مۇسۇلمانلار
زاكاتنى پەرز قىلغان شەرتلەر 1

زاكاتنى پەرز قىلغان شەرتلەر

5§. زاكاتنىڭ شەرتلىرى

1.     ئېھتىياجدىن ئاشقان بولۇشى

زاكات كېلىدىغان مالنىڭ زۆرۈر بولغان ئېھتىياجلاردىن ئارتۇق بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: يېمەك – ئىچمەك، تۇرالغۇ جاي، مىنىدىغان ئۇلاغ (موتوسىكلىت، خۇسۇسىي ماشىنا) ۋە ھۈنەر – كەسىپ سايمانلىرى قاتارلىقلار زۆرۈر ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَيَسۡأَلُونَكَ مَاذَا يُنفِقُونَۖ قُلِ ٱلۡعَفۡوَۗ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِ لَعَلَّكُمۡ تَتَفَكَّرُونَ  ٢١٩﴾

«ئۇلار سەندىن نېمىنى چىقىم قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئەفۋەنى چىقىم قىلىڭلار›. ئاللاھ سىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ. تەپەككۇر قىلغايسىلەر!»[1].

«ئەفۋە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئېھتىياجدىن ئاشقان نەرسە، بېرىش ئاسان بولغان نەرسە دېگەن بولۇپ، سەدىقە ۋە ئۆشرە – زاكاتلارنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ يولىدا بېرىلىدىغان سەدىقە، ئۆشرە ۋە زاكاتلار بەرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىدىن ئاشقان قىسمىدىن بېرىلىدۇ، شۇنداقلا مىقدارى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى بېرىش ئۇلارغا ئاسان كېلىدۇ.

2.     بىر يىلنىڭ ئۆتۈشى

زاكات كېلىدىغان مالنىڭ ئۈستىدىن ھىجرىيە ھېسابىدا بىر يىل ئۆتۈشى لازىم. بۇ بىر يىل مالغا ئىگە بولغان كۈندىن باشلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ أَنفِقُواْ مِن طَيِّبَٰتِ مَا كَسَبۡتُمۡ وَمِمَّآ أَخۡرَجۡنَا لَكُم مِّنَ ٱلۡأَرۡضِۖ … ٢٦٧﴾

«ئى مۇئمىنلار! تاپقان مېلىڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن چىقىم قىلىڭلار»[2].

بۇ ئايەت تىجارەت ماللىرىغا، ئالتۇن – كۈمۈش ۋە باشقا نەق پۇللارغا، يەر مەھسۇلاتلىرىغا، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا زاكات كېلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَهُوَ ٱلَّذِيٓ أَنشَأَ جَنَّٰتٖ مَّعۡرُوشَٰتٖ وَغَيۡرَ مَعۡرُوشَٰتٖ وَٱلنَّخۡلَ وَٱلزَّرۡعَ مُخۡتَلِفًا أُكُلُهُۥ وَٱلزَّيۡتُونَ وَٱلرُّمَّانَ مُتَشَٰبِهٗا وَغَيۡرَ مُتَشَٰبِهٖۚ كُلُواْ مِن ثَمَرِهِۦٓ إِذَآ أَثۡمَرَ وَءَاتُواْ حَقَّهُۥ يَوۡمَ حَصَادِهِۦۖ وَلَا تُسۡرِفُوٓاْۚ إِنَّهُۥ لَا يُحِبُّ ٱلۡمُسۡرِفِينَ  ١٤١﴾

«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، تەمى ھەر خىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر – بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى، ئانارلارنى بار قىلدى. ھەربىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار. چۈنكى ئاللاھ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»[3].‏

بۇ ئايەتتىكى «يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار» دېگەن ئىپادە يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتى بولغان ئۆشرىنى، زىرائەتنى يىغقان (خامان ئالغان) كۈندە، مېۋىلەرنىڭ زاكىتى بولغان ئۆشرىنى، ئۇ مېۋىلەرنى توپلىغان كۈندە ئايرىپ تېگىشلىك يەرلەرگە بېرىۋېتىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. خورما، ئېكىن، زەيتۇن، ئانار ۋە باغلارنى تەشكىل قىلغان دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەر بىر يىلدا بىر قېتىم مېۋە بېرىدۇ ۋە بىر قېتىم يىغىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەققى (ئۆشرىسى) بىر يىلدا بىر قېتىم ئايرىلىدۇ. 

بۇ ئىپادە يەنە، ئالتۇن، كۈمۈش، تىجارەت ماللىرى ۋە تۆگە، كالا، قوي، ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ زاكىتىنى بېرىش ۋاقتىنىڭمۇ بىر يىل ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتتە (2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت) تاپقان مال – مۈلۈك، يەر مەھسۇلاتلىرى ۋە مېۋىلەر بىرلىكتە زىكىر قىلىنماقتا. باشقا بىر ئايەتتە بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىغا يۈكلەنگەن پەرقلىق ھۆكۈم، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھەدىس:

  • ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىرەر مال پايدا ئالىدىكەن، ئۇنىڭغا يىل ئۆرۈلمىگىچە زاكات يوق»[4].
  • ئەمرە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى ئاڭلىدىم: «ھېچبىر مالغا يىل ئۆرۈلمىگىچە زاكات كەلمەيدۇ»[5].

3.     نىسابقا يېتىشى

زاكات كېلىدىغان مالنىڭ نىسابقا يەتكەن بولۇشى لازىم. يەنى ئېھتىياجدىن ئېشىپ، مەلۇم مىقدارغا يەتكەن ۋە ئۈستىدىن بىر يىل ئۆتكەن مال نىسابقا يەتسە زاكات كېلىدۇ، يەتمىسە زاكات كەلمەيدۇ. نىساب، زاكات كېلىش ئۈچۈن ھەر مالنىڭ يېتىشى كېرەك بولغان ئەڭ ئاز ئۆلچەم بولۇپ، ماللارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: ئالتۇننىڭ نىسابى 20 دىنار (85 گىرام ئالتۇن)، كۈمۈشنىڭ نىسابى 200 دىرھەم (595 گىرام كۈمۈش)، يەر مەھسۇلاتىنىڭ نىسابى 5 ۋەسق[6]، تۆگىنىڭ نىسابى 5 تۆگە، كالىنىڭ نىسابى 30 كالا، قوينىڭ نىسابى 40 قويدۇر.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ 200 دىرھەمىڭ بولۇپ ئۈستىدىن بىر يىل ئۆتسە، 5 دىرھەم زاكات كېلىدۇ. ئالتۇنۇڭ 20 دىنارغا يەتمىگىچە ساڭا زاكات يوق، لېكىن 20 دىنار ئالتۇنۇڭ بولۇپ ئۈستىدىن بىر يىل ئۆتسە يېرىم دىنار ئالتۇن زاكات كېلىدۇ. ئالتۇن، كۈمۈش ئۇنىڭدىن ئارتۇق بولسا، زاكىتى بۇ ھېساب بويىچە بولىدۇ»[7].

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەش ئۇقىيەدىن[8] ئاز كۈمۈشكە زاكات كەلمەيدۇ، بەش تۆگىدىن ئاز تۆگىگە زاكات كەلمەيدۇ، بەش ۋەسقتىن ئاز ئاشلىققا زاكات كەلمەيدۇ»[9].

كالا بىلەن قوينىڭ نىسابى توغرىسىدىكى ھەدىس «ھايۋانلارنىڭ زاكىتى»دا زىكىر قىلىنىدۇ.

زاكات مەسىلىسىدە ھايۋانلارنىڭ باشقا ماللارغا ئوخشىمايدىغان بىر يېرى شۇكى، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قەغەز پۇلنىڭ سانى قانچىلىك كۆپ بولسا بولسۇن ئېلىنىدىغان زاكات ئۆزگەرمەيدۇ (يەنى قىرىقتىن بىر نىسبەت بويىچە زاكات ئېلىنىدۇ)، لېكىن ھايۋانلارنىڭ سانى كۆپەيگەنسېرى ئېلىنىدىغان زاكات مىقدارى كېمىيىدۇ. بۇ ئىسلامنىڭ چارۋىچىلىققا تەشۋىق قىلىشىدۇر. پۇل بىلەن ھايۋان زاكىتىدىكى پەرقنىڭ مۇنداق ھېكمەتلىرى بار:

ئالتۇن، كۈمۈش ۋە قەغەز پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ ئۇلاردا 40 تا بىر زاكات پەرز بولۇشى ئۇ پۇللارنى سودا، تىجارەت، سانائەت، زىرائەت ۋە باشقا ساھەلەردە ئايلاندۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجى بولغان ھەر خىل ماللارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ۋە ئىشسىز كىشىلەرگە ئىش ئىمكانلىرى يارىتىشقا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى ئېلىم – سېتىمدا ئىشلىتىلمىگەن پۇلنىڭ ھېچكىمگە پايدىسى بولمايدۇ.

ئەمما ھايۋانلارنىڭ ئەھۋالى تامامەن پەرقلىقتۇر. چۈنكى ھايۋانلار كۆپەيگەنسېرى خاپىلىقى بىرلىكتە كۆپىيىدۇ. ئىگىسى ئۇلارنى يايلاقتا باقىدۇ، يېتىشەلمىسە ئادەم ياللايدۇ، ئۇلارنىڭ سۈت، قايماق، قېتىق ۋە پىشلاقلىرىنى ئۆزى ئىستېمال قىلىپ تۈگىتەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر ۋە تېرىلىرىنى ئۆزى ئىشلىتىپ بولالمايدۇ، ئۇلارنى سېتىشقا مەجبۇر بولىدۇ ۋە ساتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئۇ نەرسىلەر كۆپ بولىدۇ، شۇنداقلا ئەرزان بولىدۇ. نەتىجىدە ئىنسانلار ئەرزان باھادا سۈت مەھسۇلاتلىرى، يۇڭ، تىۋىت، چۇپۇر ۋە تېرە مەھسۇلاتلىرى ئالالايدۇ، (توغرىسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر).

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 82 – 86.

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 219 – ئايەت.

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 267 – ئايەت.

[3] 6 – سۈرە ئەنئام، 141 – ئايەت.

[4] تىرمىزى، «زاكات»،  10.

[5] ئىبنى ماجە،  «زاكات»، 5.

[6] بىر ۋەسق 60 سائدۇر. بىر سائ تۆت مۇددۇر. بىر مۇد 560 گرامدۇر. شۇنداق بولغاندا بەش ۋەسق 672  كىلوگىرام بولىدۇ. دېمەككى، مېۋە ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسابى (زاكات كېلىش ئۆلچىمى) 300 سائ يەنى 672 كىلوگرامدۇر.

[7] ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 4.

[8] بىر ئۇقىيە 40 دىرھەمدۇر.

[9] بۇخارى، «زاكات»، 4، 33، 42، 56، «بۇيۇئ»، 83، «مۇساقات»، 17؛ مۇسلىم، «زاكات»، 1، 2، 3، 4، 5،  6؛ ئەبۇ داۋۇد، «زاكات»، 2، «بۇيۇئ»، 21؛ تىرمىزى، «زاكات»، 7؛ نەسەئى، «زاكات»، 5، 18، 21، 24؛ ئىبنى ماجە، «زاكات»، 6؛ مۇۋاتتا، «زاكات»، 1،  2، «بۇيۇئ»، 14؛ ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، مۇسنەد، 2: 92، 237، 3: 86.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر