مۇسۇلمانلار

سىز ئۆزىڭىزنى ئوڭشاڭ

سوئال:
ھازىرقى جەمئىيەت بەك بۇزۇلۇپ كەتتى. جەمئىيەتنىڭ قايسى ساھەسىگە قارىساق، كۆزىمىزگە گۇناھدىن باشقا نەرسە كۆرۈنمەيدۇ. قانداق قىلىش كېرەك؟ نېمە قىلىش كېرەك؟
جاۋاب:
بۇ دۇنيا ئىمتىھان مەيدانى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا بۇ دۇنيادا ياخشى يولنىمۇ بار قىلغان، يامان يولنىمۇ بار قىلغان. ياخشى يولغا ئەقىلنى ھەيدەكچى ۋەھىينى دەۋەتچى قىلغان، يامان يولغا نەپىسىنى ھەيدەكچى شەيتاننى دەۋەتچى قىلغان. ئاندىن ئىنسانغا ئىككىسىنىڭ قايسىسىنى تاللاش توغرىسىدا تولۇق ئەركىنلىك بەرگەن، شۇنداقلا ھەر نەرسىدە قىلغاندەك بۇ ئىشتىمۇ بىر تەڭپۇڭلۇق ئورناتقان. ئىلاھىي ئادالەت مانا بۇدۇر.
باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئاللاھ تەئالا ئىنسانغا ياخشى-ياماننى تونۇشى ئۈچۈن ئەقىل ئاتا قىلغان. ئەقىلگە يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن كىتاب نازىل قىلغان، كىتابنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەۋەتكەن. يەنى ئىنساننى ئىچىدىن بىر نەرسە (ئەقىل)، تېشىدىن بىر نەرسە (ۋەھىي) توغرا يولغا دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ.
ئىمان توغرىنىڭ توغرىلىقىنى ئەقىل بىلەن چۈشىنىش ئەمەس، قەلب بىلەن تەستىقلاش بولغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ قارار مەركىزى ئەقلى ئەمەس قەلبى بولغانلىقى ئۈچۈن قەلب تولاراق ئەقىلنىڭ مەسلىھەتى بىلەن ۋەھىينىڭ يوليورۇقىغا ئەمەس، نەپسنىڭ ئارزۇسى بىلەن شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىگە بويسۇنىدۇ. چۈنكى قەلب مەنپەئەتپەرەستۇر ۋە تۇراقسىزدۇر.
نەپىس تېزلا قولغا كېلىدىغان مەنپەئەتكە قىزىقىدۇ، شەيتان قەلبنى ئەقىلگە ئەمەس، نەپىسىگە بويسۇنۇشقا چاقىرىدۇ. بەدەن ئەقىلگە ئەمەس، قەلبكە بويسۇنىدىغانلىقى ئۈچۈن قەلبنىڭ خاتا قارارىنى ئىجرا قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن:
«بىلىڭلاركى، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار. ئۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ گۆش قەلبتۇر»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ھەر ئىنسان تولۇق ئىختىيارلىق بولغان بۇ ساھەدە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە بېسىم قىلىش ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئىشلار ياخشى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك بولمايدۇ.
ھېساب ئاخىرەتتە ئېلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداقلا يامانلىقنىڭ جازاسى ۋە ياخشىلىقنىڭ مۇكاپاتى ئاخىرەتتە بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دۇنيادا «ئەتىكى دۈمبىدىن بۈگۈنكى ئۆپكە ياخشى» دېگەن خاتا مەنتىقىسى بويىچە ئىش قىلىدۇ.
توغرىنى چۈشەنگەن بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى يولدىكى ھەمراھلىرىنىڭ قالايمىقان ھەرىكەتلىرىگە قاراپ ئۈمىدسىزلەنمەستىن ئۇلارغا توغرىلارنى ئىلمىي يوسۇندا، تاتلىق بىر تىل ۋە چىرايلىق بىر مۇئامىلە بىلەن چۈشەندۈرۈشتۇر، شۇنداقلا ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلىتىشتۇر.
چۈنكى بىر يامان ئىشنى كۆرگەن مۇسۇلماننىڭ ۋەزىپىسى ئۇ يامان ئىشنى قىلغانلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىپ قويۇشتۇر، خالاس. ئۇلار ئەمەل قىلامدۇ، قىلمامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ ئىشى. شۇنى ئۇنتۇماسلىق لازىمكى:
 ھەر كىشىنىڭ دوزاخقا كىرىش ئەركىنلىكى بار. بۇ ئەركىنلىكنى ئۇلارغا ئاللاھ بەرگەنلىك ئۈچۈن ھېچكىم ھېچكىمنى ھىدايەتكە زورلىيالمايدۇ. ياخشىلار يامانلارغا قولىدىن كېلىشىچە نەسىھەت قىلسا ۋە ئۆزلىرى توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرسا ئاللاھ ئالدىدىكى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا يامانلارنىڭ بۇلارغا ھېچقانداق زىيىنى بولمايدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعاً فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى گۇناھتىن ساقلاڭلار، سىلەر قاچانىكى توغرا يولدا بولساڭلار، باشقىلارنىڭ ئاداشقىنى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاللاھ قىلغان ئەمىلىڭلارنىڭ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ»- مائىدە 5/105.
ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ توغرا يولدا بولۇپ بولمىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىشى لازىم. «جەمئىيەت بۇزۇلۇپ كەتتى، ھەممە ئادەم گۇناھ قىلىۋاتىدۇ. پالانى ناماز ئوقۇمايدۇ. پۇستانى روزا تۇتمايدۇ…» دېگەندەك ئۆزىنىڭ يا دۇنيالىقىغا يا ئاخىرەتلىكىگە قىلچە پايدىسى يوق گەپلەرنى قويۇپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قارىشى، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىغا قارىشى ۋە مەن قانچىلىك مۇسۇلمان؟ مەن قانچىلىك ئىنسان؟ مېنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىمنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى قايسى دەرىجىدە؟… دەپ ئۆزىگە سوئال قويۇشى كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قُوا أَنفُسَكُمْ وَأَهْلِيكُمْ نَاراً وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ عَلَيْهَا مَلَائِكَةٌ غِلَاظٌ شِدَادٌ لَا يَعْصُونَ اللَّهَ مَا أَمَرَهُمْ وَيَفْعَلُونَ مَا يُؤْمَرُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! سىلەر ئۆزۈڭلارنى ۋە ئائىلەڭلەرنى ئوتتىن ساقلاڭلار. ئۇ ئوتنىڭ يېقىلغۇسى ئىنسانلاردۇر ۋە تاشلاردۇر. ئۇ ئوتنىڭ بېشىدا قوپال ۋە قاتتىق قول پەرىشتىلەر بار. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلمايدۇ، ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ئەمرلەرنى ئىجرا قىلىدۇ»- تەھرىم 66/6.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر