مۇسۇلمانلار

زىننەت بۇيۇمنىڭ زاكىتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
1- زاكات مەسىلىسىدە ئالتۇن، ئاياللارنىڭ (ئالتۇن ) زىننەت بويۇمى 85 گرامغا يەتسە زاكات ئايرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمدىن ۋاقىپلاندىم، بىراق «ئاياللارنىڭ زىننەت بۇيۇمىغا ھەر يىلى زاكات بېرىش كېرەك»، «شۇ بۇيۇملارغا بەدەل بىرلا قېتىم زاكات بەرسە كۇپايە» دىگەن قاراشلاردىن قايسىسى توغرا؟
2- زېمىن ئۆيلەردىن ئۆزىنىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىگە زاكات ئايرىلمايدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندىم، بىراق مۇنداق ئىككى خىل ئۆيۈم بار ئىدى:
1) ئىككى ئوغلۇم بار كەلگۈسىدە بىرەرسى ئولتۇرسۇن دەپ ئېلىپ قويۇپ، پۇرسىتى كەلگۈچە پايدىلىنىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئىجارە بەرگەن ئۆي.
2) ئىجارە بىرىپ پايدىلىنىش ۋە كېيىن قىممىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندە سېتىپ پايدا ئېلىش مەخسىدىدە ئېلىپ ئىجارە بەرگەن ئۆي.
يۇقارقى ئۆيلەرگە ئۆي سېتىۋالغان ئەسلىدىكى پۇلنى ئاساس قىلىپ زاكات ئايرىمدۇق ياكى ئىجارە بېرىپ كىرىم قىلغان پۇلنى ئاساس قىلىپ زاكات ئايرىمدۇق؟
 
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
بۇ مەسىلە «زاكات ھەققىدە ساۋات» دا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ئۈچۈن سوئاللىرىڭىزغا بۇ يەردە قىسقىلا جاۋاب بېرىمەن.
1- ئاياللارنىڭ ئالتۇندىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرى 85 بەش گرامغا يەتسە ھەر يىلى بىر قېتىم يۈزدە ئىككى يېرىم زاكات ئايرىشى كېرەك. «ئۆمرىدە بىر قېتىم ئايرىسا بولىدۇ» دېگەن سۆز شەيتاننىڭ سۆزىدۇر. ئۆمرىدە بىر قېتىم پەرز بولغان ئىبادەت زاكات ئەمەس، ھەجدۇر. مەسىلەن: بىر ئايالنىڭ 85 گرامغا يېتىدىغان ئالتۇن زىننەت بۇيۇمى بار بولسا، بۇ ئايال ئۇ بۇيۇمنىڭ زاكىتىغا قەغەز پۇل بەرسە ئۇ ئالتۇن ئۆز پېتى قىلىۋېرىدۇ. ئۇ ئايال ئۇ ئالتۇن بۇيۇملارغا ھەر يىلى بىر قېتىم زاكات ئايرىيدۇ. بۇ ئۇ ئايالنىڭ شۇ مىقداردىكى ئالتۇننى ساقلىغانلىقىنىڭ ھەققىدۇر.
2- ئوغلىڭىز يۇغىنىغاندا ئولتۇرۇشى ئۈچۈن ئالغان ئۆينىڭ ئۆزىگە زاكات كەلمەيدۇ (ئۇنىڭ يىللىق كىراسىغا زاكات كېلىدۇ)، لېكىن «كېيىن قىممىتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەندە سېتىپ پايدا ئېلىش مەخسىدىدە ئېلىپ ئىجارە بەرگەن ئۆي» ىڭىزگە زاكات كېلىدۇ. چۈنكى بۇ بىر تىجارەت مېلى ھېسابلىنىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر