مۇسۇلمانلار

زىياننىڭ سەۋەبى نېمە؟

مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبى نېمە
سوئال: دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇسۇلمانلار خارلىقتا، قىيىنچىلىقتا ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار زالىملارغا قارشى قوزغالغان بولسىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا «ئىززەت ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ۋە مۇئمىنلارغا مەنسۇپ ، لېكىن مۇناپىقلار بىلمەيدۇ»[1]دېگەن مەنىدىكى ئايىتىدە مۇئمىنلارغىمۇ ئىززەت ۋەدە قىلغان،«ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، ئەڭ ئۈستۈن بولغۇچىلار سىلەر بولىسىلەر»[2]دېگەن مەنىدىكى ئايىتىدە بولسا، مۇئمىن بولغانلارنىڭ غالىبلىق ماقامىدا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ مۇئمىنلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى تۆۋەندىكى ئايەتتە بايان قىلىنىدۇ:
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُم فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَى لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْناً يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئاً وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَلِكَ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ
«ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مۇنداق ۋەدە بەردى: شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلىدۇ، خۇددى ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى ھۆكۈمران قىلغىنىدەك. ئاللاھ ئۇلارنىڭ دىنىنى ئۇلارغا مۇستەھكەم قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ ئاللاھ ئۇلار ئۈچۈن رازى بولغان دىندۇر. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ھەقىقەتەن پاسىقلاردۇر»- نۇر 24/55.
بۇ ئايەت ئېنىق دالالەت قىلىدۇكى، ئاللاھ تائالا زېمىندا ھۆكۈمران قىلىشنى، دىنىنى مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە قورقۇنچىسىنى خاتىرجەملىككە ئالماشتۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلغان مۇئمىنلار ياخشى ئىشلارنى قىلغان، ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلغان، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلمىغان مۇئمىنلاردۇر. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەق، ئاللاھ ۋەدىسىگە ئەسلا خىلاپلىق قىلمايدۇ. 
ئۇنداقتا ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، «بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خارلىقتا، قىيىنچىلىقتا ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان، زالىملارغا قارشى قوزغالغان بولسىمۇ كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمەيۋاتقان مۇسۇلمانلار» ئەنە شۇ يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە سۈپەتلەنگەن مۇئمىنلار ئەمەستۇر.
چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلار تۇنجى نازىل بولغان ئايىتى «ئوقۇ!» بىلەن باشلانغان بىر كىتابنىڭ ئېتىقادچىسى، «بۆشۈكتىن، تۆشۈككىچە ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان»[3] بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى تۇرۇپ ئوقۇمىغان، ئۆگەنمىگەن، كەشىپ-ئىجادىيەت ساھەسىدە ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق ياراتمىغان پاسسىپ مۇسۇلمانلاردۇر.
چۈنكى ئۇ مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا: «ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (كىتابىغا)[4]مەھكەم ئېسىلىڭلار، بۆلۈنمەڭلار»[5] دەۋاتسا، مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ ئۆز مەزھىپىنىڭ كىتابلىرىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان، ئاللاھ تائالا «سىلەرگە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ياخشى ئۈلگە»[6] دەۋاتسا، ئۆز مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسىنى، ئۆز تەرىقىتىنىڭ پېشۋاسىنى ئۈلگە قىلىۋالغان مۇسۇلمانلاردۇر.
دېمەك، ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى مۇئمىن ھېسابلاش ياكى باشقىلار تەرىپىدىن مۇئمىن دەپ تونۇلۇش ۋە ياكى مۇئمىنلارنىڭ نەسلى بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ. مۇھىم بولغىنى، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىدىغان مۇئمىنلىقتۇر.
تارىخ بويىچە ئىززىتى خورلۇق بىلەن، غالىبلىقى مەغلۇبلۇق بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرغان مۇئمىنلار قۇرئان كەرىمدە تونۇتۇلغان مۇئمىنلار ئەمەس، بەلكىدە ئەنە شۇنداق مۇسۇلمانلاردۇر.
بۈگۈن ئۇلارنىڭ باشلىرىغا ھەر تۈرلۈك زۇلۇم ۋە مۇسىبەتلەر كەلمەكتە: قانلىرى تۆكۈلمەكتە، ماللىرى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنماقتا، شەھەرلىرى بومباردىمان قىلىنماقتا، ئۇلار قاچماقتا، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلماقتا، تۇتۇلماقتا، زىندانلارغا تاشلانماقتا. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغاندەك پۈتۈن بۇلارنىڭ سەۋەبى بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمدىكى ئۇ مۇئمىنلار بولماسلىقىدۇر. يەنى بۇلارنىڭ يىللاردىن بۇيان ئاللاھنىڭ كىتابىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىغانلىقى، رەسۇلۇللاھقا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەگەشمىگەنلىكىدۇر.
تېخىمۇ ئوچۇق ئېيتقاندا، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمنىڭ بۇيرۇقلىرىغا لايىق رەۋىشتە ئەمەل قىلمىدى، قۇرئان كەرىم چەكلىگەن ئىشلاردىن تەلەپكە لايىق دەرىجىدە يىراق تۇرمىدى، قۇرئان كەرىم قىلغان نەسىھەتلەرگە ئەستايىدىل قۇلاق سالمىدى، قۇرئان كەرىم بايان قىلغان قىسسىلەردىن يېتەرلىك دەرىجىدە ئىبرەت ئالمىدى، رەسۇلۇللاھقا تولۇق ئەگەشمىدى، قىسقىسى مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامىي ھاياتىنى قۇرئان-ھەدىسكە قارىتا شەكىللەندۈرمىدى. ئەكسىچە ئۇلار قۇرئان كەرىمنىڭ لەۋزىنى ئوقۇشنى، رەسۇلۇللاھنىڭ بەزى ئادەتلىرىنى دوراشنى ئۈستىگە ئاسماندىن رەھمەت يېغىشى، ئالدىغا زېمىندىن بەرىكەت چىقىشى ئۈچۈن يېتەرلىك، دەپ چۈشەندى ۋە ئىشەندى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىلىم ئۆگىنىشنى تەرك ئەتتى، پەن-تېخنىكا ۋە كەشىپ-ئىجادىيەت ساھەلىرىدە باشقىلار بىلەن تەڭ ماڭمىدى، ئىشلىمىدى، يېدى، ئىچتى، ياتتى. لازىملىق نەرسىلىرىنى ئۆزلىرى ياسىماي، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنى، ياسىغان تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنى ۋە ئىجاد قىلغان يېڭىلىقلىرىنى سېتىۋېلىپ ئۇلارنى باي قىلدى.
مۇسۇلمان بايلار بايلىقلىرىنى ۋەتىنىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلقىنىڭ ئويغىنىشى، ۋەتىنىدە ئىلىم-بىلىمنىڭ گۈللىنىشى، پەن-تېخنىكىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە ھۈنەر-سانائەتنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن سەرپ قىلمىدى. ئۇلارنى كۆزىتىپ تۇرغان سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) ئۇلارنى ئۇلارنىڭ باشلىرىغا كېلىۋاتقان مۇسىبەتلەر بىلەن جازالىدى. دېمەككى، مۇسۇلمانلارنىڭ قىلمىشى سەۋەب، باشلىرىغا كېلىۋاتقىنى نەتىجە بولدى.
كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارغا كەلسەك، ئۇلارمۇ نەتىجىدۇر، سەۋەبى ئۇلارنىڭ قىلمىشىدۇر. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مۇسۇلماننىڭ بايلىرى كەيپ-ساپا سۈرۈش بىلەن، باي بولمىغانلىرى قورساق بېقىش ئۈچۈن كونا قالاق ئۇسۇلدا ئىشلەش بىلەن، ياشلىرى بىكارچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزدى. بۇنى پەرق ئەتكەن ئىسلام دۈشمەنلىرى ئۇ ئىلىمسىز مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىغا ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرىنى باشلىق قىلىپ قويدى. بۇ قولچوماقلارنىڭ زۇلۇم پىچاقلىرى ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىگە يەتكەندە كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىشىپ ھېچقانداق تەييارلىقسىزلا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ يوللارغا تۆكۈلدى، مەيدانلارغا چىقتى. نەتىجىدە ئۇلار يىللاردىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كەلگەن كەمچىلىكلىرى تۈپەيلىدىن غەلىبە قىلالمىدى. دېمەككى، مۇسۇلمانلار مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن زىيان تارتمىدى، مۇسۇلمانلار ئەقلىنى ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈن زىيان تارتتى.
كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا جاھىللىق ۋە نادانلىق شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئۆزلىرىنى مۇجاھىد دەپ ئاتىۋالىدىغانلارنىڭ جىھاد چۈشەنچىسى جىھاد بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە ئاساسلانمايدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ بەزىسى «جىھاد قىلدۇق»دەپ بىر يەرنى پارتلىتىدۇ، بەزىسى بىر يەرگە ئوت قويىدۇ، بەزىسى بىر مەسۇم ئىنساننى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ، بەزىسى بىر ئىجتىمائىي سورۇندا ۋەقە چىقىرىدۇ. بۇ ئىشلار مۇسۇلمانغا پايدا كەلتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ تېررورچى ئېلان قىلىنىشىغا، شۇنداقلا ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىش لازىملىقىنىڭ ياكى ئۇلارنى يوقىتىش لازىملىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولدى.
ئەسلىدە بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرى «ئىسلامىي جىھاد» ئەمەس، ئىسلام ئۇ ئىشلاردىن ئادا-جۇدادۇر. چۈنكى ئىسلام ھېچبىر ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەمەس، ئۇنىڭ خاتالىقىغا قارشى تۇرىدۇ. خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىنى يوق قىلىشنى ئەمەس، ئۇنى قۇتقۇزۇۋېلىشنى ئاساس قىلىدۇ. زېمىننى ۋەيران قىلىشنى ئەمەس، گۈللەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. قارشى تەرەپتىكىلەرنىڭ باشلىرىغا قىلىچ تەڭلەپ ئۇلارنى مەجبۇرى ھالدا بويسۇندۇرۇش يولىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئەقىللىرىگە دەلىل تەڭلەپ ئۇلارنى ئىلمىي يوسۇندا قايىل قىلىش يولىنى تۇتىدۇ. قۇرئان كەرىمنى دىققەت بىلەن تەپەككۇر قىلغان، پەيغەمبىرىمىزنىڭ 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنى ئىمان ۋە ئىنساب بىلەن تەتقىق قىلغان ھەر كىشى بۇنى بىلىدۇ.

[1]– مۇنافىقۇن 63/8.

[2]– ئال ئىمران 3/139.

[3]بۇ سۆز بۇ شەكلى بىلەن ھەدىس ئەمەس، لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىلىم ھەققىدىكى ھەدىسلىرىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بۇ مەنىگە دالالەت قىلىدۇ.

[4]– بۇ ئايەتتىكى «ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى»، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «قۇرئان، ئاللاھنىڭ مەھكەم ئارغامچىسىدۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئاساسەن «ئاللاھنىڭ كىتابى» دەپ ئىزاھلاندى. بۇ ھەدىسنى دارىمى سۇنەن ناملىق كىتابىدا، ھاكىم ئەلمۇستەدرەك ئەلەسسەھىھەين ناملىق كىتابىدا، بەيھەقى شۇئەبۇلئىمان ناملىق كىتابىدا رىۋايەت قىلىدۇ.

[5]ئال ئىمران 3/103.

[6]ئەھزاب 33/21.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر