مۇسۇلمانلار
روزىنىڭ قازاسىنى قانداق تۇتىمىز؟ 1

روزىنىڭ قازاسىنى قانداق تۇتىمىز؟

سوئال: پەرز روزىسىنى تۇتمىغان كىشى ئۇنى قانداق تولۇقلىشى كېرەك؟

جاۋاب: ئاللاھ تائالا رامىزان روزىسى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ  ١٨٣﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. خۇددى سىلەردىن بۇرۇنقىلارغا پەرز قىلىنغاندەك. تەقۋادار بولغايسىلەر!»[1].

بۇ ئايەتكە ئاساسەن رامىزان ئېيىنى روزا تۇتۇپ ئۆتكۈزۈش بارلىق مۇئمىنلارغا پەرزدۇر. لېكىن ئاللاھ تائالا يۇقىرىدىكى ئايەتتىن كېيىنكى ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ:

﴿… فَمَن كَانَ مِنكُم مَّرِيضًا أَوۡ عَلَىٰ سَفَرٖ فَعِدَّةٞ مِّنۡ أَيَّامٍ أُخَرَۚ…  ١٨٤﴾

«سىلەردىن كىم كېسەل بولسا ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسا بولىدۇ»[2].

ئاللاھ تائالا بۇ ئايەت ئارقىلىق ئىككى تۈرلۈك مۇئمىنغا رامىزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماي كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى تۇتۇش رۇخسىتى بەرگەن. ئۇلارنىڭ بىرى سەپەر ئۈستىدە بولغان كىشى، يەنە بىرى كېسەل كىشى.  دېمەك، يولۇچى ۋە كېسەل كىشىدىن باشقا ھېچبىر مۇئمىننىڭ رامىزان روزىسىنى ۋاقتىدا تۇتماسلىق رۇخسىتى يوق.

رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش، رامىزان كۈنلىرى «تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچە يېيىشتىن، ئىچىشتىن ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشتىن ئىبادەت نىيىتى بىلەن ئۆزىنى تۇتۇش» دېمەكتۇر. بۇ پەرزدۇر. بۇ پەرزنى ئادا قىلىۋاتقان يەنى روزا تۇتۇۋاتقان بىر مۇسۇلماننىڭ تاڭ سۈزۈلگەندىن باشلاپ كۈن پاتقۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا  بىر نەرسە يېيىشى، بىر نەرسە ئىچىشى ۋە ئەر – خوتۇن بىر يەردە بولۇشى ھارامدۇر، ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلغانلىقتۇر، چوڭ گۇناھتۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى رامىزاندىن بىر كۈننىڭ روزىسىنى ئۆزرىسىز ۋە كېسەللىكسىز سۇندۇرۇۋەتسە، ئۇ بىر كۈننىڭ ئورنىغا ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئادا بولمايدۇ»[3].

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن رامىزاندا بىر كۈنلۈك روزىسىنى قەستەن سۇندۇرۇۋاتقان كىشى، پۈتۈن ھاياتى بويىچە قازا روزا تۇتسىمۇ ئۇ بىر كۈنلۈك روزىسى ئورنىغا كەلمەيدۇ.  ئۇ كىشىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە سەدىقە قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿خُذۡ مِنۡ أَمۡوَٰلِهِمۡ صَدَقَةٗ تُطَهِّرُهُمۡ وَتُزَكِّيهِم بِهَا وَصَلِّ عَلَيۡهِمۡۖ إِنَّ صَلَوٰتَكَ سَكَنٞ لَّهُمۡۗ وَٱللَّهُ سَمِيعٌ عَلِيمٌ  ١٠٣ أَلَمۡ يَعۡلَمُوٓاْ أَنَّ ٱللَّهَ هُوَ يَقۡبَلُ ٱلتَّوۡبَةَ عَنۡ عِبَادِهِۦ وَيَأۡخُذُ ٱلصَّدَقَٰتِ وَأَنَّ ٱللَّهَ هُوَ ٱلتَّوَّابُ ٱلرَّحِيمُ  ١٠٤﴾

«ئۇلارنىڭ ماللىرىدىن سەدىقە ئالغىن، بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پاكلايسەن ۋە يۈكسەلدۈرىسەن، ئۇلارغا دۇئا قىلغىن، شۇبھىسىزكى، سېنىڭ دۇئايىڭ ئۇلارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. ئۇلار بىلمەمدۇكى، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە سەدىقىلىرنى ئالىدۇ. ئاللاھ تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر، كۆپ ئىنئام قىلغۇچىدۇر»[4].

بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن كىشى ئەگەر ئۇ گۇناھتىن تەۋبە قىلسا كۈچىنىڭ يېتىشىچە (پېقىر – مىسكىنلەرگە) سەدىقە قىلىشى كېرەك.

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىر رامىزاندا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئىدى، بىر كىشى يېنىغا كېلىپ: يا رەسۇلۇللاھ! «كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «نېمە بولدى؟» دەپ سورىدى. ئۇ كىشى: «ئايالىم بىلەن بىر يەردە بولدۇم» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «سەدىقە بەرگىن» دېدى. ئۇ ئادەم: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! مېنىڭ ھېچ نەرسەم يوق، سەدىقە بېرىشكە قادىر بولالمايمەن» دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئولتۇر، ئولتۇر» دېدى، ئادەم ئولتۇردى. بۇ ئەسنادا بىر كىشى ئۈستىگە يېمەكلىك يۈكلەنگەن بىر ئېشەك ھەيدەپ كەلدى.

شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بايا كۆيگەن ئادەم نەدە؟» دېدى. ئادەم ئورنىدىن تۇردى، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «بۇنى ئالغىن ۋە سەدىقە قىلىپ تارقاتقىن» دېدى. ئادەم: «يا رەسۇلەللاھ! ئۆزىمىزدىن باشقىسىغا سەدىقە قىلامدىم؟ ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئاچ قالغۇچىلارمىز، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى ئۆزۈڭلار يەڭلار» دېدى[5].

بۇ ئادەمنىڭ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مەسچىتتە ئولتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يېنىغا كېلىپ: «يا رەسۇلەللاھ! كۆيدۈم، كۆيدۈم» دېيىشى، ئۇنىڭ تەۋبە قىلغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ: «سەدىقە بەرگىن» دېيىشى بىر گۇناھتىن تەۋبە قىلغان كىشىنىڭ كۈچى يەتسە سەدىقە قىلىشىنىڭ لازىملىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇ ئادەمنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ ئاچ قالغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇ ئادەمگە: «ئۇنداق بولسا، ئۇنى ئۆزۈڭلار يەڭلار» دېيىشى، كۈچى يەتمىگەنلەرنىڭ سەدىقە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنمايدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ»[6].

[1] 2 – سۈرە بەقەرە، 183 – ئايەت.

[2] 2 – سۈرە بەقەرە، 184 – ئايەت.

[3] بۇخارى، «سەۋم»، 29.

[4] 9 – سۈرە تەۋبە، 103- ۋە 104 – ئايەتلەر.

[5] بۇخارى، «ھۇدۇد»، 26، «سەۋم»، 29؛ مۇسلىم، «سىيام»، 87؛ ئەبۇ داۋۇد، «سەۋم»، 37.

[6] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 286 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر