىدى. بۇ ئاتاڭلار ئىبراھىمنىڭ دىنى. ئاللاھ سىلەرنى ئىلگىرىكى كىتابلاردا ۋە قۇرئاندا «مۇسۇلمان» دەپ ئاتىدى. ئاللاھ بۇنى، پەيغەمبەرنى سىلەرگە ئۈلگە بولسۇن دەپ، سىلەرنى باشقا ئىنسانلارغا ئۈلگە بولسۇن دەپ قىلدى. ئۇنداقتا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئوقۇڭلار، زاكاتنى بېرىڭلار، ئاللاھقا يېپىشىڭلار. ئۇ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئاللاھ نېمىدېگەن ياخشى ئىگە ۋە نېمىدېگەن ياخشى مەدەتكاردۇر!»- ھەج 22/78.

[1]– فۇسسىلەت 41/42.
[2]– ھىجىر 15/9.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر