مۇسۇلمانلار

رەفئىيەد قىلىش ھەققىدە

رەفئىيەد (رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە قوللارنى كۆتۈرۈش) مەسىلىسى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات
رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر بار. بەزى رىۋايەتلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ قوللىرى كۆتۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بەزى رىۋايەتلەر بولسا كۆتۈرمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەردىن ئىككىسى مۇنداق:
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ نامازغا تۇرغان چېغىدا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى، ئاندىن ئاللاھۇ ئەكبەر دەيتتى، رۇكۇغا بارماقچى بولغان چېغىدا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ ئۇدۇلىغىچە كۆتۈرەتتى، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەن چېغىدىمۇ قوللىرىنى كۆتۈرەتتى، لېكىن بۇنى (قول كۆتۈرۈشنى) سەجدىدىن باش كۆتۈرگەن چېغىدا قىلمايتتى[1].
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن سىلەرگە رەسۇلۇللاھ ئوقۇغان نامازدەك بىر ناماز ئوقۇپ بېرەيمۇ؟ دېدى ۋە ناماز ئوقۇدى. نامازدا قوللىرىنى پەقەت ئەڭ باشتىكى ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈردى[2].
بۇ توغرىدىكى رىۋايەتلەر ئەنە شۇنداق پەرقلىق بولغانلىقى ئۈچۈن فىقىھ ئالىملىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىمۇ پەرقلىقتۇر: ھەنەفىي ۋە مالىكىيلار: «ئىفتىتاھ تەكبىرىدىن باشقا يەردە قوللار كۆتۈرۈلمەيدۇ» دەيدۇ.  شافىئىي ۋە ھەنبەلىيلەر: «رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە قوللار كۆتۈرۈلىدۇ» دەيدۇ[3].
بىزنىڭچە قول كۆتۈرۈش (رەفئىيەد قىلىش) مەسىلىسى نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۇشۇنداق قىلساڭ نامىزىڭ تولۇق بولىدۇ. بۇلاردىن بىرىنى كەم قىلساڭ نامىزىڭ كەم بولىدۇ»[4] دەپ نامازنى چۈشەندۈرگەن ھەدىسىمۇ بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇ ھەدىستە ئىفتىتاھ تەكبىردىن كېيىن قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىملىقى زىكىر قىلىنمايدۇ.
دېمەك، قول كۆتۈرمەسلىك (رەفئىيەد قىلماسلىق) نامازدا بىر نۇقسانلىق مەيدانغا كەلتۈرمەيدۇ. قول كۆتۈرۈش (رەفئىيەد قىلىش) بەزى ئالىملار[5] دېگەندەك سۈننەت بولۇپ، ئۇنى تەرك ئېتىش بىلەن ناماز بۇزۇلمايدۇ. شۇڭا خالىغانلار كۆتۈرسە بولىدۇ، خالىغانلار كۆتۈرمىسە بولىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچكىمنىڭ ھېچكىمنى ئەيىبلىمەسلىكى لازىم.

[1]– بۇخارى، ئەزان 83-86؛ مۇسلىم، سالات 22 (390)؛ مۇۋەتتا، سالات 16؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 117؛ تىرمىزى، سالات 190؛ نەسەئى، ئىفتىتاھ 1، 2، 3؛ ئىبنى ماجە، ئىقامەت 15.

[2]– تىرمىزى، سالات 191؛ ئەبۇ داۋۇد، سالات 116.

[3]– نامازدا قول كۆتۈرۈش (رەفئىيەد قىلىش) مەسىلىسى ھەنەفىيە ۋە مالىكىيە مەزھىپى بىلەن باشقا ئىككى مەزھەپنىڭ ئارىسىدا بولۇشىچە ئىختىلاپ قىلىنغان مەسىلىلەردىن بىرىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى ھەدىسلەرنى چۈشىنىشتە ئاساس قىلىنىدىغان پىرىنسپلەردۇر. ھەنەفىيىلەرنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ مەسىلىدە قائىدە شۇدۇر: بىر ھەدىسنى رەسۇلۇللاھتىن رىۋايەت قىلغان كىشى تەلەپكە لايىق فەقىھ يەنى ھەر جەھەتتىن ئىجتىھات قىلىشقا كۈچى يېتىدىغان ۋە ھەدىس رىۋايەت قىلىش بىلەن تونۇلغان بولسا، ئۇ كىشى رىۋايەت قىلغان ھەدىس قىياسقا مۇۋاپىق بولسۇن بولمىسۇن قوبۇل قىلىنىدۇ… ساھابىلەردىن تۆت خەلىپە، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر، زەيد ئىبنى سابىت، مۇئاز ئىبنى جەبەل ۋە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇملەر ئەنە شۇنداق راۋىلاردىندۇر… خەبىرى ۋاھىد قاتارىدىن بولغان بىر ھەدىسنىڭ راۋىسى ھەدىس رىۋايەت قىلىش بىلەن تونۇلغان بولسىمۇ تەلەپكە لايىق فەقىھ بولمىغان تەقدىردە ئۇ كىشىنىڭ رىۋايەت قىلغان ھەدىسى قىياسقا مۇۋاپىق بولسا قوبۇل قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدۇ. ساھابىلەردىن ئەبۇ ھۇرەيرە ۋە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مانا مۇشۇنداق راۋىلاردىندۇر. (ئۆمەر نەسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىيە ۋە ئىستىلاھاتى فىقھىييە قامۇسى، 1- جىلد، 136-137- بەتلەر). بۇنداق مەسىلىلەردە ھەنەفىيە مەزھىپى ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن رىۋايەتلەرنى ئاساس ئالىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ ئالىملىرى قوللارنى كۆتۈرۈش توغرىسىدىكى ھەدىسلەرنى بۇخارى ۋە مۇسلىمدە كەلگەن بولسىمۇ دەلىل قىلمايدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن نامازدا قوللار پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرۈلىدۇ. ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ باشقا بىر دەلىلى شۇدۇر: قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەدىسلەر مەنسۇختۇر (ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان). چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر مۇددەت رەفئىيەد قىلغانلىقى، كېيىن بۇنى تەرك ئەتكەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇنىڭ دەلىلى بولسا مۇنۇ رىۋايەتتۇر: ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ‹پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قوللىرىنى كۆتۈردى، بىزمۇ كۆتۈردۇق. ئۇ تەرك ئەتتى، بىزمۇ تەرك ئەتتۇق›. ئۇنىڭ ئۈستىگە قول كۆتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئەلىي ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماغا ئاساسلىنىدۇ. ئاسىم ئىبنى كۇلەيب مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە ئىككى يىل ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ قوللىرىنى پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرەتتى›. تابىئىنلاردىن مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كەينىدە ئىككى يىل ناماز ئوقۇدۇم. ئۇ قوللىرى پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرەتتى›. بۇ ئۇلارنىڭ قول كۆتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ مەنسۇخ قىلىنغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يەنە كېلىپ بۇ توغرىدا رىۋايەت قىلىنغان خەۋەرلەر بىر-بىرىگە زىت بولغانلىقى ئۈچۈن قول كۆتۈرمەسلىك ئەۋزەلدۇر. چۈنكى ئەگەر قول كۆتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى داۋاملاشقان بولسا بۇنىڭ دەرىجىسى سۈننەت بولىدۇ، داۋاملاشمىغان بولسا بىدئەت بولىدۇ. بىدئەتنى تەرك ئەتمەك، سۈننەتنى ئادا قىلماقتىن مۇھىمدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە قول كۆتۈرۈشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى داۋاملاشقان تەقدىردىمۇ قول كۆتۈرمەسلىك نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. لېكىن داۋاملاشمىغان تەقدىردە قول كۆتۈرۈش نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ . چۈنكى ئۇ نامازغا زىت بىر ئىشنى ئىككى قول بىلەن قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ بولسا «ئەمىلى كەسىر» (كۆپ ئىش) ھېسابلىنىدۇ. (كاسانى، بەدائىئ 2- جىلد، 54- بەت). ئۆزى مەدىنىلىك بولغان ۋە مەدىنە ئەھلىنىڭ ئەمىلىنى مەزھىپىدە دەلىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىغان ئىمام مالىك بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «مەن رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە كەلتۈرۈلگەن تەكبىرلەر بىلەن بىرلىكتە قول كۆتۈرۈشنى تونۇمايمەن. قوللار پەقەت ئىفتىتاھ تەكبىرىدىلا كۆتۈرۈلىدۇ»- (سەھنۇن ئىبنى سەئىد ئەتتەنۇخىي، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 1- جىلد، 68- بەت).

[4]– تىرمىزى، سالات 226.

[5]– ھەنەفىيىلەردىن ئەبۇ جەئفەر ئەتتاھاۋى (ۋاپاتى: 321- ھىجرىيە) ھەر ئىككى كۆزقاراشقا دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەرنى زىكىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى ئېيتىدۇ: «ئىفتىتاھ تەكبىرىدە قول كۆتۈرۈش ۋە ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىردە قول كۆتۈرمەسلىك توغرىسىدا ھەر ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىشىدۇ. لېكىن رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ۋە رەكەت باشلىرىدىكى تەكبىرلەردە قول كۆتۈرۈش توغرىسىدا ئىختىلاپلىشىدۇ. بىر تەرەپ بۇ تەكبىرلەرنى ئىفتىتاھ تەكبىرى بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنە بىر تەرەپ ئۇ تەكبىرلەرنى ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىرلەر بىلەن ئوخشاش ھۆكۈمگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن قول كۆتۈرۈشنىڭ لازىم كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بىزگە نىسبەتەن ئىفتىتاھ تەكبىرى نامازنىڭ شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇنىڭ تەرك ئېتىلىشى نامازنى بۇزۇۋېتىدۇ. ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىر بولسا ئۇنداق ئەمەستۇر. بۇنى تەرك ئېتىش نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. رۇكۇغا بارغاندا، رۇكۇدىن باش كۆتۈرگەندە ۋە رەكەت باشلىرىدا ئېيتىلىدىغان تەكبىرلەر نامازنىڭ شەرتلىرىدىن ئەمەس، ئۇلارنىڭ تەرك ئېتىلىشى نامازنى بۇزۇۋەتمەيدۇ. بۇ تەكبىرلەر نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىندۇر. بۇ تەكبىرلەر ئىككى سەجدە ئارىسىدىكى تەكبىرگە ئوخشاش نامازنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدا قول كۆتۈرۈش كېرەك بولمىغاندەك، بۇلاردىمۇ قول كۆتۈرۈش كېرەك بولمايدۇ»ـ ئەبۇ جەئفەر ئەتتاھاۋى، شەرھۇ مەئانىلئاسار، تەھقىق: مۇھەممەد سەييىد جادۇلھەق، مۇھەممەد زۇھرى ئەننەججار، دارۇل كۇتۇبىل ئىلمىييە، 2- باسمىسى، بېيرۇت، 1987، 1- جىلد، 228- بەت.          

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر