مۇسۇلمانلار
روزا ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى، تارىخى 1

روزا ۋە ئۇنىڭ ھۆكمى، تارىخى

                                                                                                                                                       

1§. ئومۇمىي بايان

«ئاللاھ پەقەت تەقۋادارلارنىڭ ئەمەللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ». بۇ ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدە ئېلان قىلغان بىر پىرىنسپىدۇر[1]. بۇ پىرىنسىپقا ئاساسەن، ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن تەقۋادار بولۇش شەرت،  تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن ئەقىدىنى توغرىلاش، نەپسنى پاكلاش ۋە كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش لازىم. 2 – سۈرە بەقەرەنىڭ 177 – ئايىتى تەقۋادارلىقنىڭ مانا بۇ ئۈچ ئەركانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ[2].

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كىتاب نازىل قىلىشنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ ھېكمىتىنى ئىنسانلارنى قاراڭغۇلۇقلاردىن يورۇقلۇققا چىقىرىش دەپ بىلدۈرىدۇ[3]. چۈنكى ئىمان نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان قەلب كۇپۇر قاراڭغۇلۇقلىرىدا تېڭىرقايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قەلبنىڭ ئىگىسىنىڭ ئەقىدىسى قاراڭغۇلۇق (شېرىك)، ئەمىلى قاراڭغۇلۇق (بىدئەت)، تەسەۋۋۇرى قاراڭغۇلۇق (خۇراپات) بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ كىشى دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە بەختسىزلىككە مەھكۇم بولىدۇ. مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىنساننى يارىتىپ ئۇنىڭغا نەپسى بىلەن شەيتانغا ياكى ئەقلى بىلەن ۋەھىيگە ئەگىشىش توغرىسىدا ئەركىنلىك بەرگەن[4] بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەزكۇر قاراڭغۇلۇقلاردا قېلىشىغا رازى بولمايدۇ[5]. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ ئىنساننى تەقۋادار بولۇشقا يەنى ئەقىدىسىنى رۇسلاشقا، مۇئامىلىسىنى دۇرۇسلاشقا ۋە نەپسىنى پاكلاشقا بۇيرۇغان. قۇرئان كەرىمدىكى ئىبادەتلەرنى بۇنىڭ ئۈچۈن يولغا قويغان، ھۆكۈملەرنى بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلىگەن، قىسسەلەرنى بۇنىڭ ئۈچۈن بايان قىلغان. قىسقىسى قۇرئان كەرىمنى بۇنىڭ ئۈچۈن نازىل قىلغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن[6].

رامىزان روزىسىنى تۇتۇش ئەنە شۇ تەقۋادار بولۇش يولىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر، ھەتتا ئاساسلىق قىسمىدۇر. مۇناسىۋەتلىك ئايەتتە ئاللاھ تائالا روزىنىڭ پەرزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن ﴿لَعَلَّكُمْ تَتَّقُونَ – تەقۋادار بولغايسىلەر! دەيدۇ[7]. دېمەككى، تەقۋادار بولۇش ئۈچۈن روزا تۇتۇش كېرەك، چۈنكى روزا تۇتۇش نەپسنى كۆنگەن ئادەتلىرىدىن توسۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ ئۇنىڭغا رەببىنى، كائىناتنى ۋە ئۆزىنى تونۇش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەقىدىسىنى توغرىلايدۇ ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۈزىتىدۇ، شۇنداقلا نەپسىنى پاكلايدۇ. نەتىجىدە ئۇ تەقۋادار بولىدۇ. ئايەتنىڭ مەزمۇنى بۇ مەنىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

2§. روزىنىڭ ھۆكمى ۋە تارىخى

روزا تۇتۇش پەرزدۇر. بۇ پەرز بىز ئۇممەتى مۇھەممەدكە ئەمر قىلىنغاندەك بۇرۇنقى ئۇممەتلەرگىمۇ ئەمر قىلىنغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ كُتِبَ عَلَيۡكُمُ ٱلصِّيَامُ كَمَا كُتِبَ عَلَى ٱلَّذِينَ مِن قَبۡلِكُمۡ لَعَلَّكُمۡ تَتَّقُونَ  ١٨٣﴾

«ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. خۇددى سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغاندەك. روزىنى تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر!»[8].

مەنبە: ئەنەس ئالىم، لازىملىق دىنىي ئىلىملەر، ئىككى جىلد (ئىستانبۇل: سۈلەيمانىيە ۋەقفى نەشرىياتى، 2020)، 1: 109 – 110.

[1] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 27 – ئايەت.

[2] ئۇ ئايەتنىڭ مەنىسىنىڭ تەرجىمىسى مۇنداق: «مەشرىق ۋە مەغرىب تەرەپكە يۈز كەلتۈرگەنلىكىڭلارلا ياخشىلىق ئەمەس. لېكىن ياخشىلىق ئاللاھقا، ئاخىرەت كۈنىگە، پەرىشتىلەرگە، كىتابقا ۋە نەبىيلەرگە ئىمان ئېيتقان، مېلىنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە، يولۇچىلارغا، ياردەم سورىغۇچىلارغا ۋە قۇللارنى ئازاد قىلىشقا بەرگەن، نامازنى كامىل ۋە داۋاملىق ئۆتىگەن، زاكاتنى بەرگەن كىشىنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. شۇنىڭدەك، قىلىشقان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. بولۇپمۇ قىيىنچىلىقتا، جاپا – مۇشەققەتتە ۋە ئۇرۇش ۋاقتىدا سەۋر قىلغانلارنىڭ قىلمىشلىرىدۇر. ئەنە شۇلار راست سۆزلىگەن كىشىلەردۇر، ئەنە شۇلار تەقۋادار بولغۇچىلاردۇر» (2 – سۈرە بەقەرە، 177 – ئايەت).

[3] قاراڭ: 5 – سۈرە مائىدە، 15- ۋە 16 – ئايەتلەر؛ 14 – سۈرە ئىبراھىم، 1 – ۋە 5 – ئايەتلەر؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 9 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 10 – ۋە 11 – ئايەتلەر.

[4] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 256 – ئايەت؛ 18 – سۈرە كەھف، 29 – ئايەت؛ 26 – سۈرە شۇئەرا، 3~4 – ئايەتلەر.

[5] قاراڭ: 39 – سۈرە زۇمەر، 7 – ئايەت.

[6] قاراڭ: 14 – سۈرە ئىبراھىم، 1 – ئايەت؛ 16 – سۈرە نەھل، 64 – ئايەت؛ 25 – سۈرە فۇرقان، 1 – ئايەت؛ 57 – سۈرە ھەدىد، 9 – ئايەت؛ 65 – سۈرە تالاق، 11 – ئايەت.

[7] قاراڭ: 2 – سۈرە بەقەرە، 183 – ئايەت.

[8] 2 – سۈرە بەقەرە، 183 – ئايەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر