مۇسۇلمانلار

زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ سەمىگە

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم

مۆھتەرەم زىيارەتچىلەر! مۇسۇلمانلار تورى قۇرۇلغاندىن بېرى بۇ توردىكى ئىلمىي خىزمەتلەر ئايەت – ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. مەسىلىنىڭ ئۇبدان چۈشىنىلىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز.
 بېرىلگەن پەتىۋالار، يېزىلغان ئەسەرلەر بىۋاسىتە قۇرئان – ھەدىسقا ئاساسلانغانلىقى ئۈچۈن، تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى بەزى زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ كاللىسىغا «دىننىڭ ھۆكمى» دەپ يەرلىشىپ قالغان چۈشەنچىلەرگە تامامەن ئوخشىمايدۇ.
بىز ئۇنداق زىيارەتچىلىرىمىزنىڭ ئەسەر ۋە پەتىۋالىرىمىز ھەققىدە «پىكىر بايان» قىلىشى، ئىلمىي تەنقىت قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئىلمىي تەنقىتلىرىنى يوللىشى ئۈچۈن «پىكىر دەپتىرى» دەپ بىر بۆلۈم ئاچقان ئىدۇق.
ئەپسۇسكى! بۇ توردىكى بەزى جۈملىلەرنى، ھەتتا بەزى كەلىمىلەرنى «ھەزىم» قىلالمىغان «بەزىلەر»، بۇ توردىكى پۈتكۈل پەتىۋا ۋە بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى مەسئۇلى بولغان ماڭا (ئەبۇلفاتىھقا) مەزكۇر «پىكىر دەپتىرى» دە «لوقما سېلىش» نىڭ ئورنىغا، ئۆزلىرى مېنىڭ جاجامنى بېرىشىگە ئىشەنگەن بەزى كىشىلەرگە تور ئۈستىدىن «ئەرز – شىكايەت» قىلىشىپتۇ.
ھالىمىزغا ئېچىندىم! ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز تامامەن يوق بولۇپ، ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىلنى ئازغىنا ئىشلەتسەك ئۆزىمىز ھەل قىلالايدىغان ئىشنىمۇ «باشقىلار» غا «ئەرز – دات» قىلىپ «بېجىرىش» كە كۆنۈپ قالغان خۇيىمىز، مۇشۇ ئىشتىمۇ ئۆزىنى كۆرسىتىپتۇ. ئۇلارغا «ئاللاھ ئەقىل ئاتا قىلسۇن!» دىن باشقا دەيدىغان سۆزۈم يوق.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شۇنى ئېلان قىلىمەنكى:
مۇسۇلمانلار تورىدىكى ھەرقانداق بىر پەتىۋاغا ياكى قانداقلا بىر ئەسەرگە «ئىلمىي تەنقىت» قىلىشىنى «ئىرادە» قىلغانلارغا ھەر دائىم «ئىشىكىم ئوچۇق». يەتتە يىلدىن بېرى ساقلاۋاتىمەن.
ئەسەرلىرىمدىكى بىرەر جۈملە ۋە ياكى بىرەر كەلىمە ھەققىدە «لوقما» سالماقچى بولغانلاردىن «ئۇنىڭغا – بۇنىڭغا» «ئەرز -شىكايەت» ئەمەس، تور بېتىمىزنىڭ «پىكىر دەپتىرى» بۆلۈمىدە بىۋاسىتە «پىكىر بايان» قىلىشلىرىنى سورايمەن! چۈنكى باشقىلارغا «ئەرز – شىكايەت» قىلىش، ئۆزىمىزنىڭ «ئەپتى – بەشىرىسىنى چىتقا يايغانلىق» تىن باشقا بىر ئىش بولمىغانلىقىغا ئىشىنىمەن!
ھۆرمەت بىلەن: ئەبۇلفاتىھ

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر