مۇسۇلمانلار
رەۋاتىب سۈننەتلەر 1

رەۋاتىب سۈننەتلەر

6§. رەۋاتىب سۈننەتلەر

بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە ئۆتەشكە تەرغىب قىلىنغان نەپلە نامازلار «رەۋاتىب سۈننەتلەر» دەپ ئاتىلىدۇ. رەۋاتىب – راتىبنىڭ كۆپلۈك شەكلى بولۇپ، مەنىسى دائىم دېگەن بولىدۇ. رەۋاتىب سۈننەتلەر بەش ۋاخ نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە داۋاملىق ئوقۇلۇشى پەيغەمبىرىمىز تەرىپىدىن يولغا قويۇلغان نەپلە نامازلار دېگەن بولىدۇ. بۇ نامازلارغا ئەمر قىلىنماستىن، بەلكىدە تەشۋىق ۋە تەرغىب قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئوقۇغانلار ساۋابقا ئېرىشىدۇ، ئوقۇمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ. چۈنكى تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ:

تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، نەجدىلىك چاچلىرى چۇۋۇق بىر كىشى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھوزۇرىغا كەلدى. بىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدۇق – يۇ، لېكىن نېمە دېگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدۇق، ئۇ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا يېقىن كېلىپ، بىردىنلا ئىسلام توغرۇلۇق سوراپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بىر كېچە كۈندۈزدە بەش ۋاخ ناماز ئۆتەش» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ: «ئۇ نامازلاردىن باشقا يەنە ناماز ئوقۇمدىمەن؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ياق، ئوقۇيمەن دېسەڭ نەفلە ناماز ئوقۇغىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «رامىزان ئېيىنىڭ روزىسىنى تۇتۇش» دېدى. ئۇ: «ماڭا ئۇنىڭدىن باشقا روزىمۇ بارمۇ؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «يوق، تۇتماقچى بولساڭ نەفلە روزا تۇتقىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا زاكاتنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى. ئۇ كىشى: «مەن بېرىشكە تېگىشلىك ئۇنىڭدىن باشقىسى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «يوق، بەرمەكچى بولساڭ سەدىقە بەرگىن» دېدى. ئاندىن ئۇ كىشى: «ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن بۇنىڭدىن ئاشۇرۇۋەتمەيمەن، كېمەيتىپمۇ قويمايمەن» دېگەن پېتى ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئۇ راستىنلا دېگىنىدەك قىلسا نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ» دېدى[1].

مەزكۇر سۈننەتلەر بامداتتىن ئىلگىرى ئىككى، پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى ياكى تۆت، پېشىندىن كېيىن ئىككى ياكى تۆت، نامازدىگەردىن ئىلگىرى ئىككى ياكى تۆت، نامازدىگەردىن كېيىن ئىككى، نامازشامدىن كېيىن ئىككى ۋە خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەتتۇر. تۆۋەندىكى ئايەت بۇ نامازلارغا ئىشارەت قىلىدۇ:

﴿فَٱصۡبِرۡ عَلَىٰ مَا يَقُولُونَ وَسَبِّحۡ بِحَمۡدِ رَبِّكَ قَبۡلَ طُلُوعِ ٱلشَّمۡسِ وَقَبۡلَ غُرُوبِهَاۖ وَمِنۡ ءَانَآيِٕ ٱلَّيۡلِ فَسَبِّحۡ وَأَطۡرَافَ ٱلنَّهَارِ لَعَلَّكَ تَرۡضَىٰ  ١٣٠﴾

«شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن. قۇياش چىقىشتىن ئىلگىرى ۋە پېتىشتىن ئىلگىرى رەببىڭگە ھەمد بىلەن تەسبىھ ئېيتقىن. كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرىدىمۇ تەسبىھ ئېيتقىن. ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن»[2].

بۇ ئايەتتە يىگىرمە تۆت سائەتلىك بىر زامان پارچىسىنىڭ مۇئەييەن بۆلۈملىرىدە ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىش ئەمر قىلىنىدۇ. بۇ تەسبىھ ۋاقىتلارغا باغلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ناماز ئۆتەش مەنىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئايەتنىڭ ﴿لَعَلَّكَ تَرْضَى – ئۇلارنى رازىلىققا ئېرىشەرمەن دەپ قىلغىن﴾ دېگەن شەكىلدە ئاخىرلىشىشى بۇ ئەمرنىڭ پەرز (قەتئىي بۇيرۇق) ماھىيىتىدە ئەمەس، بەلكى تەشۋىق ماھىيىتىدە بىر ئەمر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ نامازلار توغرىسىدىكى، «كىم كۈندە ئون ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن ئۇ نامازلارنىڭ سەۋەبىدىن جەننەتتە بىر ئۆي سېلىنىدۇ»[3] دېگەن ھەدىسىمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. ئەمدى يۇقىرىدىكى ئايەتتە ئىشارەت قىلىنغان ۋاقىتلار ئۈستىدە توختىلىمىز:

1.     كۈننىڭ چىقىشىدىن ئىلگىرى

بۇ بامداتنىڭ سۈننىتىنىڭ ۋاقتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق ئۇ سۈننەتنى ئوقۇماقتۇر. 11 – سۈرە ھۇدنىڭ 114 – ئايىتىدىكى «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرىدا نامازنى تولۇق ۋە داۋاملىق ئۆتىگىن» دېگەن بۇيرۇقنىڭ ئەقىم ﴿أَقِم – ئۆرە تۇرغۇزغىن شەكلىدە كېلىشى بۇ ۋاقىتلاردا ئوقۇلىدىغان نامازلارنىڭ پەرز نامازلار ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن بىرى بولغان سۈبھى ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان پەرز نامازنىڭ كېچىنىڭ «كۈندۈزگە يېقىن» بۆلۈمىدە ئوقۇلۇشىنىڭ، سۈننەتنىڭ بولسا پەرزدىن ئىلگىرى ئوقۇلۇشىنىڭ لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى بۇ سۈننەت ئەگەر پەرزدىن كېيىن ئوقۇلسا «كۈندۈزگە يېقىن» ۋاقىتتا پەرز ئەمەس، سۈننەت ناماز ئوقۇلغان بولىدۇ. بۇ مەزكۇر ئايەتنىڭ (11 – سۈرە ھۇدنىڭ 114 – ئايىتىنىڭ) مەزمۇنىغا خىلاپ كېلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ بامداتنىڭ سۈننىتىنى دائىم پەرزىدىن ئىلگىرى ئۆتىشى بۇنى تەكىتلەيدۇ.

2.     كۈننىڭ پېتىشىدىن ئىلگىرى

بۇ نامازدىگەردىن كېيىن ئوقۇلۇشى تەرغىب قىلىنغان نەپلە نامازنىڭ ۋاقتىدۇر. بۇ ۋاقىتتا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق ئۇ نەپلە نامازنى ئوقۇماقتۇر. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازدىگەردىن كېيىن داۋاملىق ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇغانلىقىمۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەيدۇ. مۇناسىۋەتلىك ھەدىس مۇنداق:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدىگەردىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمىغان كۈن يوق»[4].

3.     كېچىنىڭ ۋاقىتلىرى

بۇ يەردە «ۋاقىتلار» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئانائ «آنَاء» دۇر. ئانائـ – ئان «آن»نىڭ كۆپلۈك شەكلىدۇر. ئان – ۋاقىت، سائەت، مەزگىل دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئەرەبچىدە جەمئىي (بىر كەلىمىنىڭ كۆپلۈك شەكلى)نىڭ مەنىسى ئاز بولغاندا ئۈچتۇر. بۇ يەردىكى ئانائـ «آنَاء» دېگەن كەلىمە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈچ ۋاقىت» نى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىت نامازشام ۋە خۇپتەننىڭ سۈننەتلىرىنىڭ ۋاقىتلىرى بىلەن تەھەججۇد نامىزىنىڭ ۋاقتىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيش، ئۇ نامازلارنى ئۆتەش دېمەكتۇر.

بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، شام بىلەن خۇپتەننىڭ سۈننەتلىرى پەرزلەردىن كېيىن ئوقۇلىدۇ. چۈنكى 11 – سۈرە ھۇدنىڭ 114 – ئايىتىدە بۇ ئىككى ناماز ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋاقىت كۈن پاتقاندىن كېيىن كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن بولغان ئىككى ۋاقتىدۇر. ئەگەر بۇ نامازلاردىن ئىلگىرى سۈننەت ئوقۇلسا بۇ نامازلار «كېچىنىڭ كۈندۈزگە يېقىن ۋاقىتلىرى»دا ئوقۇلمىغان بولىدۇ.

4.     كۈندۈزنىڭ تەرەپلىرى

بۇ يەردە «تەرەپلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە ئەتراف «أَطْرَاف»دۇر. بۇ كەلىمىمۇ جەمئىي (كەلىمىنىڭ كۆپلۈك شەكلى) بولغانلىقى ئۈچۈن كۈندۈز ۋاقىتلىرىدىن ئاز دېگەندە ئۈچ ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەتراف «أَطْرَاف» دېگەن كەلىمە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ دالالەت قىلىشى بىلەن ئۆزىنىڭ مەنىلىرىدىن بىرى بولغان «ئۈچ ۋاقىت»نى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئۈچ ۋاقىت چاشگاھ ۋاقتى، پېشىن ۋاقتى ۋە نامازدىگەرنىڭ ۋاقىتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتماق چاشگاھ نامىزى، پېشىننىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى سۈننەتلىرى، نامازدىگەرنىڭ سۈننىتى قاتارلىق نەپلە نامازلارنى ئوقۇماقتۇر.

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا 20 – سۈرە تاھانىڭ 130 – ئايىتى 24 سائەتلىك بىر زامان ئىچىدە ئاز دېگەندە سەككىز ۋاقىت نەپلە (سۈننەت) ناماز بارلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. تۆۋەندە بۇ نامازلارنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 64 – 68.

[1]  بۇخارى، «ئىمان»، 34؛ مۇسلىم، «ئىمان»، 8؛ ئەبۇ داۋۇد،  «سالات»، 1؛ نەسەئى، «سىيام»، 1؛ مۇۋەتتا، «قەسرۇسسالاتى فىسسەفەر»، 94.

[2] 20 – سۈرە تاھا، 130 – ئايەت.

[3] مۇسلىم، «سالاتۇل مۇسافىرىن»، 101، 103؛ تىرمىزى،  «سالات»، 306؛ نەسەئى، «قىيامۇل لەيل»، 66؛ ئىبنى ماجە، «ئىقامەتۇسسالات ۋەسسۈننەتۇ فىيھا»، 100. ھەدىستە سۆزلەنگەن 12 رەكئەت ناماز مۇنۇ نامازلاردۇر: بامداتنىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، كېيىن ئىككى رەكئەت، نامازشام ۋە خۇپتەننىڭ پەرزلىرىدىن كېيىن ئىككىدىن تۆت رەكئەت. بۇلار ئەينى ۋاقىتتا سۈننەتى مۇئەككەدە (تەكىتلەنگەن سۈننەتلەر، كۈچلۈك سۈننەتلەر) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇلار پەيغەمبىرىمىز كۆپىنچە ئوقۇغان، ئاندا – ساندا تەرك ئەتكەن نامازلاردۇر.

[4] بۇخارى، «مەۋاقىتۇسسالات»، 31، 33؛ مۇسلىم، «سالاتۇلمۇسافىرىن»، 299، 301؛ تىرمىزى،  «سالات»، 21؛ نەسەئى، «مەۋاقىت»، 36. ھەدىس كىتابلىرىدا نامازدىگەردىن كېيىن نەپلە ناماز ئوقۇشنى چەكلەيدىغان ھەدىسلەرمۇ بار. ئۇلاردىن بىرى مۇنداق: ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بامدات نامىزىنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۈن چىقىپ يۈكسەلگەنگە قەدەر ناماز يوق، نامازدىگەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن كۈن پېتىپ بولغانغا قەدەر ناماز يوق» (بۇخارى، «مەۋاقىت»، 31؛ مۇسلىم، «سالاتۇلمۇسافىرىن»، 288؛ نەسەئى، «مەۋاقىت»، 35). بىر – بىرىگە زىت كۆرۈنگەن بۇ ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈش مۇمكىن. مەسىلەن: پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازدىگەردىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىدىغان ھەدىسلىرىنىڭ كۈن پېتىۋاتقان چاغدا ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلىدىغانلىقىنى، نامازدىگەردىن كېيىن ناماز ئۆتەشكە رۇخسەت بېرىدىغان ھەدىسلىرىنىڭ نامازدىگەردىن كېيىن كۈن تېخى يۇقىرىدا تۇرۇۋاتقان چاغدا يەنى كۈن سارغىيىپ كەتمىگەن ۋاقىتتا ناماز ئۆتەشكە رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇ ئىككى ھەدىسنى بىرلەشتۈرۈپ چۈشەنگەنلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ داۋۇد ۋە  نەسەئىدە بۇنى تەكىتلەيدىغان مۇنداق ھەدىسلەر بار: ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ نامازدىگەردىن كېيىن كۈن يۇقىرىدا بولمىغان چاغلاردا ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلغان» (ئەبۇ داۋۇد،  «سالات»، 298). «رەسۇلۇللاھ كۈن نۇرلۇق ۋە ئېگىز بولمىسا نامازدىگەردىن كېيىن ناماز ئوقۇشتىن مەنئى قىلاتتى» (نەسەئى، «مەۋاقىت»، 36).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر