مۇسۇلمانلار

روزىنى كېچىكتۈرسەم بولامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
سوئال:
مەن بىر ئوقۇغۇچى. تەتىلدە ئۆي ياساۋاتاتتىم. روزا ئېي كېلىپ قالدى، روزا تۇتاي دېسەم ئۆينىڭ ئېشى ماڭىلا قاراپ قالغان. ئەگەر روزا تۇتسام ئىشىم ئاستىلاپ قىلىپ مەكتەپكە كېتىپ قالسام ئاتا ـ ئانام ياشىنىپ قالغان ئۇلارغا ئېغىر كىلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك روزىنى مەكتەپكە بىرىپ تولۇقلاپ تۇتسام بولامدۇ؟ ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلغاي! ـــــ ئۈمىد
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ تەئالا رامىزان روزىسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ»
«ﺋﻰ ﻣﯘﺋﻤﯩﻨﻠﻪﺭ! ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﻭﺯﺍ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺑﯘ، ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ بۇرۇنقى ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﭘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ. ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ»[1]
بۇ ئايەتكە ئاساسەن رامىزان ئېيىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش بارلىق مۇئمىنلارغا پەرزدۇر. لېكىن ئاللاھ تەئالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدىكى ئايەتتە ئىككى تۈرلۈك ھالەتنىڭ بىرىدە بولۇۋاتقان مۇئمىنغا روزىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخسىتى بېرىدۇ. ئۇ ئايەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى مۇنداق:
«فَمَنْ شَهِدَ مِنْكُمُ الشَّهْرَ فَلْيَصُمْهُ وَمَنْ كَانَ مَرِيضًا أَوْ عَلَى سَفَرٍ فَعِدَّةٌ مِنْ أَيَّامٍ أُخَرَ يُرِيدُ اللَّهُ بِكُمُ الْيُسْرَ وَلَا يُرِيدُ بِكُمُ الْعُسْرَ وَلِتُكْمِلُوا الْعِدَّةَ وَلِتُكَبِّرُوا اللَّهَ عَلَى مَا هَدَاكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ»
«ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯩﻢ رامىزان ئېيىغا ھازىر بولسا[2]، ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺳﯘﻥ. ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ سەپەر ئۈستىدە ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ. ئاللاھ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر[3]، ﺳﯩﻠﻪﺭنى ھىدايەت قىلغانلىقى ﺋﯜﭼﯜﻥ ئاللاھقا تەكبىر ئېيتقايسىلەر، ﺷﯜﻛﯜﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻳﺴﯩﻠﻪﺭ»[4].
ئاللاھ تەئالا ئۆزىنىڭ بۇ سۆزىدەسەپەر ئۈستىدە بولغان ياكى كېسەللىك ھالىتىدە بولغان مۇئمىنلارغىلا رامىزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى بەرگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامىزاندىن بىر كۈننىڭ روزىسىنى ئۆزرىسىز ۋە كېسەللىكسىز تۇتمىسا، ئۇ بىر كۈننىڭ ئورنىغا ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئادا بولمايدۇ»[5].
بۇ ھەدىسقا ئاساسەن رامىزاندا قەستەن بىر كۈنلۈك روزىسىنى تۇتمىغان بىر كىشى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە قازا روزا تۇتسىمۇ ئۇ بىر كۈنلۈك روزىسى ئورنىغا كەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن رامىزان روزىنى تۇتۇشىڭىز كېرەك. روزىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش ئۈچۈن يا يولۇچى بولۇشىڭىز ۋە يا كېسەل بولۇشىڭىز شەرت!
دۇنيا بويىچە روزا تۇتۇۋاتقان مۇئمىنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشى بار. بەزىسى سىزگە ئوخشاش رامىزان ئېيىدا ئۆي سالىدۇ. بەزىسى ئېتىزلىقتا ئىشلەيدۇ. بەزىسى كۈن بويى بازاردا تىجارەت بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. لېكىن ھەممىسى روزىسىنى تۇتىدۇ. چۈنكى روزا ئۆيدە ھېچ ئىش قىلماي بىكار يېتىپ تۇتىدىغان بىر ئىبادەت ئەمەس.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر مۇئمىن رامىزاندا روزىسىنىمۇ تۇتىدۇ، ئىشلىرىنىمۇ قىلىدۇ. روزا تۇتۇش جەريانىدا ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، بۇنىڭغا سەۋر قىلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ساۋاپ ئالىدۇ، شۇنداقلا ئىلاھىي ئىمتىھاندىن ئۆتىدۇ.
—————————
[1]– بەقەرە 2/183.

 [2]– يەنى رامىزان ئېيى يېتىپ كەلگەندە ھايات بولسا،

  [3]رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان، لېكىن سىلەر سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ ئايدىن روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر.

   [4]– بەقەرە 2/185.

 [5]– بۇخارى، سەۋم 29؛ ئەبۇ داۋۇد، سەۋم 2396؛ تىرمىزى، سەۋم 723؛ ئىبنى ماجە، سىيام 1672.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر