مۇسۇلمانلار

رىيا

بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم

رىيا « الرياء» ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ، يالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىش، كۆز- كۆز قىلىش، ئۆزىنى يالغاندىن ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىش دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

دىنىمىز ئىسلام رىيادىن مەنئى قىلىدۇ، رىياگەرنى لەنەتلەيدۇ. چۈنكى رىيا ھەم مۇناپىقلىق ھەم مۇشرىكلىق قاتارىغا كىرىدۇ. رىياگەر ئادەم بولسا رىيا قىلىش بىلەن، بىر تەرەپتىن اللەغا شېرىك كەلتۈرگەن بولسا يەنە بىر تەرەپتىن مۇناپىقلىق قىلىپ جەھەننەمنىڭ ئەڭ ئاستىن قەۋىتىدىن ئۆزىگە ئورۇن ھازىرلىغان بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك بەزى ئايەتلەر تۆۋەندىكىچە:

1- «ئى مۇئمىنلەر! سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە ئەزىيەت قىلىش ئارقىلىق بىكار قىلىۋەتمەڭلار. سىلەر، مېلىنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىگە ئوخشاپ قالماڭلار. بۇنداق ئادەمنىڭ ئەھۋالى، قاتتىق بىر يامغۇر يېغىش بىلەن ئۈستىدىكى توپىلار كېتىپ قىپيالىڭاچ بولۇپ قالغان سىلىق بىر تاشقا ئوخشايدۇ. ئۇلار قىلمىشلىرىدىن ھېچبىر ساۋابقا ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى اللە بۇنداق نان كور قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ، ئەمەللىرى بىلەن ئۇچراشتۇرمايدۇ»[1].

2- «ماللىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان، اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىمۇ اللە ياخشى كۆرمەيدۇ. شەيتان ھەمراھى بولغان كىشىنىڭ نېمىدېگەن يامان ھەمراھى بار!»[2].

3- «مۇناپىقلار اللەنى ئالداشقا ئۇرۇنىدۇ، اللە ئۇلارنى ئالدايدۇ[3]. ئۇلار نامازغا تۇرسا، خۇشياقماسلىق بىلەن تۇرىدۇ. نامازنى كىشىلەرگە كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. اللەنى بەك ئاز ياد ئېتىدۇ»[4].

4- «رىيا بىلەن ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!»[5].

مۇناسىەۋتلىك بەزى ھەدىسلەر:

1- اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ شېرىكىدىن ئەڭ بىھاجەتمەن، كىم بىر نەرسىنى ماڭا شېرىك قىلىپ بىر ئەمەلنى قىلسا، ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ شېرىكى بىلەن بىللە قويۇپ قويىمەن (يەنى مەن ئۇنىڭغا ھېچقانداق ساۋاپ بەرمەيمەن)»[6].

2- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئەمىلىنى باشقىلار ئاڭلىسۇن دەپ قىلىدىكەن. ئاللاھ ئۇنى ئاڭلىتىدۇ (ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ). كىمكى ئەمىلىنى باشقىلار كۆرسۇن دەپ قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى كۆرسىتىدۇ (ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ)»[7].

3- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى، دۇنيالىق غەرەز ئۈچۈن ئۆگەنسە، قىيامەت كۈنى جەننەتنىڭ ھىدىنى ئالالمايدۇ»[8].

بۇ ھەدىسلەردىن رىيانىڭ شېرىك قاتارىغا كېرىدىغانلىقى، نام – شۆھەرت ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەسۋاچىلىقتىن باشقا بىر نەرسە ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقى بىلىنىدۇ.

4- ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھقا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىر ئادەم بىر ياخشى ئىشنى قىلسا، بۇنىڭ ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى ماختىسا بۇنىڭغا قانداق قارايسەن؟» دېيىلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھ: «بۇ بولسا مۇئمىن ئۈچۈن ئالدىنئالا بىرىلگەن خۇش بىشارەتتۇر» دېدى[9].

دېمەك، ياخشى ئەمەللەرنى خالىس نىيەت بىلەن قىلغانلارنى باشقىلارنىڭ ماختىشى، ئۇ ئەمەللەرنىڭ مەقبۇل بولغانلىقىغا ئالدىنئالا بېرىلگەن بىر بىشارەتتۇر. بۇ، ئۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابىغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. مۇھىم بولغىنى نىيەتنىڭ خالىس بولۇشىدۇر.

اللە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىمانىنى سالامەت، نىيىتىنى خالىس، ئەمەلىنى تۈزۈك، ئەخلاقىنى گۈزەل قىلسۇن. ئۇلارغا دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلسۇن، ئامىين!

——————————————————————————–

[1] – بەقەرە 2/264.

[2] – نىسا 4/38.

[3] – بۇ قىلمىشىغا ئاساسەن ئۇلارنى جازالايدۇ.

[4] – نىسا 4/142.

[5] – مائۇن 107/6.

[6] – مۇسلىم، زۇھد ۋە رەقائىق 5 (2985)؛ ئىبنى ماجە، زۇھد 21 (4202).

[7] – بۇخارى، رىقاق 36؛ مۇسلىم، زۇھد ۋە رەقائىق 48، (2986).

[8] – ئەبۇ داۋۇد كىتابۇل ئىلم 2/346-347.

[9] – مۇسلىم،4/2034 كىتابۇلبىررى ۋەسسىلەتى ۋەلئادابى؛ مۇسنەدى ئەھمەد 5/156،157،168؛ مۇسەننەفۇ ئىبنى ئەبىي شەيبە

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر