مۇسۇلمانلار
روزىنى بۇزغۇچى ئامىللار ۋە جازاسى 1

روزىنى بۇزغۇچى ئامىللار ۋە جازاسى

روزىنى قەستەن بۇزغان كىشى قانداق قىلىدۇ؟ روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

 ئاللاھ تائالا رامزان روزىسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ  ١٨٣﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. خۇددى سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغاندەك. روزىنى تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر!»[1].

بۇ ئايەتكە ئاساسەن رامزان ئېيىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش بارلىق مۇئمىنلارغا پەرزدۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ داۋامىدا: «…ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻮﻟﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺭﻭﺯﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺗﺴﯘﻥ…» دەپ ئىككى تۈرلۈك مۇئمىنغا رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخسىتى بەرگەن.  دېمەك، يولۇچى ۋە كېسەل كىشىدىن باشقا ھېچبىر مۇئمىننىڭ رامزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا روزىغا توسالغۇ بولىدىغان ھېچقانداق بىر سەۋەبى بولمىغان كىشىگە رامزان ئىيى كەلگەندە روزا تۇت دەپ ئەمر قىلىدۇ:

«… سىلەردىن كىم بۇ ئايدا ھازىر بولسا، ئۇنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزسۇن…» – (2 – سۈرە بەقەرە، 185 – ئايەت).

رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، رامزان كۈنلىرى «تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇش» دېمەكتۇر. بۇ، پەرزدۇر. بۇ پەرزنى ئادا قىلىۋاتقان يەنى روزا تۇتۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ تاڭ يورۇغاندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا بىر نەرسە يېيىشى، ئىچىشى ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشى ھارامدۇر. بۇ ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر، چوڭ گۇناھتۇر. روزا تۇتقان كىشى بۇ ئۈچ ئىشتىن بىرنى قىلسا روزىسىنى بۇزغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿أُحِلَّ لَكُمۡ لَيۡلَةَ ٱلصِّيَامِ ٱلرَّفَثُ إِلَىٰ نِسَآئِكُمۡۚ هُنَّ لِبَاسٞ لَّكُمۡ وَأَنتُمۡ لِبَاسٞ لَّهُنَّۗ عَلِمَ ٱللَّهُ أَنَّكُمۡ كُنتُمۡ تَخۡتَانُونَ أَنفُسَكُمۡ فَتَابَ عَلَيۡكُمۡ وَعَفَا عَنكُمۡۖ فَٱلۡـَٰٔنَ بَٰشِرُوهُنَّ وَٱبۡتَغُواْ مَا كَتَبَ ٱللَّهُ لَكُمۡۚ وَكُلُواْ وَٱشۡرَبُواْ حَتَّىٰ يَتَبَيَّنَ لَكُمُ ٱلۡخَيۡطُ ٱلۡأَبۡيَضُ مِنَ ٱلۡخَيۡطِ ٱلۡأَسۡوَدِ مِنَ ٱلۡفَجۡرِۖ ثُمَّ أَتِمُّواْ ٱلصِّيَامَ إِلَى ٱلَّيۡلِۚ …  ١٨٧﴾

«روزا تۇتقان كۈنلىرىڭلارنىڭ كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىم، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر كىيىمسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ نەپسىڭلارنى يېڭەلمەيۋاتقانلىقىڭلارنى بىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىپ سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېچىلىرى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇپ، ئاللاھ سىلەرگە يازغان نەرسىنى تەلەپ قىلىڭلار. تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن سىلەرگە ئېنىق ئايرىلغانغا قەدەر يەپ – ئىچىڭلار. ئاندىن كېيىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار».

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامزاندىن بىر كۈننىڭ روزىسىنى ئۆزرىسىز ۋە كېسەللىكسىز سۇندۇۋەتسە، ئۇ بىر كۈننىڭ ئورنىغا ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئادا بولمايدۇ»[2].

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن رامزاندا بىر كۈنلۈك روزىسىنى قەستەن سۇندۇرۇۋاتقان بىر كىشى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە قازا روزا تۇتسىمۇ ئۇ بىر كۈنلۈك روزىسى ئورنىغا كەلمەيدۇ.

روزىسىنى قەستەن بۇزىۋەتكەن كىشى تەۋبە قىلىشى ۋە سەدىقە بېرىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن؛ بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۇبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ، بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدىغان، سەدىقىلەرنى ئالىدىغان زات ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، كۆپ رەھىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدۇ؟»[3].

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئەگەر ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلسا كۈچىنىڭ يېتىشىچە (پېقىر – مىسكىنلەرگە) سەدىقە قىلىشى كېرەك. تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ:

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر رامزاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىدى، بىر كىشى يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلەللاھ! «كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئايالىم بىلەن بىر يەردە بولدۇم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «سەدىقە بەرگىن» دېدى. ئۇ ئادەم: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! مېنىڭ ھېچ نەرسەم يوق، سەدىقە بېرىشكە قادىر بولالمايمەن» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئولتۇر، ئولتۇر» دېدى، ئادەم ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا بىر كىشى ئۈستىگە يېمەكلىك يۈكلەنگەن بىر ئېشەك ھەيدەپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بايا كۆيگەن ئادەم نەدە؟» دېدى. ئادەم ئورنىدىن تۇردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇنى ئالغىن ۋە سەدىقە قىلىپ تارقاتقىن» دېدى. ئادەم: «يا رەسۇلەللاھ! بىزدىن باشقىسىغا سەدىقە قىلامدىم؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئاچ قالغۇچىلارمىز، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى سىلەر يەڭلار» دېدى[4].

بۇ ئادەمنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئولتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يېنىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېيىشى، ئۇنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ: «سەدىقە بەرگىن» دېيىشى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ كۈچى يەتسە سەدىقە قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمگە: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى سىلەر يەڭلار» دېيىشى، كۈچى يەتمىگەنلەرنىڭ سەدىقە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ…»[5].

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 183 – ئايەت.

[2] بۇخارى، «سەۋم»، 29.

[3] 9 – سۈرە تەۋبە، 103~104- ئايەتلەر.

[4] بۇخارى «ھۇدۇد»، 26، «سەۋم»، 29؛ مۇسلىم، «سىيام»، 87؛ ئەبۇداۋۇد، «سەۋم»، 37.

[5] 2 – سۈرە بەقەرە 286- ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر