مۇسۇلمانلار

زاكاتنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟

سوئال:
1- زاكات ئۈچۈن ئايرىغان پۇلىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئورۇنغا بىرەلمەي، بىر مەزگىل ساقلاپ قالسا بۇنىڭ ھۆكۈمى قانداق بولىدۇ؟
2- چوتار ئالغان پۇل قانداق بولىدۇ؟ (چوتا ــ قىمار ئويىنغانلار بەرگەن پۇل).
3- دۇكان ئېچىش ئۈچۈن بەرگەن زاكالەت پۇل (ياجىڭ پۇل) غا زاكات كېلەمدۇ؟ دۇكان ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقان مال-مۈلۈكلەرگىچۇ؟ ھۆرمەت بىلەن: ئەيساجان
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم
1- زاكاتنى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى زىممىسىگە زاكات پەرز بولغان، لېكىن بۇ پەرزنى ۋاقتىدا ئادا قىلماي، كېچىكتۈرگەن كىشى، ئۇنى ئادا قىلىپ بولغۇچە ئۆلۈپ كېتىشى ياكى ئۇنتۇپ كېتىشى ۋە ياكى سەل قاراپ ئادا قىلماسلىقى، شۇنداقلا ئۆلگەندىن كېيىن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا، ئاللاھنىڭ ھەققى بىلەن چىقىشى مۇمكىن.
شۇنىڭ ئۈچۈن زاكاتنى ۋاقتىدا ئايرىپ تەۋبە سۈرىسىنىڭ 60- ئايىتىدە بەلگىلەنگەن كىشىلەرگە ياكى ئورۇنلارغا بېرىش كېرەك. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! قازانغان مال-مۈلكۈڭلارنىڭ ياخشىلىرىدىن ۋە بىز سىلەرگە زېمىندىن چىقىرىپ بەرگەن نەرسىلەردىن ياخشىلىققا سەرپ قىلىڭلار. ئۆزۈڭلار كۆز يۇممىساڭلار ئالمايدىغان ناچارلىرىنى سەرپ قىلىشقا ئۇرۇنماڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ بىھاجەتتۇر، مەدھىيىگە لايىقتۇر»- بەقەرە 2/267.
بۇ ئايەت تىجارەت ماللىرىغا، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا نەخ پۇللارغا، يەر مەھسۇلاتلىرىغا، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلارغا زاكات كېلىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ باراڭلىق ۋە باراڭسىز باغلارنى، مەھسۇلاتى خىلمۇخىل خورما ۋە ئېكىنلەرنى، بىر- بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئوخشاشمايدىغان زەيتۇنلارنى ۋە ئانارلارنى ياراتقان زاتتۇر. ھەر بىرى مېۋە بەرگەن چاغدا ئۇنىڭ مېۋىسىدىن يەڭلار، ئۇنى يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، چۈنكى ئۇ، ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- ئەنئام 6/141.
بۇ ئايەتتىكى «يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار» دېگەن ئىپادە يەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاكىتى بولغان ئۆشرىنى، زىرائەتنى يىغقان (خامان ئالغان) كۈندە، مېۋىلەرنىڭ زاكىتى بولغان ئۆشرىنى، ئۇ مېۋىلەرنى توپلىغان كۈندە ئايرىۋېتىشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. زاكاتنى ئايرىش، زاكات ئۈچۈن ئايرىلغان مىقدارنى تېگىشلىك يەرگە بېرىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئايرىپ باشقا يانچۇققا سېلىش ياكى بىر يەردە ساقلاش بىلەن ئەمەس!
بۇ ئايەتتىكى «يىغقان كۈنى ھەققىنى بېرىڭلار» دېگەن ئىپادە يەنە، باشقا مال-مۈلۈكلەرنىڭ زاكىتىنىمۇ ۋاقتىدا ئادا قىلىشنىڭ پەرزلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى يۇقىرىدىكى بىرىنچى ئايەتتە (بەقەرە 2/267) قازىنىلغان مال-مۈلۈك، يەر مەھسۇلاتلىرى ۋە مېۋىلەر بىرلىكتە زىكىر قىلىنماقتىدۇر. باشقا بىر ئايەتتە بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر قىسمىغا يۈكلەنگەن پەرقلىق ھۆكۈم، ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ.
بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى: بىر كىشى مەجبۇر قالغانلىقى ئۈچۈن زاكىتىنى ۋاقتىدا ئايرىيالمىغان بولسا، مەجبۇرلۇق كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ھامان ئايرىشى كېرەك، چۈنكى «ئاللاھ ھىچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ…»- بەقەرە 2/286.
2- چوتار ئالغان پۇل ھارام بولىدۇ. چۈنكى چوتار بېرىلگەن پۇل ھارامدن كەلگەن پۇلدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بۇتلارغا چوقۇنۇش، پال ئوقلىرىبىلەن پال سېلىش پاسكىنا قىلىقلاردۇر، شەيتاننىڭ ئىشىدىندۇر. ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، بەختكە ئېرىشەلەيسىلەر»- مائىدە 5/90.
 چوتار ئالغان كىشى يانچۇقىغا ھارام پۇلنى سالغاننىڭ سىرتىدا ئاللاھ تەئالانىڭ يۇقىرىدىكى ئايەتتىكى: «ئۇ ئىشلاردىن يىراق تۇرۇڭلار» دېگەن بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان بولىدۇ.
3- زاكالەت بەرگەن پۇلغا زاكات كېلىدۇ، چۈنكى ئۇ پۇل زاكالەت بەرگۈچىنىڭ مېلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ پۇل مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا مالنىڭ پۇلىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.
4- سوئالنىڭ جاۋابى مۇشۇ توردا بار.
ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلسۇن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر