مۇسۇلمانلار

نەق نېسى پەرقى ۋە ئۆسۈم

قەرەل پەرقى بىر مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن قەرەللىك (نېسى) باھاسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقتۇر. بۇنىڭ ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. توپ بىلەن بىلەن پارچە ئوتتۇرىسىدا قانداق باھا پەرقى بار بولسا، نەق بىلەن نېسى ئوتتۇرىسىدىمۇ شۇنداق پەرق بولىدۇ. ئىشنىڭ شەكلى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ تەتبىقاتى، ئەلى (ر.ز)نىڭ ۋە تۆت مەزھەپنىڭ ئىجابىي كۆزقارىشى بار.
ئا- رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ تەتبىقاتى
ئابدۇللاھ ئىبىن ئەمر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مېنى بىر قوشۇن تەييارلاشقا بۇيرۇدى، لېكىن تۆگىلەر يېتىشمىگەن ئىدى، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مېنى زاكات ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ياش چىشى تۆگىلەر بەدىلىگە (ئۇرۇشتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان نورمال) تۆگىلەرنى ئېلىشقا بۇيرىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن زاكات تۆگىلىرى توپلانغاندا ئىككى تۆگە بېرىش شەرتى بىلەن بىر تۆگە ئالغان ئىدىم[1].
بۇ يەردە چوڭ تۆگە ياش تۆگىدىن قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تۆگە ئىككى تۆگىگە نېسى ئېلىنغان دېگىلى بولمايدۇ. لېكىن ئىككى ياش چىشى تۆگە بىر چوڭ تۆگىدىن قىممەت بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەدىستىكى تەتبىقات نەق سودا بىلەن نېسى سودىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ.
ھايۋاننى ھايۋانغا نېسى تېگىشىش توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن پەرقلىق رىۋايەتلەرمۇ زىكىر قىلىنىدۇ. جۈملىدىن سەمۇرەنىڭ رىۋايىتى مۇنداق:
«رەسۇلۇللاھ ھايۋاننى ھايۋانغا نېسى تېگىشىشتىن توستى»[2].
ئەبۇ ئىيسا تىرمىزى (209-279 ھ) بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: سەمۇرە رىۋايەت قىلغان ھەدىس ھەسەن ۋە سەھىھتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ساھابىلىرىدىن ۋە باشقا ئەھلى ئىلىملەردىن كۆپچىلىكنىڭ قارىشىچە ھايۋاننى ھايۋانغا نېسى سېتىش توغرىسىدىكى تەتبىقات بۇ ھەدىسكە ئاساسەن بولىدۇ. سۇفيان سەۋرىنىڭ ۋە كۇفەلىكلەرنىڭ قارىشىمۇ مۇشۇنداق. ئەھمەد ئىبىن ھەنبەلمۇ بۇ پىكىردە.
ساھابىلەردىن ۋە باشقىلاردىن بولغان بەزى ئەھلى ئىلىملەر ھايۋاننى ھايۋانغا نېسى سېتىشقا رۇخسەت قىلغان. بۇ شافىئىي ۋە ئىسھاقنىڭمۇ كۆزقارىشىدۇر[3].
ئەبۇ داۋۇد ئابدۇللاھ ئىبىن ئەمردىن رىۋايەت قىلغان يۇقىرىدىكى ھەدىس رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بۇ ئىشقا رۇخسەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. خەتتابى (319-388 ھ) بۇ ھەدىس توغرىسىدا مۇنۇ مەلۇماتلارنى بېرىدۇ: 
«شەيخ مۇنداق دېدى: بۇ ھەدىس ئېنىق كۆرسىتىدۇكى، ھايۋاننى نېسى سېتىش پەقەت ھەر ئىككى بەدەل نېسى بولغاندىلا مەنئى قىلىنىدۇ. ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئارىسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇنى مۇشۇنداق چۈشىنىش كېرەك»[4].
ھايۋانلار قەرز بەرگىلى بولىدىغان ماللاردىن ئەمەس. ئىنسانلار بىر ئاتنى، بىر تۆگىنى ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئالىدۇ. بۇ ئىشلەتكەنلىك ئۈچۈن بىر ھەق تۆلەنسە كىراغا ئالغانلىق، ھەق تۆلەنمىسە ئارىيەتكە ئالغانلىق بولىدۇ. ھايۋان قەرز بەرگىلى بولىدىغان ماللاردىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر ھايۋاننى باشقا بىر ھايۋانغا تېگىشىشنى تىجارەت ھېسابلاش توغرا بولىدۇ.
ئە- ساھابىلەرنىڭ تەتبىقاتى 
ئەلى (ر.ز)نىڭ «ئۇسەيفىر» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۆگىسىنى تۆت تۆگىگە نېسى ساتقانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[5]. ھەر تۆگىنىڭ باھاسى پەرقلىق بولىدۇ. ئەلى (ر.ز)نىڭ تۆگىسىنىڭ نەق باھاسىنى بىلمەيمىز. لېكىن بىز بىر تۆگە بىلەن تۆت تۆگە ئارىسىدا باھا پەرقى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۇ رىۋايەتنى بۇ يەردە زىكىر قىلدۇق.
ب- مەزھەپلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى
فەقىھلەرنىڭ ئىچىدە قەرەل پەرقىنى جايىز كۆرمەيدىغان، ئۇنى ئۆسۈملۈك مۇئامىلە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويغان بىرىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمىز. پۈتۈن مەزھەپلەر بىر مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن قەرەللىك (نېسى) باھاسى پەرقلىق بولسا بولىدىغانلىقىنى، بىر مال ئۈچۈن قەرەللەرگە قاراپ ئۆزگىرىدىغان باھالار قويۇشقا بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ. مەسىلەن: بىر مالغا نەق 100 لىرا، بىر ئاي قەرەللىك (نېسى) 105 لىرا، ئىككى ئاي قەرەللىك 110 لىرا، ئۈچ ئاي قەرەللىك 115 لىرا دېگەندەك ئۇزىراپ كېتىدىغان باھالارنى قويۇشقا بولىدۇ. يېتەركى، تەرەپلەر ئايرىلماستىن كېلىشىمنى يالغۇز بىر باھاغا قەتئىيلەشتۈرسۇن. ئەكسى تەقدىردە بۇ پەيغەمبىرىمىز مەنئى قىلغان «بىر سېتىشتا ئىككى سېتىش» دائىرىسىگە كىرىدۇ.
تۆت مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىنىڭ خۇلاسىسى مانا بۇدۇر. تۆۋەندىكى ئىزاھاتلار بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئېرىشمەكچى بولغانلار ئۈچۈندۇر.
1- ھەنەفىي مەزھىپى
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىچە، قەرەللىك سودىدا باھا ئېنىق بولسا، قەرەل پەرقىنىڭ بىر زىيىنى يوق.
بۇ ھەقتە مەبسۇت دېگەن كىتابتا مۇنۇ ئىپادىلەر زىكىر قىلىنىدۇ:
«تەرەپلەر نەق بولسا بۇ باھادا، شۇ قەرەلگىچە شۇ باھادا، ياكى بىر ئاي قەرەللىك شۇ باھادا، ئىككى ئاي قەرەللىك شۇ باھادا بولىدۇ دەپ، يالغۇز بىر باھا ئۈستىدە كېلىشىپ ئايرىلمىسا، كېلىشىم فاسىد (بۇزۇق) بولىدۇ. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىر سېتىش ئىچىدە ئىككى شەرتتىن مەنئى قىلغان.  يۇقىرىدىكى مىسال بۇ ھەدىسنىڭ ئىزاھىدۇر. قانداقلا بىر شەرتكە باغلىق بولمىغان چەكلىمە (مۇتلەق نەھىي) شەرئى كېلىشىملەردە تېپىلسا، ئۇ كېلىشىم فاسىد بولىدۇ. بۇ ئىككى تەرەپ سودا كېلىشىمىنى يۇقىرىدىكىدەك ئاخىرلاشتۇرۇپ ئايرىلغاندا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەگەر ئايرىلماستىن كېلىشىمنى يالغۇز بىرلا باھا ئۈستىدە قەتئىيلەشتۈرسە، ئۇ چاغدا بۇ كېلىشىم جايىز بولىدۇ. چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندا تەرەپلەر كېلىشىمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن ئايرىلغان بولىدۇ»[6].
فەتھۇل قەدىر دېگەن كىتابتا بۇ مەسىلە توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلىدۇ:
 «بىر سودىنىڭ نەق 1000 گە، نېسى 2000 گە قىلىنىشىدا ئۆسۈملۈك مۇئامىلە مەنىسى يوق»[7].
2- شافىئىي مەزھىپى
بۇ مەسىلىدە شافىئىي مەزھىپى ھەنەفىي مەزھىپى بىلەن ئوخشاش. بۇ توغرىدا تۇھفەتۇل موھتاج دېگەن كىتابتا مۇنداق دېيىلىدۇ:
«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىر سېتىش ئىچىدە ئىككى سېتىشتىن مەنئى قىلغان. بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان ۋە سەھىھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. مەسىلەن: بىر مالنى ساتقۇچى: «بۇنى ساڭا نەق 1000 گە ياكى بىر يىل قەرەللىك 2000 گە ساتتىم، سەن، مەن ياكى پالانى بۇ باھالاردىن قايسىسىنى قوبۇل قىلساق، ئالغۇچى شۇنىڭغا ئالسۇن» دېسە، بۇنداق بىر كېلىشىم ئېنىقسىز بولغانلىغى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ. بولمىسا بىر مالنى نەق مىڭگە، بىر يىل قەرەللىك ئىككى مىڭگە ياكى يېرىمىنى مىڭگە، قالغان يېرىمىنى ئىككى مىڭگە سېتىشقا بولىدۇ»[8].
3- مالىكى مەزھىپى
ئىمام مالىكنىڭ، بىر مالنى نەق 10 دىنارغا ياكى قەرەللىك 15 دىنارغا ئالغان ۋە بۇ ئىككى باھانىڭ بىرىگە مالنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بىر كىشى ھەققىدە مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
«بۇ توغرا بولمايدۇ. چۈنكى ئەگەر بۇ كىشى 10 دىنارنى كېچىكتۈرسە، ئۇنى قەرەللىك 15 دىنارغا بەرگەن بولىدۇ. ئەگەر 10 دىنارنى نەق بەرسە، قەرەللىك 15 دىنارنى 10 دىنارغا سېتىۋالغان بولىدۇ»[9].
بۇ سۆزىنى مالىكىي فەقىھلەردىن ئىبىن رۇشد مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
«مالىكنىڭ كۆزقارىشىچە، بۇ چەكلىمىنىڭ سەۋەبى جازانىخورلۇققا ئېلىپ بارىدىغان يولنى ئېتىۋېتىشتۇر (سەددۇززەرائىئ). چۈنكى بۇ ئىشتا مۇنداق بىر ئېھتىمال بار: ئىككى باھانىڭ بىرىنى تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپنىڭ دەسلەپتە نېقىغا ياكى نېسىسىگە قارىماستىن سودا كېلىشىمىنى تۈگىتىدۇ، ئاندىن قايسى باھادا سېتىۋېلىشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ، لېكىن بۇنى بىلدۈرمەيدۇ. (ھەر ئىككى بەدەل ئۇنىڭ قەرزىگە ئايلانغانلىقى ئۈچۈن) بۇ ئەھۋالدا ئۇ خۇددى ئىككى قەرزدىن بىرىنى يەنە بىرىگە نېسى ساتقاندەك بولىدۇ ياكى ئارتۇقىغا نېسى ساتقان بولىدۇ. بۇ بەدەللەر ئالتۇن ياكى كۈمۈش بولغان تەقدىردە مۇشۇنداق. ناۋادا بەدەللەر يېمەكلىك ماددىسى بولسا بۇ نۆۋەت ئۇ تائامنى تائامغا ئارتۇقلۇق بىلەن ساتقان بولىدۇ[10].
بۇنىڭ ئىككى سېتىش ھېساپلىنىشى بەدەللەر ئىككى بولغانلىقى ئۈچۈندۇر[11].
ئىمام مالىك ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىنى قوبۇل قىلىدۇ. سەھنۇن بۇ ھەقتە ئابدۇراھمان ئىبىن قاسىمدىن مۇنداق بىر سوئال سورايدۇ:
«ئېيتىپ بەرسەڭچۇ! مەن يېنىدا مېلى بولغان بىر كىشىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ‹بۇ مالنى قانچىگە ساتىسەن؟› دېسەم، ئۇ كىشى ‹نەق ئەللىككە نېسى يۈزگە› دېسە، مەن ئۇ مالنى نېسى يۈزگە ياكى نەق ئەللىككە ئالسام، ئىمام مالىكنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ جايىز بولامدۇ؟».
بۇ سوئالغا سەھنۇن مۇنداق جاۋاب بەردى:
«مالىك مۇنداق دېگەن: بۇ سودا ئەگەر ساتقۇچى خالىسا ساتىدىغان، خالىسا ساتمايدىغان، خېرىدارمۇ خالىسا ئالىدىغان، خالىسا ئالمايدىغان ئەھۋالدا بولسا بۇنىڭ بىر زىيىنى يوق. ئەمما ئەگەر ئىككى تەرەپتىن بىرى خالىسا ئالمايدىغان، خالىسا ئالىدىغان، يەنە بىر تەرەپ بۇنى قوبۇل قىلىش مەجبۇرىيىتىدە قالىدىغان ئىش بولسا، بۇنىڭدا بىر ياخشىلىق يوق. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ قوبۇل قىلىش مەجبورىيىتىدە قالىدىغان ئىش بولسا، بۇ مەكرۇھ بولۇپ، بۇنىڭدىمۇ بىر ياخشىلىق يوق[12].
4- ھەنبەلى مەزھىپى
قەرەل پەرقى توغرىسىدا ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆزقارىشى مۇنداق:
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىر سېتىش ئىچىدە ئىككى سېتىشتىن مەنئى قىلغان. بۇنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى شۇ: ساتقۇچى خېرىدارغا: «بۇ قۇلنى ساڭا نەق 10 غا، نېسى 15 كە ساتتىم» دېسە، بۇ باتىل سېتىش بولىدۇ. چۈنكى بۇ سودىدا باھا ئېنىق بولمىغان. ئەگەر «ساڭا بۇنى نەق شۇ باھادا، نېسى ئۇ باھادا ساتىمەن» دەپ ئىككى تەرەپ باھالارنىڭ بىرى ئۈستىدە كېلىشسە، بۇنىڭ بىر زىيىنى يوق»[13].
يۇقىرىدا كۆرۈلگەندەك، سودا قىلىنغان نەق مەيداندا باھا ئېنىق بەلگىلىنىپ سودا قىلىنسا، پۈتۈن مەزھەپلەر قەرەل پەرقىنى جايىز دەپ قارايدۇ.

[1]– ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ ۋەلئىجارات 16، ھەدىس نومۇرى 3357.

[2]– ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ ۋە ئىجارات، 15، ھەدىس نومۇرى 3356؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 65؛ تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 21، ھەدىس نومۇرى 1237.

[3]– تىرمىزى، يۇقىرىدىكى ھەدىسنىڭ ئاستىغا چۈشۈرۈلگەن مۇلاھىزە. جىلد 3، 538-539- بەتلەر. 1981 (1401).

[4]– ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئىستانبۇل، جىلد 3، 652- ۋە 653- بەتلەر.

[5]– ئىبىن قۇدامە، مۇغنى، 4/143.

[6]– سەرەخسى، مەبسۇت، 8/8.

[7]– كەمالۇددىن ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر 5/218.

[8]– ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى، تۇھفە، 4/294.

[9]– ئىمام مالىك، مۇۋەتتا، بۇيۇئ 33/74.

[10]– ئىبىن رۇشد، بىدايەتلمۇجتەھىد، 2/134. نەقىلدە مەنە ئاساس قىلىندى.

[11]– خۇراشى، مۇختەسەرى سەيدى خەلىل 5/72.

[12]– ئىمام مالىك، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا 9/151.

[13]– ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/259.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر