مۇسۇلمانلار

زاۋۇت پاگىيسى ۋە ئاشخانىلاردىكى تاماق

جاۋاب:

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام

قېرىندىشىم! ئۇ نانلارنى يېگىلى بولىدۇ. چۈنكى پاگى (خېمىرتۇرۇچ) نى كىم ئىشلەپچىقارسا چىقارسۇن، ئۇنى پەقەت ھالال نەرسىلەردىنلا ئىشلەپچىقىرالايدۇ. ئەھۋال مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ توغرىدا بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەسلىك كېرەك. تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىسمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ:

1 ـ قەبىسە ئىبنى ھۇلب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن خرىستىئانلارنىڭ تاماقلىرىدىن يېيىش توغرۇلۇق سوئال سورىغان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق جاۋاب بەردى: «قانداقلا بىر تاماق توغرۇلۇق كۆڭلۈڭگە شەك كەلتۈرمە، بولمىسا بۇ توغرىدا شەك كەلتۈرگەن ۋە چېكىدىن ئاشقان خرىستىئانلارغا ئوخشاپ قالىسەن!» (تىرمىزى سىيەر 16؛ ئىبنى ماجە جىھاد 26).

2 ـ بىر قىسىم ساھابەلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: «يا رەسۇلەللاھ! بەزىلەر بىزگە گۆش ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇلار ھايۋانلارنى ئۆلتۈرگەندە بىسمىللاھ… دېدىمۇ، دېمىدىمۇ بىلمەيمىز. ئۇ گۆشتىن يەيلىمۇ، يېمەيلىمۇ» دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر بىسمىللاھ.. دەپ يەڭلار!» دەپ جاۋاب بەرگەن. (مۇۋاتتا زەبائىھ 1؛ بۇخارى تەۋھىد 13، زەبائىھ 21؛ ئىبنى ماجە زەبائىھ 4؛ ئەبۇ داۋۇد ئەداھى 13 – 19؛ نەسەئى داھايا 2)

ئەمما كۈنىمىزدىكى ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان تېتىتقۇلار توڭگۇز، ئېشەك ۋە ئىت قاتارلىق ھارام ھايۋانلارنىڭ تېرە ۋە سۆڭەكلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاشخانىلاردا تاماق يېمەكچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز، قازان ۋە ساپلىقلار پاكىز يۇغۇزۇپ، تاماق ئەتتۈرۈپ يېيىشى كېرەك. ئاشخانىچىلارنىڭمۇ مۇسۇلمانلارغا ھارام يېگۈزمەسلىكى لازىم.

سىز بۇ ئىشلارغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن، ئاللاھ سىزنى ھارامدىن ۋە ھاراملاردىن ساقلىسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر