مۇسۇلمانلار

سىرىك سېھىر ھېسابلىنامدۇ؟

سوئال:
سىرىك، قول ماھارىتى قىلىشقا بولامدۇ؟ بۇ پەقەتلا قول ماھارىتى يەنى قولنىڭ چاپسانلىقىدىن باشقىلارغا بىرەر نەرسىنى يوق قىلغاندەك كۆرسىتىپ، يەنە پەيدا قىلغاندەك كۆرسىتىدىغان قول ماھارىتى ئويۇنى. بۇ ئويۇننى قىلسا گۇناھ بۇلامدۇ، گۇناھ بولسا قايسى دەرىجىدىكى گۇناھ بولىدۇ ؟
جاۋاب:
«سېھىر» نىڭ لۇغەت مەنىسى:
سېھىر («سحر») دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى كۆز باغلىماق دېگەن بولىدۇ- (ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت).
 كۆز باغلىماق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «بىر نەرسىنى بىراۋنىڭ كۆزىگە باشقا شەكىل، قىياپەتتە كۆرسەتمەك» دېگەن بولىدۇ- (ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى).
سېھىرنىڭ قۇرئان كەرىمدە چۈشەندۈرۈلۈشى:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«قَالُوا يَا مُوسَى إِمَّا أَنْ تُلْقِيَ وَإِمَّا أَنْ نَكُونَ أَوَّلَ مَنْ أَلْقَى. قَالَ بَلْ أَلْقُوا فَإِذَا حِبَالُهُمْ وَعِصِيُّهُمْ يُخَيَّلُ إِلَيْهِ مِنْ سِحْرِهِمْ أَنَّهَا تَسْعَى. فَأَوْجَسَ فِي نَفْسِهِ خِيفَةً مُوسَى. قُلْنَا لَا تَخَفْ إِنَّكَ أَنْتَ الْأَعْلَى. وَأَلْقِ مَا فِي يَمِينِكَ تَلْقَفْ مَا صَنَعُوا إِنَّمَا صَنَعُوا كَيْدُ سَاحِرٍ وَلَا يُفْلِحُ السَّاحِرُ حَيْثُ أَتَى»
«سېھىرگەرلەر: ‹ئى مۇسا! سەن تاشلامسەن؟ ياكى ئاۋۋال بىز تاشلامدۇق؟› دېدى. مۇسا: ‹ياق، ئاۋۋال سىلەر تاشلاڭلار›، دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى ۋە ھاسىلىرى، ئۇلارنىڭ سېھىرلىرى تەسىرىدىن بىردىنلا مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈندى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ، ئىچىدە بىر قورقۇنچ ھېس قىلدى.
بىز ئۇنىڭغا مۇنداق دېدۇق: «قورقما! سەن ئەلۋەتتە غالىب كېلىسەن. ئوڭ قولۇڭدىكىنى تاشلا، ئۇلارنىڭ قىلغان سېھىرلىرىنى دەم تارتىپ يۇتۇۋەتسۇن. ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت بىر سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر. سېھىرگەر ھېچبىر يەردە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ»- تاھا 20/65-69.
بۇ ئايەتلەردە «سېھىرگەرلەرنىڭ ئارغامچا ۋە ھاسىلىرى ئۇلارنىڭ سېھىرلىرىنىڭ تەسىرىدە مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن» لىكى، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئارغامچا ۋە ھاسالارنىڭ ماڭمايۋاتقانلىقى، بەلكىدە سېھىرنىڭ تەسىرىدە مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈنگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بايان قىلىنىشى، ئاخىرىدا «ئۇلارنىڭ قىلغىنى پەقەت بىر سېھىرگەر ھىيلىسىدىنلا ئىبارەتتۇر» دېيىلىشى، «سېھىر» نىڭ نېمىلىكى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
دېمەك، «سېھىر» دېگەن سۆزنىڭ ئەرەبچە ۋە ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردىكى مەنىسى بىلەن قۇرئان كەرىمدىكى مەنىسى ئوخشاشتۇر، شۇنداق توغرىدۇر.
«سېھىر» قىلىشنىڭ ھۆكمى:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:
«وَمَا كَفَرَ سُلَيْمَانُ وَلَـكِنَّ الشَّيْاطِينَ كَفَرُواْ …»
«ئۇلار شەيتانلارنىڭ سۇلايماننىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا ئويدۇرۇپ چىققان يالغانلىرىغا ئەگەشتى. سۇلايمان كاپىر بولمىدى، لېكىن ئۇ شەيتانلار كاپىر بولدى…»- بەقەرە 2/102.
بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق:
يەھۇدىيلار ئىنساندىن ۋە جىندىن بولغان شەيتانلارنىڭ: «سۇلايمان سېھىرگە تايىنىپ پادىشاھ بولغان» دېگەن سۆزلىرىگە ئەگەشتى. ئاللاھ تەئالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ: «سۇلايمان كاپىر بولمىدى، يەنى سۇلايمان سېھىر قىلمىدى» دەيدۇ. بۇ يەردە «سۇلايمان سېھىر قىلمىدى» دېيىلمەي، «سۇلايمان كاپىر بولمىدى» دېيىلىشىنىڭ سەۋەبى، سېھىر قىلغان كىشى كاپىر بولۇپ كېتىدۇ، دېگەن ھېكمەتكە ئىشارەت قىلىشتۇر. دېمەككى، سېھىر قىلىش كاپىرلىقتۇر.
مۇناسىۋەتلىك بىر ھەدىس مۇنداق:
 ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار»، ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قايسىلار؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىملەرنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش، يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۆمىنەلەرگە بوھتان چاپلاشتۇر»، دېدى.- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
بۇ ھەدىستە: بۇ ئىشلارنىڭ كىشىنى ھالاكەتكە (دوزاخقا) تاشلىغۇچى، ئازابقا سالغۇچى ئىشلار ئىكەنلىكى، جۈملىدىن سېھىرگەرلىكنىڭ قاتتىق ھارام ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خۇلاسە:
ئەسلى سېھىر بىر نەرسىنى قول ماھارىتى بىلەن ئىنسانلارغا باشقا شەكىل، باشقا قىياپەتتە كۆرسىتىش دېمەكتۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن سىرىك ئويۇنلىرى ئەلۋەتتە سېھىر ھېسابلىنىدۇ.
خەلق ئارىسىدا «سېھىر» دېيىلسە، مەنىۋى ۋە ماددىي جەھەتتىن مەينەت باسقان كىشىلەرنىڭ يامان جىنلەرنىڭ ياردىمى بىلەن قىلىدىغان جادۇ قىلىش، يەنى ئىسسىتقۇ-سوۋۇتقۇ قىلىش چۈشىنىلىدۇ. بۇ چۈشەنچە توغرىدۇر، لېكىن يېتەرسىزدۇر، چۈنكى بۇ چۈشەنچە سېھىرنىڭ ھەممە تۈرىنى ئۆز ئىچە ئالمايدۇ.
جادۇ قىلىشنىڭمۇ سېھىر ئىكەنلىكى بەقەرە سۈرىسىنىڭ 102- ئايىتىدە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە بايان قىلىنىدۇ.
سېھىرگەرلىكنىڭ ھەر قاندىقى ھارامدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر