مۇسۇلمانلار
روزىنىڭ نىيىتى 1

روزىنىڭ نىيىتى

5§. روزىنىڭ نىيىتى

لۇغەتتە «يۆنەلمەك، قەتئىي ئىرادە قىلماق، مەقسەت قىلماق، كۆڭۈلگە پۈكمەك، ئىنتىلمەك، مەقسەت» دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدىغان نىيەتنىڭ ئىستىلاھى مەنىسى «ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىش ئارزۇسى بىلەن، ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ئۈچۈن بىر ئىشقا ئىنتىلگەن ئىرادە» دېگەن بولىدۇ[1].

قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىخلاس بىلەن قىلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەر[2] ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق»[3] دېگەن ھەدىسى دالالەت قىلىدۇكى، پۈتكۈل ئىبادەتلەردە نىيەت شەرتتۇر. جۈملىدىن روزىدىمۇ شەرتتۇر.

روزىنىڭ نىيىتى بولسا روزا تۇتماقچى بولغانلىقىنى ۋە تۇتقانلىقىنى كۆڭۈلگە پۈكمەكتۇر. نىيەتنى تەلەپپۇز قىلىش شەرت ئەمەس. چۈنكى نىيەتنىڭ ئورنى قەلبتۇر، ئەسلا تىل ئەمەستۇر. تىل بىلەن نىيەت قىلىنمايدۇ، سۆزلەر تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. يەنى نىيەت تىل بىلەن ئوقۇلغان نەرسە ئەمەس، دىلدىكى قەتئىي ئىرادىدۇر، خالاس.

روزا تۇتۇش مەقسىتى بىلەن سەھەر ۋاقتىدا ئورۇندىن تۇرۇش ۋە بىر نەرسە يەپ – ئىچىشنىڭ ئۆزى ھەم سوھۇرلۇق (زولۇق) يېگەنلىك ھەم روزىغا نىيەت قىلغانلىق بولىدۇ. روزىنىڭ باشقا بىر نىيىتى يوق. زولۇققا قوپالمىغانلارنىڭ ئويغانغاندا شۇ كۈنى روزا تۇتۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈشى لازىم. مانا بۇ ئۇلارنىڭ نىيەت قىلغانلىقى بولىدۇ.

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 112 – 113.

[1] ئىبراھىم كافى دۆنمەز، «نىيەت»، تۈركىيە دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى (ئىستانبۇل: تۈركىيە دىيانەت ۋەقفى نەشرىياتى، 2007)، 33: 169 – 170.

[2] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 112 – ئايەت؛ 4 – سۈرە نىسا، 125 – ئايەت؛ 98 – سۈرە بەييىنە، 5 – ئايەت.

[3] بۇخارى، «بەدئۇل ۋەھيى»، 1، «ئىمان»، 41؛ مۇسلىم، «ئىمارەت»، 155.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر