مۇسۇلمانلار
زاكاتنىڭ ھېكمىتى 1

زاكاتنىڭ ھېكمىتى

4§. زاكاتنىڭ ھېكمىتى

1.     رەھمەتكە لايىق بولۇش

زاكات بېرىش زاكات بەرگۈچىنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿… وَرَحۡمَتِي وَسِعَتۡ كُلَّ شَيۡءٖۚ فَسَأَكۡتُبُهَا لِلَّذِينَ يَتَّقُونَ وَيُؤۡتُونَ ٱلزَّكَوٰةَ وَٱلَّذِينَ هُم بِآيَٰتِنَا يُؤۡمِنُونَ  ١٥٦﴾

«رەھمىتىم ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. يېقىندا ئۇنى تەقۋادارلىق قىلىدىغان ۋە زاكاتنى بېرىدىغانلارغا، ئايەتلىرىمىزگە ئىشىنىدىغانلارغا يازىمەن»[1].

2.     دۇنيادا بېخىللىقتىن، ئاخىرەتتە دوزاختىن قۇتۇلۇش

زاكات بېرىش ئىنسانىيەتنىڭ نەپسىنى بېخىللىق ۋە پىخسىقلىقنىڭ، ئاچكۆزلۈك ۋە تەمەخورلۇقنىڭ رەزىللىكلىرىدىن پاكلايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا يَحۡسَبَنَّ ٱلَّذِينَ يَبۡخَلُونَ بِمَآ ءَاتَىٰهُمُ ٱللَّهُ مِن فَضۡلِهِۦ هُوَ خَيۡرٗا لَّهُمۖ بَلۡ هُوَ شَرّٞ لَّهُمۡۖ سَيُطَوَّقُونَ مَا بَخِلُواْ بِهِۦ يَوۡمَ ٱلۡقِيَٰمَةِۗ وَلِلَّهِ مِيرَٰثُ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِۗ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ خَبِيرٞ  ١٨٠﴾

«ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئاتا قىلغان نېمەتلەرگە بېخىللىق قىلىدىغانلار، بۇ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن ياخشىلىق دەپ ئويلاپ قالمىسۇن. بەلكى بۇ ئۇلار ئۈچۈن يامانلىقتۇر. ئۇلارنىڭ بېخىللىق قىلغان نەرسىلىرى قىيامەت كۈنى بويۇنلىرىغا تاقاق قىلىپ سېلىنىدۇ. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاخىرى ئاللاھقا قالىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر»[2].

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓاْ إِنَّ كَثِيرٗا مِّنَ ٱلۡأَحۡبَارِ وَٱلرُّهۡبَانِ لَيَأۡكُلُونَ أَمۡوَٰلَ ٱلنَّاسِ بِٱلۡبَٰطِلِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ ٱللَّهِۗ وَٱلَّذِينَ يَكۡنِزُونَ ٱلذَّهَبَ وَٱلۡفِضَّةَ وَلَا يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ ٱللَّهِ فَبَشِّرۡهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٖ  ٣٤ يَوۡمَ يُحۡمَىٰ عَلَيۡهَا فِي نَارِ جَهَنَّمَ فَتُكۡوَىٰ بِهَا جِبَاهُهُمۡ وَجُنُوبُهُمۡ وَظُهُورُهُمۡۖ هَٰذَا مَا كَنَزۡتُمۡ لِأَنفُسِكُمۡ فَذُوقُواْ مَا كُنتُمۡ تَكۡنِزُونَ  ٣٥﴾

«ئى مۇئمىنلار! ئۆلىما ۋە راھىبلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىنسانلارنىڭ ماللىرىنى چوقۇم ناھەق يەۋالىدۇ ۋە ئىنسانلارنى ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا چىقىم قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن.‏ يىغىلغان بۇ ئالتۇن – كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ پېشانىلىرى، بېقىنلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدىغان كۈنى ئۇلارغا: ‹مانا بۇ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن يىغقان خەزىنىدۇر. ئەمدى يىغقان خەزىنەڭلەرنىڭ ئازابىنى تېتىڭلار!› دېيىلىدۇ»[3].‏

3.     پاكلىنىش ۋە يۈكسىلىش

زاكات بېرىش زاكات بەرگۈچىنى گۇناھدىن، مېلىنى ھارامدىن پاكلايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يۈكسەلدۈرىدۇ، مېلىنى كۆپەيتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٞ لَّهُمۡۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ  ١٠٣﴾

«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن. ئۇلارغا دۇئا قىلغىن. چۈنكى سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»[4].

﴿وَمَآءَاتَيۡتُم مِّن رِّبٗا لِّيَرۡبُوَاْ فِيٓ أَمۡوَٰلِ ٱلنَّاسِ فَلَا يَرۡبُواْ عِندَ ٱللَّهِۖ وَمَآءَاتَيۡتُم مِّن زَكَوٰةٖ تُرِيدُونَ وَجۡهَ ٱللَّهِ فَأُوْلَٰٓئِكَ هُمُ ٱلۡمُضۡعِفُونَ  ٣٩﴾

«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە ئۆسسۇن دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆسمەيدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن زاكىتىڭلار ئۇنداق ئەمەس. زاكات بەرگەنلەر قاتمۇقات كۆپەيتكۈچىلەردۇر»[5].‏

4.     ئېھتىياجلارنى قامداش

زاكات بىلەن جەمئىيەتتىكى پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئۈممەتنىڭ ھاياتى ۋە بەخت – سائادىتى ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئاممىۋىي مەنپەئەتلەرنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇلارنى راۋاجلاندۇرۇش، يولۇچىلارنىڭ ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىجرا قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿إِنَّمَا ٱلصَّدَقَٰتُ لِلۡفُقَرَآءِ وَٱلۡمَسَٰكِينِ وَٱلۡعَٰمِلِينَ عَلَيۡهَا وَٱلۡمُؤَلَّفَةِ قُلُوبُهُمۡ وَفِي ٱلرِّقَابِ وَٱلۡغَٰرِمِينَ وَفِي سَبِيلِ ٱللَّهِ وَٱبۡنِ ٱلسَّبِيلِۖ فَرِيضَةٗ مِّنَ ٱللَّهِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ  ٦٠﴾

«سەدىقىلەر پەقەت پېقىرلەرگە، يوقسۇللارغا، سەدىقە خادىملىرىغا ۋە قەلبلىرى ئىسلامغا مايىل قىلىنىدىغانلارغا بېرىلىدۇ. شۇنىڭدەك، قۇللارنى ئازاد قىلىش ۋە قەرزدارلارنى قەرزدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ يولى ۋە يولۇچىلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىندى. ئاللاھ بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[6].

بۇ ئايەتتىكى «سەدىقىلەر»، ئالتۇن، كۈمۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئورنىدىكى قەغەز پۇللارنىڭ زاكىتى، تىجارەت ماللىرىنىڭ زاكىتى، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ زاكىتى، كان ۋە مەدەن بايلىقلىرىنىڭ زاكىتى، زىرائەت مەھسۇلاتىنىڭ ئۆشرىسى قاتارلىق پەرز زاكات ۋە ئۆشرىلەرنى كۆرسىتىدۇ.  

بۇ ئايەت زاكات ۋە ئۆشرە بېرىلىدىغان كىشى ۋە ئورۇنلارنى بايان قىلىدۇ. ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىن مەلۇم بولغاندەك، ئۇلار سەككىز بولۇپ ئاۋۋالقى تۆتىدە لام (ل) ھەرپى، ئاخىرقى تۆتىدە فىي (في) ھەرپى كېلىدۇ. بۇ دالالەت قىلىدۇكى، زاكات ئالدىنقى تۆت كىشىنىڭ قولىغا بېرىلىدۇ، كېيىنكى تۆت كىشى ئۈچۈن زاكاتتىن مۇئەييەن مىقداردا فوند ئاجرىتىپ، ئۇلار ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدۇ. بۇ، زاكاتلارنىڭ شەخسىي ۋە ئاممىۋى «ئېھتىياجلارنى قامداش» ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 78 – 81.

[1] 7 – سۈرە ئەئراف، 156 -ئايەت.

[2] 3 – سۈرە ئال ئىمران، 180 – ئايەت.

[3] 9 – سۈرە تەۋبە، 34 – ۋە 35 – ئايەتلەر.

[4] 9 – سۈرە تەۋبە، 103 – ئايەت.

[5] 30 – سۈرە رۇم، 39 -ئايەت.

[6] 9 – سۈرە تەۋبە، 60 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر